نەزىرە مۇھەممەد سالىھ

بۇندىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بىر پەيلاسوپ «ئەگەر ئاياللار تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزىلىدۇ، ئىنسانىيەت
گۈللىنىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن. دەرھەقىقەت، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن
ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە. ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزۈدىغان ئاياللار ئۆز ئۆزىگە خوجا،
مىللەتنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى يارىتالايدىغان ئېتىقادلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ. بىز ئىنسانىيەت تارىـ-
ـخىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان تالاي بۈيۈك ئىمپېرىيە، قۇدرەتلىك خاندانلىقلارنىڭ پاجىئە سەۋەبلىرىدىن ئەقـ-
ـلىى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىگەن ئاياللار ھالاكىتى، دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى ھەرۋاقىت ئۆز يىلتىـ-
ـزىدىن ئوزۇق ئېلىپ، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈستىدە ئويلانمىغان ئادەمنىڭ تىككەن كۆچەتلىرىگىمۇ خۇددى
ئۆزىگە ئوخشاش بەرىكەتسىزلىك ۋە يوقىلىش ئاقىۋىتى پۈتۈلگەن بولىدۇ.

مەن قەدىمىي پارلاق مەدەنىيەتكە، شانۇ- شەۋكەتلىك سەلتەنەتلەرگە ئىگە بولغان خەلقىمنىڭ ئازاب ۋە
ئۈمىد، كۆز ياش ۋە خۇشھاللىق بىلەن تولغان ئۆتمۈشىنى ۋاراقلاپ باقتىم. رېئاللىققا قويۇلغان تالاي
ئېغىر سۇئاللىرىمنىڭ بىرى گۈزەل ۋە ئەقىللىق ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قويۇلغان سۇئال ئىدى. ئۇيغۇر خەلق
ئېغىز ئەدەبىياتىدا يارىتىلغان سانسىزلىغان گۈزەل ئوبرازلارنىڭ پروتوتىپى دەل رېئاللىقتىكى غايىلىك ۋە
شىجائەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر. ئانا زېمىننى قوغداش يولىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان باتۇر تۇما-
رىس، ئەركىنلىك، پاكلىق ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قەھرىمان نازۇگۇم، گۈزەل شېـ-
ـئىرى مىسرالىرى بىلەن ئەركىنلىكنى كۈيلەپ تارىخ بېتىگە ئۆچمەس نامى يېزىلغان زىببۇننىسا خېنىم، قا-
راڭغۇ يىللارنىڭ جاھالەت پەردىلىرىنى يىرتىپ، مائارىپ- مەدەنىيەت نۇرلىرىنى تاراتقان راھىلە خانىمنىڭ
ئەقىل- پاراسەت، غەيرەت- شىجائىتىنىڭ ئىرسىي گېنلىرىنى بىز بۈگۈن شۇلارنىڭ قىزى بولمىش ئۇيغۇر
ئاياللىرىدىن ئىزلەپ تاپالايمىز. ئەپسۇس، خۇددى قۇرۇپ كېتىۋاتقان تارىم ۋادىسىغا ئوخشاش بۇ جۇ-
لالىق ئېرسىي گېننى توپا باسقان، ئۇ خۇددى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن تۇرپان كارىزلىرىدەك ئۇنتۇلغان.

فىرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى بالزاكنىڭ «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى
بىز تالاي ئاڭلاپ كىتابلارغا پۈتتۇق. ئەمما بۇنى چىن مەنىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجابىي نەتىجىسى
ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ ئىزنالىرى رېئاللىقىمىزدا بارمۇ؟ بۇ رىقابەت ئەسىرىدە مەۋجۇت بولۇشىمىز ۋە داۋامـ-
ـلىشىشىمىزنىڭ بىر ئۇچىنىڭ بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئاياللار ئىكەنلىكىنى قانچىمىز تونۇپ
يەتتۇق؟ ۋاقىت ئەقىللىقراق، ياخشىراق، تولۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇپ يېتىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە
ئىنئام قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغا. ئىلىم- مەرىپەتنىڭ ئىنساننى ئەزىز خوجايىنغا ئايلاندۇرىدىغىنى، جا-
ھالەت- نادانلىقنىڭ قۇللۇق ئاسارىتىگە چۈشۈرۈپ قوىۇدىغىنى تارىخىي قىسمەت بىزگە ئاتا قىلغان ھە-
قىقەتتۇر. ئۇيغۇر نەسلىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلىغۇچى ۋە تەربىيىلىگۈچى ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ۋاقىت
تۇيغۇسى، ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئىلىم- مەرىپەت بىلەن تاكامۇللاشتۇرۇشى جىددى زۆ-
رۈرىيەت ۋە باش تارتىپ بولماس تارىخىي بۇرچتۇر.

مىسىرلىق ئالىمە خەۋلە دەرۋىش «ئاياللارنىڭ باردى- كەلدىسى» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
» › ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەندە قىيامەت كۈنى
مۇنداق تۆت نەرسە ئۈستىدە سورىلىدۇ. يەنى ۋاقىتنى قايسى ئىشلارغا سەرپ قىلغىنى، ئىلىمنى نېمىگە
ئىشلەتكىنى، مال- مۈلكىنى قايسى خىل يول بىلەن تاپقىنى ۋە نېمىلەرگە سەرپ قىلغىنى، ئەجىلى پۈتـ-
ـكۈچە قانداق ئەمەللەرنى قىلغانلىقى.‹ شۇنداق، كىمىكى ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا زايە قىلىۋېتىدىكەن،
ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ تولۇقلانماس بىر بۆلىكىنى زايە قىلغان بولىدۇ. ئايالنىڭ ۋاقتى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنـ-
ـلىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق دېيىلسە ئايال ئۆز ئېرى ۋە بالىلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى، جەمئىيەت ۋە مىلـ-
ـلەت ئالدىدىكى بۇرچىنى قاچان ئادا قىلىدۇ؟»
دەرۋەقە، ۋاقىت ھەربىر ئادەمنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىدىغان ھېسابى- سورىقى يوق شەخسىي مۈلكى ئە-
مەس، جۈملىدىن ئايالنىڭمۇ شۇنداق. ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنى ئۆزى ئەتىۋارلىغان، كۆزىگە قارىغان با-
لىلىرىنى ئاتا- ئانىنىڭ ھامىيلىقىدا ئەمەس، ھېچكىمنىڭ خەيرىخاھلىقى بولمىغان كەلگۈسىدە نېنى پۈتۈن
تېپىپ يېيەلەيدىغان، ئۆز تەقدىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدىغان خوجا، ياراملىق ئىزباسار قىلىپ تەربىيىـ-
ـلەش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى رېئاللىق مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن باشقىچە ئىدى. ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان قىز-
ئاياللارنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدە قېلىشىنىڭ سەۋەبىنىغۇ يوقسۇزلۇق، نامراتلىق تۈپەيلى دېسەك، ئۆگىنىش
ۋە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە تەلەيلىك قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ تارىخىي بۇرچىنى، بالىلىرىنى، ئەر-
لىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئويناۋاتقان تېتىقسىز قاتار چاي، تۈگىمەس ئولتۇرۇشلىرىنى نېمىدەپ چۈشەندۈ-
رىمىز؟

«شائىرلار ئەمرى» دەپ نام ئالغان مەشھۇر ئەرەب شائىرى ئەھمەد شەۋقىي (1868-1932) ئاتا- ئا-
نىنىڭ بالىنى تەربىيىلەپ، ياراملىق ئادەم قىلىش مەجبۇرىيىتى ھەققىدە مۇنداق ھېكمەتلىك مىسرالارنى
يېزىپ قالدۇرغان:
يېتىم ئەمەس تۈگەپ ئاتا- ئانىسى،
خار ۋە زەبۇن ئېغىر كۈندە قالغۇچى.
ئانىسى پەرۋاسىز، ئاتا ئالدىراش،
دەل شۇدۇر يېتىمەك دەپ ئاتالغۇچى.
شۇنداق، بۇ رەڭدار دۇنياغا تاشلاپ قويۇلغان بالىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقى،
كىملەر بىلەن بېرىش- كېلىش قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق، كىملەرنىڭدۇ ئۇزۇن- قىسقىلىقى، ئەڭ
يېڭى مودا، ئالتۇن زىبۇ- زىننەتتىن باشقا ئەھمىيەتلىكرەك بىرەر سۆھبەت تېمىسىمۇ يوق قاتار چاي،
ئولتۇرۇشلارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئانىنىڭ تىرىكلىكىنىڭ بەلگىسى نېمە؟ مۇنداق ئانىغا بالا بولغۇ-
چىنىڭ،رىزىقىنى خۇدايىم بېرىۋاتقان، ئەمما كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ، ئەجىر سىڭـ-
ـدۈرىدىغان ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىمدىن نېمە پەرقى؟ ئادىمىزاتنىڭ ئادىمىيلىكى ئۇنىڭ ئۇچار
قۇشلاردىن يىرتقۇچلارغىچە پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئاتا- ئانا بولغۇچىغا ئورتاق بولغان بالا تۇ-
غۇش، ئۇنى ئاچ- يالىڭاچلىقتىن ساقلاش، ھىمايىسىگە ئېلىشتا ئەمەس، بەلكى ھاياتىنىڭ داۋامى بولغان
بالىلىرىنى جاپالىق ئەجىر، تەربىيە بىلەن ئانا زېمىننىڭ گۈللەندۈرگۈچى خوجىلىرىغا ئايلاندۇرۇشتا.

ئىنسان تۇغۇلىشىدىلا ئۇنىڭدا ياخشى ۋە يامان، گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى تەبىئىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدا-
رى بولىدۇ. ئەمما رېئاللىقنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇچى رەڭگارەڭ چىراقلىرى ئاستىدا پەقەت توغرا ئائىلە
تەربىيىسىلا بالىدىكى بۇ تەبىئىي ئىقتىدارنىڭ خىرەلىشىپ قالماستىن تېخىمۇ جۇلالىنىشىغا ئاساس سالىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئانا- ئاياللىق خاراكتېرىدىكى ئەۋرىشىملىك، يۇمشاقلىق، مېھىر- مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيىـ-
ـسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت توغرا پەرۋىش قىلىنغان مايسىنى تېخىـ-
ـمۇ كۆكلىتەلەيدۇكى، باغۋەننىڭ ئەجرىسىز قىڭغىر ئۆسكەن كۆچەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەنمۇ مېۋىـ-
ـگە كىرگۈزەلمەيدۇ.

ئامېرىكىلىق دوكتۇر كاسىس كارل «ناتونۇش ئىنسان» دېگەن كىتابىدا قاتتىق ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە مۇنـ-
ـداق قۇرلارنى يازغان: «زامانىۋى جەمئىيەت مەكتەپ تەربىيىسىنى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىـ-
ـتىشتەك زور بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىگە، مەكتەپكە تاشلاپ بېرىپ ئۆز ۋاقتىنى
خىزمەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا سۆرەلمىلىك بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدى.
ھازىرقى زاماندىكى ئائىلە بىرلىكى ۋە مېھرى- مۇھەببەتنىڭ يوقىلىشىدا ئۇلارنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى
بار. بالا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز مۇھىتىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ. بالىنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى
ۋە خاراكتېر پىسخىكىسى ئائىلىدە تەدرىجى شەكىللىنىدۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ھالبۇكى بالىلارنىڭ ئۆز تەڭـ-
ـتۇشلىرىدىن ئۆگىنىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار ساپاسى، ئاياللارنى تاكامۇللاشتۇرۇش
ئەڭ مۇھىم زۆرۈرىيەت. ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن زور».
چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھېكمەت چاقناپ تۇرغان شېئىرلىرى بىلەن قەلبلەردىن ئورۇن ئالغان مىسىرلىق شائىر
ھافىز ئىبراھىم (1871-1937) بالا تەربىيىسىدىن ئايالنى ئەتراپلىق تەربىيىلەش ۋە ئانىلارنىڭ رولى
ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئانا بىر ئۇلۇغ مەكتەپ، ئەتراپلىق تەربىيىلەنگەن، يېتىلگەن ئانىنى بارلىققا
كەلتۈرگىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۈرگىنىڭ، ئانا گويا بىر باغچا،
ئەگەر ئۇنى ئوبدان پەرۋىش قىلىپ سۇغۇرساڭ ئۇنىڭ ياپراقلىرىنىڭ سايىسى نە- نەلەرگە يېتىدۇ. ئانا
ئۇستازلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى، ئۇنىڭ ئىزلىرىنى سەن ھەتتا ئۇپۇقتىمۇ كۆرەلەيسەن».

شۇنداق، مەن كۆرۈۋاتقان ئاياللاردىكى ئۇپا- ئەڭلىك، كىيىمگە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى ئىلىم، كىتابقا
بولغان ھېرىسمەنلىك، توي- تۆكۈن، چاي- ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارنىڭ ئورنىنى يۈرەك پارىلىرىنىڭ
ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۆكۈش ئىگىلىگەن، غايىمىز ۋە پەخرىمىز ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلا ئەمەس، دوكـ-
ـتۇرە، ئالىمەلەرنى يېتىشتۈرۈش بولسىدى، خەلقىمىز يېڭى ئەسىرنىڭ غۇۋالىقلىرىدىن ئۈمىدلىك كەلگۈسىنى
كۆرگەن بولاتتى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي خەلقلەر ھاياتىدىكى مەدەنىيەت ئويغىنىشى ۋە ئا-
قارتىش دولقۇنىنىڭ سەركەردىسى بولغان تاتار مىللىتى مۇتەپەككۇرلىرىدىن رىزائىددىن ئىبنىي فەخرىددىن
كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقتىن ھەسرەتكە چۈمۈپ مۇنداق قۇرلانى يازغانىدى: «نېمىشقا بىز ياشاۋاتقان
ئۇشبۇ كۈنلەردە فارابىي، ئىبىن سىنا، مۇھەممەد ئىسمائىل بۇخارىي، ئىبنىي خەلدۇن، ئىمام ئەبۇ ھە-
نەفىي، ئابدۇللا ئىبنىي مۇبارەك، سىبەۋىي، ئىبنىي رۇشىد كەبىي بۈيۈك زاتلار چىقمايدۇ؟ بۇنىڭغا ئۇ
زامان ئەشۇنداق زاتلارنى يېتىشتۈرۈشكە مۇسائىد (ياردەمچى) ئىدى، بىزنىڭ زامانىمىز ئۇنداق ئەمەس،
دېيىش توغرا جاۋاب بولمايدۇ. زامان ئۆزگەرگىنى يوق، ئادەملەر بولسا بارغانسېرى ئىلىم- مەرىپەت،
تەرەققىياتنىڭ پايدىسىنى تونۇپ شۇنىڭغا يۈزلەنمەكتە. ئىسلام دۇنياسىدا ئۇ زامانلاردا بۈيۈك زاتلار يېـ-
ـتىشىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى بالىلىرىنى بۈيۈك ئادەم سۈرىتىدە تەربىيىلەيدىغان مەرىپەتلىك ئانىلار بولغانـ-
ـلىقىدا. ئەمما زامانىمىزدا ئۇنداق ئانىلار تۈگەپ كەتتى. ئەگەر بۇ دەۋردە ھەم شۇنداق ئانىلار بولسىدى،
چوڭقۇر پىكىرلىك، ئالىي ھىممەتلىك، گۈزەل خۇلقلۇق ئالىملار، ئىنسانلىق دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلـ-
ـغۇچى مۇجەددىد (يېڭىلىغۇچى) ۋە مۇختەرىئىيلەر (كەشپىياتچىلار) بارلىققا كەلگەن بولاتتى. ئېھتىمالكى،
ئاش، سۇ، ئۈنچە- مارجان، قوناق، قالپاق سۆزىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئاياللار ئىسلاھىي ئائىلە،
تەربىيەئىي ئەۋلاد، ئىدارەئىي مەنزىل (ئۆي)كەبىي مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ھەم بىلمەس. قىزلارنى ئو-
قۇتۇڭلار، مىللەت ئانىلىرى يېتىشسۇن!»

مەن 1997- يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكا بىلەن ئىسلام روھىنىڭ ئاجايىپ يېتۈك
ماسلىقىنى بەرپا قىلغان، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن قورشالغان دۆ-
لەت- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھاياتىمنىڭ تۆت يېرىم يىلىنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. بۇ يەردە
دۇنيا مەنىۋىيىتىگە ئىسلام دىنى ۋە «قۇرئان كەرىم» دەستۇرىنى ئاتا قىلغان، قەدىمدىن تارتىپ تۈركىي
خەلقلەر بىلەن تىل، ئەدەبىيات- سەنئەت، سودا- سېتىق جەھەتلەردە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش، قوبۇل
قىلىش مۇناسىۋىتىدە بوپكەلگەن ئەرەب مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋىلىك
بىرلەشكەن روھىيەت قۇرۇلمىسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. بىرلىك كەم بولسىمۇ، پىداكارانە روھ،
تەۋرەنمەس ئېتىقاد بىلەن ئويغىنىش ئىچىدە دولقۇنلاپ تۇرغان بۇ قەدىمىي روھ كىشىگە ئۈمىد بېغىشـ-
ـلايتتى. قۇياش تەپتىدە يالقۇنسىز كۆيۈۋاتقان دېڭىز بويىدىكى بۇ چوغدەك زېمىندىن شىنجاڭ ئۇنىۋېر-
سىتېدىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا تولدۇرالالمىغان بوشلۇقلارغا جاۋاب چىقىدىغاندەك قىلاتتى.
دەسلەپتە پورتۇگالىيە ئاندىن ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 1971- يىلى
مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مول نېفىت بايلىقى بىلەن توغرا ئىقتىسادىي پىلان ۋە سىياسەتكە تايىنىپ
قىسقىغىنە 20 نەچچە يىلدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندا
تۇرۇدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. زامانىۋى پەن- تېخنىكىغا ئىگە بۇ دۆلەتنىڭ ئانا تىلغا، مەدەنىيىتى ۋە تا-
رىخىغا بولغان يۈكسەك ئېتىبارى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى ماڭا ساناقسىز سۇئاللار بىلەن ئازابلىق جاۋابـ-
ـلارنى ئاتا قىلدى.

گەرچە بۇ دۆلەتتە ئىنگلىز تىلى ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ ئىشلىتىلىدىغان، يەسلى مائارىپىدىن باشلاپلا بالىلار
ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىدىغان بولسىمۇ، مەن بىرەر ئەرەب بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئۆيدە ۋە كوچىلاردا
ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەشكىنىنى كۆرمىدىم. ھەقىقەتەن چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش دۇنياغا يۈزلىنىشتىكى زۆ-
رۈرىيەت، بىراق ئۇنى ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇش جىنايەت. «ئەرەب تىلى مۇقەددەس
›قۇرئان كەرىم‹ نىڭ تىلى ۋە ئەجدادىم تىلى، مەن ئەرەبمەن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە تارىخىنى بىلمىگەن
ئادەمنىڭ باشقىلار ئالدىدىمۇ ھېچقانداق ئورنى ۋە قىممىتى بولمايدۇ» دەيدىغان ئىدىيە 21- ئەسىردىمۇ
يەنىلا تارىختىكى قەبىلە شەكلىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قالغان بۇ باي- باياشات خەلقنىڭ ئانا تىلغا،
مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان ئىشتىياقى ۋە ئېتىبارىنى روياپقا چىقارغان.

ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىلىك تارىخىدىن ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بۇ دۆلەتتە ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ۋە
قوغداش ئومۇمىي كەيپىياتقا، ئاياللار مائارىپى ۋە ئاياللارغا خاس تۈرلۈك ئالاھىدە ھوقۇقلار دۆلەتنىڭ
قانۇن- سىياسىتىگە ئايلانغان. ھەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە پۈتتۈرىدىغان قىزلار-
نىڭ سانى ئوغۇللاردىن ئۈچ- تۆت ھەسسە ئارتۇق. گەرچە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بەزى قىزلار مەلۇم
سەۋەبلەر تۈپەيلى خىزمەت قىلمىسىمۇ، ئۇلار ئالىي مائارىپنى ئىنسان قىممىتىنى نامايان قىلىش، دىنىي
مەجبۇرىيىتى ۋە ئېرى ئالدىدىكى ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلىرىنى ياراملىق قىـ-
ـلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن زۆرۈر، دەپ قارىشىدۇ. شۇڭا بەش- ئالتە بالىسى بار ئاياللارنىڭ ئالىي مەكـ-
ـتەپتە ئوقۇشى، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ھەقسىز ۋە ھەقلىق ئېچىلىپ تۇرۇدىغان دىنىي ئىلىم، چەتئەل
تىللىرى ۋە ھەرخىل تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشى دائىملىق ھادىسە.

ئەخلاق- شەخىس ۋە جامائەتنىڭ ئاڭلىق رەۋىشتىكى ئىش- ھەرىكەتلىرىنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق، گۈ-
زەللىك ۋە رەزىللىك نوقتىسىدىن ئۆلچىگۈچى مىزاندۇر. ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق پائالىيىتى
باشلانغاندىن بۇيان ئەخلاق دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، كىشىلىك ھاياتقا ئۆچمەس تامغىسىنى
باسقان. دىنىي ئىدېئولوگىيىلەر بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئەخلاقنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن رىئايە قىلىـ-
ـنىشى زۆرۈر ئالىي مىزان قىلىنغان ۋاقتى دەل ئىنسانىيەتنىڭ شانۇ- شەۋكەتلىك ئىمپېرىيە، خاندانلىق
سايىسىدا گۈللەنگەن مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان دەۋرى بولغان. ۋەھالەنكى، ئىنسانلارنىڭ يا-
لىڭاچلىقنى خالاپ، كىيىملىرىنى چۆرۈۋەتكەندەك ئەخلاقنى چۆرۈۋەتكەن مەزگىلى دەل قىلمىشلىرى تۈپەيلى
دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت ئاھالىسى شەھىرىدەك، قۇدرەتلىك بابىلنىڭ ئېچىنىشلىق ھالاكىتىدەك زاۋاللىقتىن
بىشارەت بەرگەن.

ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى روياپقا چىقارغان ئەخلاق چەمبىرىكىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى جىلۋىلىك نۇرلىرى
مېنىڭ يىراقلاردا قالغان ئانا يۇرتۇم ھەققىدىكى تەپەككۇرۇمنى قوزغايتتى. كۆز ئالدىمدا، سۇسلىشىۋاتقان
ئېتىقاد ۋە بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇلغان ئەنئەنىۋى ئەدەب- ئەخلاق مىزانلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان رېئالـ-
ـلىقتا ھاراقتىن ئەس- ھۇشىنى يوقاتقان ئەر، قەدەھتىكى قىزىل سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرىۋاتقان يېرىم يا-
لىڭاچ ئايال، ھاياسىز كۆزلەر، گۇناھلىق ئىشلار زاھىر بولاتتى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ۋاقىت، زېھىن
ئىسراپچىلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسى بولغان قاتار چاي، ئولتۇرۇشلاردا ھاراق بوتۇلكىلىرىنى تىكلەپ
قويۇپ ئىچىۋاتقان ئايالدىن ئېتىقاد ۋە غايە، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت سوراش مۇمكىنمۇ؟ ئەۋلادلىرىمىز
ھاراق شىشىلىرى بىلەن يالىڭاچ بەدەنلەردىن قانداقمۇ شەمىي- ھايا، نۇمۇس ئۆگىنەر؟

ئايالنىڭ ۋاقتى تۈگىسە، مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ. ئايالنىڭ ۋاقتى ئاز قالغاندا، مىللەتنىڭ ۋاقتى ئاز
قالىدۇ. ئاياللاردىكى ئالامەتتىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرىدۇ. سوغۇق نۇر چېچىپ
تۇرغان پەن- تېخنىكا ئابىدىلىرىنى تىكلىگەن غەرب جەمئىيىتىدە ئىنسان تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەر
جىنس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى.
ئەركىنلىك شۇئارى ئاستىدا بەس- بەستە كوچىغا چىقىۋالغان ئاياللارنىڭ ئەمدى يۈرەك پارىلىرىنى مېھرى
بىلەن سۇغۇرۇشقا، ئەرلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ سۆيگۈ بېرىشكە ۋاقتى چىقمايدىغان بولدى. بالا
قۇپقۇرۇق ئويۇنچۇق دۆۋىسى ۋە جانسىز تۆمۈر- تەسەكلەر ئىچىدە قۇپقۇرۇق چوڭ بولدى. ئۇنىڭ
قەلب چوڭقۇرلىرىغا ئانا باغرىنىڭ ھارارىتى، ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇ ۋە روھنىڭ نۇرى يېتىپ بارالمىدى.
ئايال- كومپيۇتېر ئالدىدا ئالدىراش.
ئايال- سىياسىي مۇنبەرلەردە ئالدىراش.
ئايال- تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدا ئالدىراش.
ئايال- قەھۋەخانىدا ئالدىراش.
ئايال- تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدا ئېغىرلىق كۆتىرىش بىلەن ئالدىراش.
ھەممىدە ئەر بىلەن ئوخشاش خىزمەت قىلىش ئايالنىڭ ۋاقتىنى ئەرنىڭ ۋاقتىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. شۇنىڭ
بىلەن غەرب جەمئىيىتىدىكى ۋاقىت- ئەرلەرنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقار-
غۇچى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەر، ھەربىي قورال- ياراغلار ھەمدە يۇقىرى تېزلىك ۋە سۈرئەتكە ئىگە ئەسلىـ-
ـھەلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئەرلەرنىڭ ۋاقتى بولدى. ئاياللىق بەلگىلىرى بولغان نازاكەت، مۇلايىملىق،
مېھرىبانلىق ۋە ئەركىن- ئازادىلىك ئۈچۈن ۋاقىت قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاقتى قىستاپ قالغان، كۈچ
ۋە قاتتىقلىققا تولغان غەرب جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ يۈكسەك غېرىبلىق ھەيكىلىنى تىكلىدى.

ئاياللارنىڭ تەقۋالىقى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ. ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى بولسا مىللەتنى
ھالاكەتلىك يوقىلىش گىردابىغا سۆرەپ ئاپىرالايدۇ. مەرىپەتلىك ئانىلاردىن بۈيۈك زاتلار تۇغۇلىدۇ. شۇڭا
پەيلاسوپ ژان پول:
«بىزگە ياخشى ئانىلارنى بېرىڭلار، بىز ياخشى ئادەملەر بولۇپ يېتىشىمىز» دەپ مۇراجىئەت قىلغانىدى.

ئۆتمۈش ھەرقانچە ئۇلۇغ، سەلتەنەتلىك بولسىمۇ، ئۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئەجدادلار ئىزىدىن پۈتۈلگەن كەچـ-
ـمىش قوينىدىن بىزگە كېرىكى تەسەللىيلا ئەمەس، بەلكى روھىمىزنى، رېئاللىقنى يېڭىلاشقا كېرەك ئىچكى
ئېنېرگىيە.

مەن ئىنسانىيەت مۇساپىسىدا نۇرلۇق سەھىپىلەرنى ئاچقان ئىسلام تارىخىدىكى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن
كۆرسەتكەن سەمەرىلىك خىزمەتلىرى بىلەن تىللاردا ۋە دىللاردا نامى يادلىنىۋاتقان مەشھۇر ئاياللارنىڭ
ھايات خاتىرىلىرىنى يېزىپ ئوقۇمەنلەرگە سۇندۇم. تىلىكىم شۇكى، يازغانلىرىم قاتتىق رىقابەت، رە-
ھىمسىز شاللاش بىلەن خاراكتېرلەنگەن يېڭى ئەسىر بوسۇغۇسىدىكى خەلقىمگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشـ-
ـلىيالىسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەرخىل ئاياللاردا تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ،
يېڭىچە قان ۋە يېڭىچە روھ ئاتا قىلسا.

(ئاپتورنىڭ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابىدىن)

(«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2003- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى)