ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىر كۈنى

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى، شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغان بىرسى ئۈچۈن شېئىر يازدىم، بىر ئۆمۈر شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن شېئىر يازغاندەك. ئۇلار بوۋاق بالىدەك، بىركۈنلەردە چۈشىنىدىغاندەك. ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى، رەڭلىك قەلەمدە شېئىر يازدىم. رەڭ قارىغۇسى...

تۇيۇق

ياپراقلار تۆكۈلدى، قاقشال بولدى گۈل، قالمىدى بىر ياپراق، گۈل بەرگى تۈگۈل. ئويغاققا ئىگىسى ئېچىلدۇرارمىش، رامىزان كېچىسى خۇشبۇي لەيلىگۈل....
ئۈمىد بەرگى

ئۈمىد بەرگى

ئۇخلىماي كۆنۈپ قالدىم، چۈشلەرنىڭ مەززىسى قالمىدى. قېلىن- قېلىن كىتابلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدىم، غېرىبلىق مېنى تاپالمىدى. تۈنۈگۈنكى مەن بىر يەرلەردە قالدى، نۈسرەت نەدىسەن؟ يولۇڭغا قاراپ كۆزلىرىم تالدى. دېكابىرنىڭ قارى، يالغۇزلۇقنىڭ ئارى، ئۈزۈلدى تەكرار، ئۈزۈلدى تەكرار،...

ھېكمەت

«مۇساپىر» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «مېھمان» بولغان بىر ئەلدە يۈرگىنىمدە، قارا كۆزلەر قارارسىزلىقنىڭ زۇلمىتىنى ئەسلەتكىنىدە، يامغۇرلۇق كېچىدە سېغىنىش ئىزتىراپىنى چەككىنىمدە، كېچىنىڭ سالقىن شامىلىدەك، چۈشلىرىمگە كىرگىنىڭدە، ناتونۇش بوۋايلار قولۇمنى سىقىپ بەخىت تىلىگىنىدە،...

بوغۇلۇش

مەن دولقۇنلۇق دېڭىزنىڭ باغرىدا. بىر يۇتۇم سۇ نەپسىمنى بوغۇشقا يېتەر. پۇت- قوللىرىمدا مادار قالمىغان دەقىقە، كۆزلىرىم كۆكتە، قەلبىم رەبتە، پۈتۈن ئەس- يادىم بىر سەجدە مىقدارى ھايات ئىستەر. ئازادە مىنۇتلاردا تومۇر- تومۇرلىرىمدا غەۋغا كۆتۈرۈشكەن شەيتانلار، ئۇتۇقلىرىمغا...