«پاك بولغۇچىلار مۇرادىغا يەتتى.»

مۇبارەك قۇرئاندا شۇنداق دېيىلگەن . ناپاك مەنزىللەرگە ئاياق بېسىش بىلەن مۇراد ھاسىل بولماس. ناپاك تەن،ناپاك روھ شەيتان ۋەسۋەسىلىرىدىن يىراق بولماس. ۋەسۋەسە بىلەن تولغان دىلدا قانائەت بولماس. قانائەتسىز مۇراد مۇراد بولماس.

تاشلا، يەلكەڭگە يۈكلىۋالغان بىمەنىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشلا. ئۆتمۈشتىكى شېرىنلىكلەر خۇمارىدا تۇيغۇ ئىزدەش بىلەن ھەقتىن يىراقلاشما. قەلبىڭ ھەق ھارارىتىدە كۆيمەي تۇرۇپ، بەخىت، سۆيۈك دېگەنلەرگە تەبىر بېرىشكە ئالدىرىما . چىن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارا بولىدۇ ، دەپ ئويلىما. ئەسلىدە ئاشكارىلىقلارنىڭ ھەممىسى شەكىل . ماھىيەت بولسا يوشۇرۇنلۇق تونىغا ئورۇنغان بولىدۇ. ھاياتتىن مەقسەتنىڭ دەل ئەشۇ شەكىللەر دۇنياسىدىن يوشۇرۇن ماھىيەتكە يېتىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما. قەدىمىڭ بىھۇدە قەدەم بولمىسۇن. سەپىرىڭ بىھۇدە سەپەر بولمىسۇن. كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان تاشقى دۇنيانىڭ بېزەكلىرى بىلەن ئالدىنىپ قالما. زۆرۈر تېپىلغاندا كۆڭۈل كۆزۈڭنى ئىشلەت. دۇنيا ماھىيىتىگە يەت. «كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل.»