خىزمەت قىلىش،
ئازابقا قېلىش،
ئوخشاشلا بىر ئىش.
ئېگىز- ئېگىز قەغەز دۆۋىسى،
تۇيغۇلارنى قىلار بۇرۇختۇم.
دېگۈم كېلىدۇ:
مائاش ئېلىش،
ئۈنۋان ئېلىش…
مۇھىممىدۇ نەپەس ئېلىشتىن.
نېمىدېگەن بىچارىلىك بۇ،
خىزمەت ساڭا نەدىن يولۇقتۇم؟