تەراۋىھ.
نەقىشلەنگەن مەسجىدنىڭ ئىچى،
تىنىقلاردا ئىپارنىڭ ھىدى.
قەلبلەرگە راھەت ئەپكېلەر،
ياش قارىنىڭ قىرائىتىدە،
ۋاراقلانغان قۇرئاننىڭ بېتى.

ۋەسۋەسىلەر ئۆلگەن ناگاندا،
ئۆكسۈپ يىغلار نامازدا بىرى.
شۈكرى، شۈكرى، مىڭ شۈكرى رەببىم،
پاك مەنزىلدە قىلغانغا مېنى.

ئاچ قويۇلغان تەنلەر قۇل بۇ ئاي،
راھەتلەنگەن روھتۇر خۇجايىن.
رامىزاندا، قەدىر پەيتىدە،
پاك قەلبلەر ئالغان ھوزۇردىن،
چۇل- چۇلدۇر مىڭ قالۇن- ساتارىڭ.