سەن ۋەسۋەسىلەرگە ئىشىكىڭنى ئېچىۋېرىسەن، ئۇلار كىرىۋېرىدۇ. يۇپۇرۇلۇپ بەشتىن، ئوندىن كېلىشىپ سېنى ئىسكەنجىگە ئالغىنىدا ئۆزۈڭنىڭ ھالسىزلىنىۋاتقىنىڭنى سېزىسەن. قەلبىڭ بىئاراملىققا تولىدۇ. ئىشىكنى ئاچماستا خېلى ياخشى ئىكەنلىكىڭنى ئەمدى ھېس قىلىسەن. ئاتاڭ سېنى ئەيىبلەيدۇ. ئاۋام سېنى تىللايدۇ. قەلبىڭدىن ئۆچەي- ئۆچەي دەۋاتقان ھارارەتنى ھېس قىلغىنىڭدا كۆزلىرىڭدە ئۈمىدنىڭ نۇرى غىل-پال چاقنايدۇ. ئۆيۈڭدىن جىمى-جىمى ۋەسۋەسىلەرنى قوغلىۋېتىپ يۈرەك سوقۇشلىرىڭنى، ھېچ بولمىغاندا سائىتىڭنى چىكىلداشلىرىنى ئاڭلاپ ھوزۇرلانماق بولىسەن. جىمجىتلىقنىڭ ئاجايىپ كاتتا نېمەت ئىكەنلىكىنى بىردىن تونۇيسەن. ئۈستۈڭدىن بېسىۋاتقان ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلماق نىيىتىدە يۇلقۇنۇپ باقىسەن. كىرپىكلىرىڭگە ئېسىلغانلار كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ. يەنە بىرلىرى قوللىرىڭدىن تارتىپ سېنى ياتقۇزىدۇ. ئۇلار كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيۋاتقان ئاناڭ يەنە كايىشىنى باشلايدۇ. ئاتاڭ ئېغىر تىنغىنىچە تالاغا ماڭىدۇ. ۋەسۋەسىلەر ئۆيۈڭگە لىق تولىدۇ. سەن ۋەسۋەسىگە تويىسەن. ئۇلار بىر-بىرلەپ ئۆيۈڭدىكى گۈزەللىكلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، نۇرنى يوقىتىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا زەئىپ ئىڭراشلىرىڭنى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ.