تەن تۇپراقتىن، روھ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگىنى ۋەجىدىن تەندە تۇپراققا قوشۇلماق خاھىشى، روھتا ئاللاھقا يەتمەك ئىستىشى بولۇشى ھەقىقەتتۇر. روھ ئۆز ئالىيجانابلىقىنى، بۈيۈكلىكىنى، پاكلىقىنى ساقلىغان پېتى ئاللاھ دەرگاھىغا قايتماقنى ئىستىگەن دەملەردە تەننىڭ بىھۇدىلىكلەرگە بېرىلمىكى روھ ئازابىنى كۈچەيتىدۇ. روھ ۋە تەننىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلالمىغان كىشى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئولجىسىدۇر.

روھنى تونۇمىغۇچىنىڭ ھاياتى جىسمىي لەززەت ئىستەش بىلەنلا نەتىجىلىنىدۇ. ئۇنداقلار قىسمەن جىسمىي لەززەتلەر لەرزىدە شەكىللەنگەن مەۋھۇم روھىي قانائەت ئىلكىدە بىر تالاي ئەرزىمەسلىكلەرنى ھاياتىنىڭ نىشانى قىلىپ بېكىتىدۇ. ئېتىقاد ئىگىلىرى روھىي لەززەتنىڭ پايانسىزلىقىدا سۈكۈتكە چۈمگەن پەيتلەردە ئازغۇنلار جىسمىي لەززەتنىڭ تەقەززاسىدا ئاھ ئۇرۇشىدۇ… ھايات شۇ يوسۇندا داۋام ئېتىدۇ.

جىمى گۈزەللىكنى، جىمى كامالەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئاللاھ بەندىلىرىنى ئۆز سۈپەتلىرىگە بولغان ھېرىسمەنلىك بىلەن ياراتقان. شۇ ۋەجىدىن ئىنسان ئەشۇ گۈزەللىك ھەم كامالەتتىن بىر قەترىنى يەنە بىر ئىنساندىن ئۇچراتسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت ئويغىنىدۇ. لېكىن، ئىنسان ئاتا قىلغان ۋىسال ئىنساننىڭ بىقۇۋۇللىقى ۋەجىدىن قەلىبتە ھەقىقىي قانائەتنى ئويغىتالمايدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەسلىلا كىشى قەلبىنى يۈكسەك قانائەتكە چۈمدۈرەلەيدۇ.