ھېكمەتلەر بىھۇدە ئۇچماقتا ئەنە،
كۈنلىرىم قۇزغۇنغا يەم بولدى يەنە.
يىغلىدىم زورۇقۇپ تۇپراق بېشىدا،
ئۆيۈمدە ئەندىشەم ئۇنتۇلدى يەنە.

كوھىقاپ، شۇم بوران، قاپقارا بىر چۈش،
ئويغىنىش شۇنچە تەس، ئازابلىق جەريان.
چۈشۈمدە كۆرگەن قىز قاراشلىرىدا،
جىمىكى مەۋجۇدلۇق بولماقتا گۇمران.

تەراۋىھ، خەتمىلەر ئاقماقتا شىر- شىر،
كىچىكلەپ بارماقتا كۆكتە قۇتلۇق ئاي.
رامىزان پەيتىدە غېرىبمۇ سەن گۈل،
يۈرەمسەن غەم بىلەن يېشىڭ قۇرۇتماي؟