توۋا قىلىش

ئازغۇنمەن،
ئېزىپ يۈرگەن كۆزۈڭ دەشتىدە،
يېنىپ يۈرگەن سۆيگۈڭ تەپتىدە.
ھېچنىمە.
تېگىشكۈم يوق ئۆزۈمنى ساڭا.
مۇھەببەت…
تەڭدىن تولا ساختىلىق بىلەن
رەڭلەنمەكتە ئاشىقسىز دۇنيا.
رەنجىمە.
ئۆزگەرگۈم يوق باشقا بىرىگە.
مەيلى مەيلى ئادەم پېتىمچە
سىڭىپ كېتەي يوقلۇق تەكتىگە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز