ئالدىراپلا يۈرىسەن، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ قەلبىڭ تىپ- تىنچ ئىستىقامەتتە ئۆزلۈكۈڭ ئۈستىدە كېڭىشىپ باقمىدى. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ئاللاھ زىكرىنى ئۇنتۇدۇڭ. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ كۈنلەر ئاقماقتا. ئېرىشكىنىڭ پۇلدىن باشقا ھېچنېمە. ئېيت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ ۋەسۋەسە، خىيال قايناملىرىدا ھازىرىڭ ئۆلمەكتە. بۈگۈنۈڭ ئۆلۈمىڭنىڭ ھارپىسى بولۇشى مۇمكىن.ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟

راھەت، مەستخۇشلۇق ئىلكىدە تەپەككۈر دەرىزەڭنى چىڭ ئېتىپ، ھايۋانلىققا قايتىشنى ئىستەمدىغانسەن؟ كۆزلەر دۇنياسىغا غەرق بولۇپ، ئۆزۈڭنى ئۇنتۇماقنى ئارمانلامدىغانسەن؟ ھاياتىڭنى مەنىسىزلىكلەر دۆۋىسىگە ئايلاندۇرماقنى ئارزۇلامدىغانسەن؟

ھىدايەتنى تاللامسەن، گۇمراھلىقنىمۇ، تاللاش ئەركىڭ ئۆزۈڭدە. ئىككىلا يول سەن ئۈچۈن ئوچۇق. خالىساڭ ۋاقىتلىق بەھىرلىنىشلەر ئىچىدە ھالاكەتنى كۈت. خالىساڭ قەلبىڭنى چەكسىزلىكلەر ئالىمىگە تۇتاشتۇر، سائادەتنى كۈت…