نەزىرە مۇھەممەد سالىھ

ئىسسىق، نەم دېڭىز شامىلى يۈزلىرىمگە ئوتتەك ئۇرۇلاتتى. يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى خوما دەرەخلىرى يالقۇن چىقىرىپ كۆيۈۋاتقاندەك ئىدى. يۇرتۇمنىڭ گۈل كەبى تۆت پەسلى بۇ يەردە يوق.
شەرقچە پۇراققا تويۇنغان بۇ مەرمەردەك ئەرەب كوچىلىرىدا مىغىلدىشىپ يۈرگەن ئۆزگىچە چىراي، ئۆزگىچە تىلدا سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەر… خۇدانى ئىزدەپ، ئىلىم- ھېكمەت ئىزدەپ، بايلىق ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر… زېمىندىكى جانلىق، جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز يىلتىزى، تۇپرىقى بولىدۇ. ئوزۇقلۇق ئالىدىغان يىلتىزدىن، جان بەرگۈچى تۇپراقتىن ئايرىلىش ئازابى يۈرەكنى ئۆرتەيدۇ. بىرەر ئېغىز ئۇيغۇچە سۆز، ئەجەمنىڭ دىلنى ئەزگۈچى سېھىرلىك كۈيلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بۇ ئەركىن- ئازادە دىياردا ئانا يىلتىزىمدىن، جېنىم يايرايدىغان تۇپرىقىمدىن ئايرىلىش غېرىپلىقى ماڭا ھەمراھ. ھىدايەت ۋە ئىلىم- ھېكمەت ئىزدەپ كەلگەن بۇ جايدىن، شانۇ شەۋكەتلىك خەلىپىلەر تارىخىدىن، غەربلىشىش كەلكۈنىدە تاشقى پوستى يۇمشىغان، رەڭگى ئۆڭگەن بولسىمۇ، كۆرۈنمەس قاتلاملىرىدا كامالى ئېتىقادقا مەھكەم يېپىشقان ئېگىلمەس ئەرەب خاراكتېرىدىن كۆرگىنىم روھ تىرەنلىكلىرىدىكى ئاجايىپ ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ. مېنى ئويلاندۇرغىنى ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە، مەغلۇبىيەت ۋە ھالاكەتلىك يوقىلىش خەۋپى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئەڭ قىيىن پەيتلەردە چۈشكۈنلەشمىگەن روھ، ياشاش ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە جەسۇرلۇق.
بىر كۈنى مەندىن يۇرتۇمنىڭ ھاۋا كېلىماتىدىن تارتىپ، يېمەك- ئىچمىكىگىچە ھەممە نېمىسىنى سوراپ ھارمايدىغان ساۋاقداشلىرىمدىن بىرى:
– سەن شۇنچە يىراقتىن كېلىپ، بىز ئۆز تىلىمىزدا ئوقۇپمۇ قىينىلىدىغان قىيىن دەرسلەردە ھەمىشە بىرىنچى بولىسەن، سىلەر شۇنداق ئەقىللىق خەقمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى. باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان 16 يىللىق مائارىپ شەكىللەندۈرگەن مۇۋازىنىت رامكامدىكى ئەقىلنىڭ سەلتەنەتلىك ئورنىغا ئاللىبۇرۇنلا سۇئال بەلگىسى قويۇلغانىدى. مەن بىردىنلا ئويلىنپ قالدىم. ئۆزۈم بىلەن ساۋاقدىشىم، ئۇيغۇر بىلەن ئەرەب ئارىسىدىكى پەرقنى ئويلاپ قالدىم. ئۇمۇ، مەنمۇ ئىلىم ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ئىجتىھات بىلەن تەر ئاقتۇرىمىز. ئەگەر ئەقىل تارازىسىدا ئۈنۈمىنى ئۆلچىسە، تارازىنىڭ مەن تۇرغان تەرىپى بېسىپ كېتىدۇ. ئوخشىمايدىغىنى ئۇ 14 ئەسىردىن بۇيان ئۆز جۇلاسىنى يوقاتمىغان «قۇرئان كەرىم» گە مەھكەم يېپىشقان، ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئۇششاق تەپسىلاتلىرىدىن تارتىپ ئەڭ چوڭ قىسمەتلىرىگىچە ھەممىنىڭ جاۋابىنى بۇ مۇقەددەس دەستۇردىن ئىزدەيدۇ. ساۋاقدىشىمنىڭ قەلبى پەرۋەردىگارغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ لەززىتى بىلەن ئارام تاپسا، بەدىنى ھەممىگە سەۋەب- تەدبىر قىلىش بىلەن چارچايدۇ. تۈگىمەس ئىمتىھانلار بىلەن ئالدىراش يۈرگىنىمدە، قۇلىقىمغا ئىمتىھان تەييارلىقىدىن باشقا، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ئوقۇلۇۋاتقان ھاجەت نامازلىرىدىكى ئىلتىجا- دۇئالار تىنماي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنداق، بىز باشقىلاردىن ئارتۇق بولساق ئارتۇقكى، ھېچكىمدىن قېلىشمىغۇدەك ئەقىللىق، ئىخلاس بىلەن بېرىلگەن ھەر بىر ئىشىمىزدا نەتىجە ياراتقۇدەك زېھنىي قۇۋۋەتكە ئىگە خەلق. بىراق ئەقىل بىلەن تەقدىرنىڭ، بەخت بىلەن ئەقىلنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئەقىل بەختنىڭ شەرتىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق دېيىلسە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئاجايىپ بۈيۈك ئىدىيىۋى ئويغىنىش دولقۇنىنى قوزغىغان تاتار مىللىتىنىڭ ۋەتىنىنى بۈگۈن دۇنيا خەرىتىسىنىڭ قەيىرىدىن ئىزدەيمىز؟ قازان خانلىقىنىڭ سەلتەنەت- ھەيۋىسى، چىرايلىق باغچا- سارايلىرى قانداق قىلىپ غايىب بولۇپ كەتتى؟ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئېسىل ئۆرنەكلەردىن سانىلىدىغان مايالار، ئازتىكلار مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىندىئانلارنىڭ تارتقۇزۇپ قويغان جىمى نەرسىلىرىگە ئەقىل دال بولالىدىمۇ؟
زامانلار كەڭ كەتكەن ئورخۇن دالىلىرىدا ياتلارنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سېلىپ، تەختلىرىنى تىترىتىپ ئۆتكەن ئۇچقۇر ھون ئاتلىرىدەك ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. دەريا- دەريا قانلار، خارلانغان ئەزىز جانلار، مۇجۇلغان يۈرەكلەر بەدىلىگە ئېرىشكەن ۋە يوقاتقان نەرسىلەر ۋاقىت دولقۇنىدا ئىزسىز غايىب بولدى. رېئاللىقنىڭ ھەسرىتى ئالدىدا ئۆتمۈشنىڭ ساۋاقلىرىدىن بىرەر ھېكمەت ئىزدىمەكچى بولغىنىمىزدا بىزگە شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، ئەقىل بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر شەخسنىڭ تەقدىرىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس، شۇنداقلا بەختنىڭ بىردىنبىر شەرتىمۇ ئەمەس. بەلكى كامالى ئېتىقاد ۋە مۇشۇ بۇلاقتىن ئوخچۇپ چىققان ئىگىلمەس روھ، ئۈمىدۋارلىقنى ئۆزىگە نىجاتلىق تۇمارى قىلغان خەلق ئەتىۋارلىق ئەڭگۈشتەرگە ئايلىنالايدۇ. ھەر قېتىم تالا- تۈزگە چىقىپ، نۇرسىز كۆزلەر، سولغۇن يۈزلەرنى كۆرگىنىمدە قۇياش پاتماس شەھەر ھەققىدىكى مۇنداق بىر ھېكايىنى ئەسلەپ قالىمەن.
بۇرۇنقى زاماندا ئاجايىپ قۇدرەتلىك، يېڭىلمەس بىر شەھەر بولغانىكەن. بۇ شەھەرنىڭ بالىلىرىمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ئەمما، ئۇلارغا بېرىلىدىغان تاپشۇرۇق، ئېلىنىدىغان ئىمتىھان قات- قات كىتابلار دۆۋىسىگە چۆكۈپ قۇرۇپ يادلاشنى ئەمەس، ئۇلاردا مۇكەممەل ئېتىقاد ۋە بۈيۈك غايە يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا، نەۋقىران يىگىتلەر، بەرنا قىزلاردىن تارتىپ، باقىي ئالەمنىڭ ئىشىكىنى چەككەن بوۋاي- مومايلارغىچە ھەممىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىد ۋە مۇھەببەت چاقنايدىكەن. ھەر بىر ئىشىدىن جەسۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىكەن. چۈشكۈنلۈك ۋە بوشاڭلىق ئۇلارغا يات ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاخىرەت ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل، بۇ دۇنيالىق ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىجتىھات قىل» دېگەن ھەدىسى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مىزانى ئىكەن. زامانلار ئۆتۈپ، ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ بىرلىرى نادانلىقتىن، ئۆز ئەقلىدىن ماختىنىدىغان يەنە بىرلىرى ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بوپتۇ. گاھى تەتۈر چۆگىلەيدىغان پەلەكنىڭ چاقىمۇ، كۈچلۈك دۈشمەننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىمۇ، ھىيلىگەر سۈيىقەستچىنىڭ شەيتاننى ئۇسۇلغا سالىدىغان نەيرەڭلىرىمۇ بۇ شەھەرنى بويسۇندۇرالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ شەھەرنى قۇياش پاتماس شەھەر دەپ ئاتاپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەردىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكىگە ئوخشاش ئەتىگىنى شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش كەچ بولغاندا غەربكە باش قويىدىكەن. پەقەت، ئېتىقاد ئاتا قىلغان ئېگىلمەس روھنىڭ قۇدرىتى بۇ شەھەرنى ئەنە شۇنداق ئۈمىد ۋە غەلىبە قۇياشى پاتماس شەھەرگە ئايلاندۇرغانىكەن.
مەن مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر رېئاللىقىدا يىلتىز تارتقان چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بوشاڭلىق، راھەتپەرەسلىكتەك زاھىرى ئىللەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلاپ كەتتىم. نامراتلىق، ناقىس ئائىلە تەربىيىسى، كەمتۈك مائارىپ، جەمئىيەت… ئەمما يىغىپ كەلسە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنبەسى پەقەت بىرلا. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر ئەئرابى (سەھرالىق ئەرەب) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۆگىسىنى باغلىماستىن قويۇۋەتتى ۋە «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاۋۋال تۆگىنى باغلا، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىل» دېدى. ئەپسۇس، ھەممە نەرسە ئەقىل بىلەن، كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى، بەھرىلەنگىلى بولىدىغان ماددىي مەنپەئەت بىلەن ئۆلچىنىدىغان بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەڭ مۇھىم نەرسىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بىز پەقەت تۆگىنى باغلاش بىلەنلا بولۇپ كەتتۇق. «بىز ئالەم باغچىسىدىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىگە قول ئۇزاتتۇق- يۇ، باغۋەننى ئۇنتۇپ قالدۇق».
ئىسلام تارىخىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولغان ئۇمەۋىيلار خەلىپىلىكى ئەرەب زېمىنىدىن ھالقىغان زېمىنلارغىمۇ خوجا بولغانىدى. ئۇمەۋىيلار فۇتۇھاتلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن نەمۇنىلىرىدىن بولغان ئىسپانىيە مىلادىيە 711- يىلى بويسۇندۇرۇلۇپ، ئۇمەۋىيلار خەلىپىلىكى تېررىتورىيىسىگە قوشۇلغان ئالتۇن زېمىنغا ئايلانغان ۋە ئەندەلۇس دەپ ئاتالغان. بۇ يەردە بارلىققا كەلگەن ئەدەبىي ئىجادىيەت، پەلسەپە، تەبىئىي پەنلەردىكى گۈللىنىش، ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغان مەسجىد- مەدرىسلەر، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك پەللىسىنى ياراتقانىدى. تۈپ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈ گۈللىنىشنىڭ سەۋەبلىرى – ئۈمەۋىيلار خەلىپىلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، دانا تەدبىر- سىياسەتلىرى، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ ھەممىسى يەنىلا بىر مەنبەدىن – جان- دىلى بىلەن يېپىشقان ئىماندىن كەلگەنىدى. ئەپسۇس، بۇ بۇلاق ئاستا- ئاستا قۇرۇشقا، دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندا بۇ سەلتەنەت قولدىن كەتتى. دۇنيا خەرىتىسىدىن ئەندەلۇس دېگەن ئىسىم ئۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياۋروپالىقلار ئىسپانىيە دېگەن ئىسىمنى يازدى. يەتتە ئەسىرلىك مەدەنىيەت خارابىلىققا ئايلاندى. ئەندەلۇسنىڭ ئاخىرقى ۋالىيلىرىدىن بولغان ئەبۇ ئابدۇللاھ سەغىرى ئەندەلۇسنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بولغان غىرناتە شەھىرىنى ياۋروپالىق فىرناندو بىلەن خوتۇنى ئىلزابىتقا تاپشۇرۇپ بېرىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ياۋروپالىقلار «ئەرەبلەرنىڭ ئاھ ئۇرىدىغان جايى» دەپ ئاتىۋالغان يەردە ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى – ئەقىل- پاراسەتلىك، تەدبىرلىك ئايال ئائىشە غىرتانە شەھىرىگە نەزەر تاشلاپ كۆزىدىن ھەسرەت- نادامەت ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ، ئەرەب ۋە تۈرك تارىخ كىتابلىرىغا خاتىرىلەنگەن ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلىدى. بۇ تارىخ قالتىس دەبدەبىلىك ئىبارىلەر بىلەن يەكۈنلەندى- يۇ، يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
[div align=center]
2
[/div]
ئىلىم ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن باشلانغان ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ خاسىيىتى ۋە پەزلىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. ئىلىم گويا پاراۋۇزنىڭ بېشىغا ئوخشاش يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن ئىنسانىيەتنى سۆرەپ ئالغا ئىتتىرىپ كەلدى. لۇقمان ئىبنى ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى دەل ئىلىمنىڭ خاسىيىتىنى جانلىق رەۋىشتە ئىپادىلەپ بەرگەنىدى.
ئى ئوغلۇم،– دەيدۇ ئۇ، — ئىلىم ئۈگەن، ئالىملار بىلەن كۆپرەك ھەمسۆھبەت بول، ئىلىم خۇددى ئاسماندىن زېمىن ئەھلىگە چۈشكەن ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە ھامىي يامغۇرغا ئوخشايدۇ. يامغۇر بىلەن قاقاس يەرلەر كۆكەرگەندەك، ئىلىم بىلەن ئۆلۈك قەلىبلەر تىرىلىدۇ، قاراڭغۇ دىللار يورۇيدۇ.
ئۆلىمالار، ئەدىبلەر، شائىرلار مىللەت روھىنى يورۇقلۇققا يېتەكلەپ ماڭغۇچى سەركىلەر، شۇڭا ئۇلارغا ئىنسانلارنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە باشلىغۇچى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى دېگەن ئالىي پەخىر تاجى كىيدۈرۈلگەن. كۆز ئالدىدىكى ماددىي نەرسىلەردىن باشقا ھەممىنى ئىنكار قىلىدىغان مېتافىزىكا، ۋەتەن بۇرچى، ئائىلە مەسئۇلىيىتى، دىنىي چەكلىمىلەردىن خالىي جىنسنى بازارغا سالغۇچى غەربنىڭ زامانىۋى ئېقىملىرىمۇ ئىنسانىيەت مۇپتىلا بولغان قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ بېرەلمىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، ئىلىمنىڭ ھەممىسى پايدىلىق بولمايدۇ. شۇنداق ئىلىم باركى، ئىنساننى قاراڭغۇلۇققا، خەلقنى گۇمراھلىققا باشلايدۇ. ئابدۇلقادىر داموللامدەك ئالىملىرىمىز ئالدى بىلەن ئېتىقاد ۋە ۋىجدان ساھىبى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلمى باراقسانلاپ خەلقىگە سايە تاشلاپ نەپ بەرگەن. بۈگۈن بىزگە كېرىكىمۇ ئاشۇنداق ئىلىم.
خارلىق ۋە كۈلپەت نادانلىقتىن تۇغۇلىدۇ. ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق، ئالىملارغا بولغان ھۆرمەت قارار تاپقان دەۋرلەر تارىخىمىزنىڭ ئەزىز ۋە نۇرانە بەتلىرىنى ئاچقان. نادانلىق ۋە جاھالەت يامرىغان پەيت بىزنى كۈلپەتلىك تەقدىرگە دۇچار قىلغان. ياڭ زېڭشىندەك جاھالەت پىرلىرىنىڭ نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ قىرتاقلىرى ھېلىھەم دىماقلىرىمىزنى ئاچچىق قىلىۋاتمامدۇ؟ ئۆتمۈشنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئىقتىدارىنى يوقاتقان خەلق روناق تاپالمايدۇ. تىرىشچانلىقسىز تاشنى يارغۇدەك ئاھ ئۇرۇش، ۋايساش ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىدۇ» دېگەن ھەدىسىدىكىدەك بىزدە ئىلىمدەك جانان ئۈچۈن جان پىدا قىلغۇدەك ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق بولىدىكەن، شارائىت ۋە پۇرسەتنى ئۆزگەرتكىلى، ياراتقىلى بولىدۇ.
ئىبنى ھەزمىززاھىرى 11- ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم، فىقھىشۇناس. ئۇ قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ تاشقى مەنىسى بىلەنلا كۇپايىلىنىش، ئەقىلنى، لوگىكىنى ئاساس قىلغان پىكىر- شەرھلەشنى رەت قىلىدىغان زاھىرىلار مەزھىپىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى بىزگە ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىرادىنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئىبنى ھەزمىززاھىرى ئەسلىي ئەندەلۇستىكى خەلىپە ئوردىسىدا ھوقۇق تۇتقان ۋەزىرلەردىن بولۇپ، تاكى 40 ياشقا كىرگۈچە سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ چاغنىڭ ئادىتى بويىچە ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىنى مەسجىدتە ئۇزىتىلىدىكەن. بىرەرسى ۋاپات بولسا مىيىت ئىگىلىرى مەسجىدكە كېلىپ ئولتۇرىدىكەن، جامائەت مەسجىدكە كېلىپ، ئۆلۈم ئىگىلىرىدىن ھال سورايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىبنى ھەزمىززاھىرى يېقىنلىرىدىن بىرسىنىڭ ئۆلۈمىگە پەتە ئوقۇپ تەسەللى بېرىش ئۈچۈن مەسجىدكە بېرىپتۇ. بۇ ناماز پېشىندىن كېيىنكى ۋاقىت ئىكەن. ئىبنى ھەزمىززاھىرى ئەمدى كىرىپ ئولتۇرۇشىغا، ئەتراپىدىكى كىشىلەر: «قوپۇڭ، مەسجىدكە كىرگەنكەنسىز، ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇيسىز ئەمەسمۇ»، دەپ ئۇنى نوقۇپتۇ. مۇشۇنچىلىك ئىشنى ئۇقمىغىنىغا خىجىل بولغان ئىبنى ھەزمىززاھىرى قوپۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، يەنە بىر ئۆلۈم پەتىسى ئۈچۈن مەسجىدكە بېرىپتۇ. بۇ ناماز ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت ئىكەن. ئۆتكەن قېتىملىق ئىش ئېسىدە بولغاچقا، ئىبنى ھەزمىززاھىرى ناماز ئوقۇشقا تەمشىلىپتۇ. ئەتراپتىكى كىشىلەر: «ئولتۇرۇپ، ناماز ئەسىردىن كېيىن ھەرقانداق نەفلى ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟» دەپ ئۇنى جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ. شەرىئەت ئىلمىدىكى بۇ ئاددىي ساۋاقنى بىلمىگىنىدىن قاتتىق ئۇيات ھېس قىلغان ئىبنى ھەزمىززاھىرى: «ئەگەر ئىلىمسىزلىك، نادانلىق ئادەمنى كىشىلەر ئارىسىدا مۇشۇنداق يەرگە قارىتىدىغان ئىش بولسا، ماڭا بۇ دۇنيانىڭ سايىدەك تۇرالغۇسىز ئەمەل- مەنسەپلىرى، راھەت- پاراغەتلىرى كېرەك ئەمەس»، دەپ ۋەزىرلىك مەنسىپىنى تاشلاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشكە كىرىشىپتۇ. بۇ چاغدا ئىبنى ھەزمىززاھىرى 40 ياشتا ئىكەن. ئەشۇنداق قاتتىق ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئون يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، 50 ياشقا كىرگەندە زامانىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى بۈيۈك ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپتۇ. ئۇنىڭ شان- شۆھرىتى ئەتراپقا تارىلىپتۇ. تەرەپ- تەرەپتىن تالىبۇل ئىلىملەر ئۇنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھوزۇرىغا يىغىلىپتۇ. ئىبنى ھەزمىززاھىرى بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ، بىر تەرەپتىن تەفسىر، ھەدىس، فىقھى ئىلىملىرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئەرەبلەر ئارىسىدا تارالغان «ھەججاجنىڭ قېلىچىدىن، ئىبنى ھەزمىززاھىرىنىڭ تىلىدىن ھېچكىم ئامان قالغان ئەمەس» دېگەن ماقالمۇ دەل ئۇنىڭ يېتۈك ئىلمى ۋە ناتىقلىقى نوقتىسىدىن ئېيتىلغان. بۇ شارائىت، پۇرسەت يوقلۇقى، يېشىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغىنى يەنە ئاللىقانداق باھانە- سەۋەبلەرنى ئۆزىنىڭ بوشاڭلىقى، ئىرادىسىزلىكىنى ئاقلاشنىڭ قالقىنى قىلىۋالغانلارغا ئۆرنەك بولغۇدەك رېئاللىق.
[div align=center]
3
[/div]
ئەقىلنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىۋالغان غەرب جەمئىيىتى بارغانسېرى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالدى. ئەقىللىقلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن سانىنى ئالغىلى بولمايدىغان بۇ غېرىب جەمئىيەتتە چىقىش يولى تاپالماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان، ساراڭ بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىۋەردى. دۇنيانىڭ يەنە بىر قۇتۇبىدا، قۇملۇق ئۈستىگە مۆجىزىدەك بەرپا قىلىنغان قويۇق خورما دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان بۇ ئوتلۇق زېمىندا كىشىلەر رېئاللىققا باشقا بىر كۆزدە قارايتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەقدىرى، رىزقى ۋە بەختى ئەقلىي جەمئىيەتتىن پەرقلىنەتتى. كۆڭۈلسىزلىك، بالايىئاپەتلەر ئۇلارنىڭ روھىي قۇۋۋىتىنى خورىتالمايتتى. دۇنيا مەئىشەتلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۈيۈك ئورۇننى ئىگىلىۋالالمايتتى. بۇ يەردە روھىي كىرزىستىن، تۇرمۇش بۇرۇقتۇملۇقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
توپىلىق يولدا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى چاك- چاك يېرىلغان تارىملىق دېھقاننىڭ غېرىبلىقى بەكمۇ چوڭقۇر. ئۇ ھوسۇلسىز ئېتىزىغا قاراپ قۇرۇق خىيالغا پاتتى. خۇشياقماسلىق بىلەن ئاسمانغا قارىدى. كۈن ئېگىلگەن، نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ بېشىدىلا ساڭگىلاپ تۇرغان كۈن، ئايلىنىۋاتقان يەر شارى، زىرائەتلىرىنى سۇغارغۇچى يامغۇرنىڭ كارامەتلىك ئىگىسىگە ئەمەس، ئېتىز بويىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا شۇنچىۋالا ماي باكىنى بېسىپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنا شوپۇرىغا ھەيران. كۆز ئالدىمدا يەنە بىر كۆرۈنۈش، ھوسۇلسىز خورمىلىق بېغىدىن ئالدىراش يېنىپ چىقىۋاتقان ساقاللىق، ئاپئاق تونلۇق دېھقان، كۈن ئىگىلگەن، ئاپئاق داچىلار ئالدىدا سايىلار ئىككى باراۋەر ئۇزارغان. ئۇ ماشىنىسىنى قۇيۇندەك ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقتى. ئاندىن ئايلانمىدىن ئۆتۈپ، مەسجىد ئالدىدا توختىدى. دەل شۇ چاغدا مەزىننىڭ نامازدىگەرگە توۋلىغان مۇڭلۇق ئاۋازى ياڭرىدى.
ئەقىل ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى، ئىنسانىيەت مەئىشەتلىرىنىڭ ئاچقۇچى. تارىختىكى ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت، ھەر قېتىملىق تەرەققىيات ئىنسان ئەقلى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسى. زامانىۋىي جەمئىيەتتىكى ئىنسان ھەممىنى قولايلاشتۇرغان شۇنچىۋالا كەشپىيات- ئىختىرالارنىڭ ئىگىسى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئۈچۈن، ئىنسان بەختى ئۈچۈن. بىراق، ئەقىل بېزەكلىرى بىلەن جابدۇلغان پارقىراق جەمئىيەتتە قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتقان ئىنسانلار ئۆزىدە نېمە كەملىكىنى كۆرەلمىدى. بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەقىلدىن باشقا كۆز كېرەك.

(ئاپتورنىڭ «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابىدىن)