داموللا ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇل ۋارىس قەشقەرى

ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ھەممە سۆزدىن ئۇلۇغ ۋە يۈكسەكتۇر»
س: ئىنساننىڭ بەخت- سائادىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟
ج: ھەق ۋە راستچىل دىنغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ.

س: ھەق ۋە راستچىل دىن قايسىدۇر؟
ج: ھەق ۋە راستچىل دىن – ئاللاھ ھوزۇرىدا قوبۇل بولغان ئىسلام دىنىدۇر.

س: ئىنسان قايسى سۆز بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۆئمىن – مۇسۇلمان بولىدۇ؟
ج: كەلىمە تەيىبە(پاك سۆز) نى تىلى بىلەن سۆزلەپ، مەنىسىنى چۈشىنىپ،دىلى بىلەن تەستىق قىلماقـ-
ـلىق بىلەن بولىدۇ.

س: كەلىمە تەييىبە قايسىدۇر؟
ج: «لائىلاھە ئىللەللا مۇھەممەدەن رەسۇلىللا» دۇر.

س: كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: بىر ئاللاھتىن باشقا (ھېچ) ئىبادەت قىلىنغۇچى ۋە ياراتقۇچى يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
ئاللاھ تائالانىڭ بىز ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىدۇر.

س: قانداق كىشى كامىل مۆئمىن ۋە مۇسۇلمان بولىدۇر؟
ج: ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، شەرىئەتتە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈملەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ،
ئىتائەت قىلغان كىشى كامىل مۆئمىن- مۇسۇلمان بولىدۇر.

س: ئىمان دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالاغا ۋە پەرىشتىلەرگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە،ياخشىلىق
ۋە يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولۇشىغا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ ھەق – راستلىقىغا
ئىشىنىپ قوبۇل قىلىشتۇر.

س: ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش قايسى يوسۇندا بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا باردۇر، بىردۇر، قەدىمىيدۇر، ھېچ شېرىكى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بۈيۈك سۈپەتلىرى
بىلەن دائىم سۈپەتلەنگۈچىدۇر. بارچە ئەيىب- نوقسانلاردىن پاك ۋە خالىيدۇر.

س: ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈك سۈپەتلىرى قايسى سۈپەتلەردۇر؟
ج: ئاللاھ تائالا «ھەييۇن»، «ئالىمۇن»، «مۇرىدۇن»، «قادىرۇن»، «مۇتەكەللىمۇن»، «مۇكەۋۋىنۇن»،
«سەمىئۇن»، «بەسىرۇن»… دۇر.

س: «ھەييۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا تىرىكتۇر. ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. تىرىكلىكى جىسىم ۋە جان بىلەن ئەمەستۇر،بەلكى ئۆزىگە
لايىق سۈپىتى بىلەن تىرىكتۇر.

س: «ئالىمۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەرنى (مەيلى ئۇ) ئاشكارا بولسۇن ياكى يوشۇرۇن بولسۇن تامامەن بىلـ-
ـگۈچىدۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر. (ئاللاھ تائالانىڭ) بىلمىكى ئاقىل
ۋە زېھىن بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈپىتى بىلەن بىلگۈچىدۇر.

س: «مۇرىدۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بىلەن بولىدۇ.

س: «قادىرۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر كۈچى يەتكۈچىدۇر. ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەستۇر.

س: «مۇتەكەللىمۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا سۆزلىگۈچىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىشى
تىل- ئېغىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈپىتى بىلەن سۆزلىگۈچىدۇر.

س: «مۇكەۋۋىنۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە پەيدا قىلغۇچىدۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ يارىـ-
ـتىشى بىلەن ئاپىرىدە بولغاندۇر.

س: «سەمىئۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر.ئاللاھ تائالانىڭ ئاڭلىشى قۇلاق بىلەن ئەمەستۇر.بەلكى
ئۆزىگە لايىق سۈپىتى بىلەن ئاڭلىغۇچىدۇر.

س: «بەسىرۇن» نىڭ مەنىسى نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى كۆرگۈچىدۇر. ھەتتا قاراڭغۇ كېچىدە قارا تاش ئۈستىدىكى قارا
چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ كۆرمىكى كۆز بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە
خاس سۈپەت بىلەن كۆرگۈچىدۇر.

س: پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرى باردۇر.ئۇلارنى نۇردىن ياراتقاندۇر. ئۇلار ئەركەك-چىشى دېيىلمەيدۇ.
ئۇلاردا يىيىش- ئىچىش يوقتۇر. ئۇلار دائىم ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدە بولغۇچى ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك
بەندىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا يېقىن چوڭراقلىرى جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسراپىل ۋە
ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامدۇر.

س: (ئاللاھ تائالانىڭ) كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئىسلاھ قىلىش، كىشىلىك ھاياتتا ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن،پەيغەمبەر-
لەرگە كىتاب ئىبەرتكەندۇر.ئۇ كىتابلاردا بۇيرۇش، چەكلەش، ۋەدە (يەنى مۆئمىن- مۇسۇلمانلارغا جەنـ-
ـنەت ئاتا قىلىشقا) ئازاب (يەنى كاپىرلارغا ئازاب بېرىش) لىرىنى ۋە بەندىلەرنىڭ دىنى ۋە ئىقتىسادىي
جەھەتتىكى مەنپەئەت ۋە زەرەرلىرىنى بايان قىلغاندۇر.
ئۇ كىتابلار: تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر، قۇرئان ۋە باشقا سەھىيپىلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ كىتابلارنىڭ
ھەممىدىن ئەۋزىلى ۋە ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرى قىيامەتكىچە كۈچكە
ئىگىدۇر.

س: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش قايسى يوسۇندا بولىدۇ؟
ج: ئاللاھ تائالا ئۆز پەزىلىتى بىلەن بەندىلىرىنى توغرا يولغا كىرگۈزمەك ئۈچۈن پەيغەمبەرلەنى ئىبەرتـ-
ـكەندۇر. ئۇلار ئىنسانلارنى تەۋھىدكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، ئەخلاقلىق بولۇش…قاتارلىق ئىشـ-
ـلارغا دەۋەت قىلىپ، شېرىك ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يامان ئىشلاردىن خالىي،
راستچىل كىشىلەردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋۋىلى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ
ئاخىرقىسى ۋە ھەممىدىن ئەۋزىلى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

س: قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: قىيامەت كۈنىدە بەندىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىگە قارىتا مۇكاپات،جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەق
ۋە راستتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئاشۇ كۈن توغرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىـ-
ـسىنىڭ پۈتۈنلەي توغرىلىقى شەكسىزدۇر.

س: تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش قايسى يول بىلەن بولىدۇ؟
ج: بەندىلەرنىڭ مەيلى ياخشى ياكى يامان ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. لېكىن،
ئاللاھ تائالا ياخشى ئەمەللەرگە رازى، يامان ئەمەللەردىن رازى ئەمەستۇر.

س: ئىسلام دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھنى بىر دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج تاۋاپ
قىلىشتۇر.

س: شاھادەت (گۇۋاھلىق بېرىش) دېگەن نېمە؟
ج: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرگە ئىبەرتكەن ئەلچىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بەرمەكتۇر.

س: ناماز دېگەن نېمە؟
ج: بەش ۋاق نامازنى شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق تەئدىل- ئەركانلىرى بىلەن رۇسلاپ ئوقۇماقتۇر.

س: زاكات دېگەن نېمە؟
ج: مال- مۈلكى ئۆز ھاجىتىدىن ئېشىپ ھېسابىغا يەتكەندە پېقىر مىسكىنلەرگە مەلۇم مىقداردا ئايرىپ
بېرىش، زاكات دىيىلىدۇ. زاكاتنىڭ مەنىسى مال- مۈلۈكنى پاكلاش دېمەكتۇر. زاكات بەرمىگەن مالـ-
ـمۈلۈك نىجىستۇر. تېرىش- سۇغىرىش بىلەن ئۆستۈرىلىدىغان زىرائەتلەرنىڭ زاكىتى ئۆشرە دىيىلىدۇ.
ئۆشرە بەرمىگەن زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ناپاك (ھارام) دۇر.

س: روزا تۇتۇش دېگەن نېمە؟
ج: رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن سۈبھى يورىغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈن كىرىپ كەتكەنگىچە
قەدەر يىمەك- ئىچمەك ۋە جىنسى ئالاقىنى تەرك ئەتمەكتۇر.

س: ھەج تاۋاپ قىلىش دېگەن نېمە؟
ج: بەيتۇللاغا بېرىپ كەلگىچە (ئىقتىسادىي جەھەتتىن) يولدىكى خىراجەت- چىقىملىرىغا ۋە ئائىلىسىدىـ-
ـكىلەرنىڭ نەپىقە ۋە ھاجەتلىرىگە يەتكۈدەك نەرسىگە قادىر بولغان كىشىنىڭ مۇمكىن بولسا ئۆمرىدە بىر
قېتىم ھەج تاۋاپ قىلىشى پەرزدۇر.

س: ئىماننىڭ خۇلاسىسى نېمە؟
ج: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ نامىدىن بىرەر ئەمرىگە بۇيرىغان ياكى توسقان بولسا ئەشۇ ئەمرنىڭ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن دېيىلگەنلىكى قۇرئان كەرىم ياكى سەھىھ ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغانلىقى بىلىنـ-
ـسە، ئاڭا تىل بىلەن ئىقرار ۋە دىل بىلەن تەستىق قىلىپ شۇ بويىچە قىلماقلىقتۇر.

س: ئىلىم ئۈگىنىش دېگەن نېمە؟
ج: ئىلىم ئۈگىنىش ئەر- ئاياللارغا ئوخشاشلا پەرھىزدۇر. ئىلىم ئۈگىنىش بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى
بەخىت- سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

س: مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب نېمە؟
ج: سەۋەب ئىككىدۇر. بىرىنچى، بىلىمسىزلىك ۋە مۇتەئەسسىپلىكتۇر. ئىككىنچى، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە
ئىختىلاپتۇر. ھەر قانداق قەۋم ۋە مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشىدىكى (ئاساسلىق)
سەۋەب نادانلىق ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىقتۇر.

س: ئىززەت- ئابروي ۋە زور كۈچ قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
ج: ئىلىم مەرىپەت ئۈگىنىش ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزلەرنى
ئۆز ئارا ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار ئارا ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرۇيدۇ.

«ھەممىڭلار بىردەك ئاللاھ يولىغا (قۇرئان كەرىم ئەتراپىغا) زىچ ئۇيۇشۇڭلار ئۆز ئارا بۆلۈنمەڭلار».

ھىدايەتكە ئەگەشكۈچىلەرگە سالام!

ئوچۇق پىكىرلىك دىنداش مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن ئۈمىدىم شۇكى، بۇ كىتابنى ئائىلە ئەۋلادلىرىغا بىلـ-
ـدۈرۈش ۋە ئوقۇتۇپ، يادا ئالدۇرۇشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويمىغاي.

«چوقۇم ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ».