لېرىك مۇزىكا،
چايقىلار بەدەن.
دەسسەر ۋالىسقا،
مەستانە قەدەم.
ئويلايدۇ پەقەت:
«ئويناي قانغۇچە،
كېلەر بىر قېتىم
دۇنياغا ئادەم.»

ئايلىنار رۇمكا،
ئايلىنار جاھان.
قالماس باقىي بوپ،
مۇندا شاھ – قاغان.
بىردەملىك ھوزۇر،
دەقىقلىق شاتلىق،
قوزغار كەلگۈسى،
قەلىبتە پىغان.

كىتاب ۋاراقلار،
مۈكچىيىپ بىرى.
ناتونۇش بولغاچ،
ئالەم سىرلىرى.
ئۆتەر كېچىلەر،
كېتەر كېچىلەر،
ئارمان ئۈچۈن ئۇ،
تۆكەر ئۈنچىلەر.
گەر كەتسە بىر كۈن،
دۇنيادىن مەغرۇر،
تاۋۇتىن جىمى
جاندار كۆتىرەر.