قەلبىمدە لىق چوغ گۈلۈم، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ سەجدىدە ئاللاھقا ئۇچراشتىم، يەنە نېمە لازىم،نېمە؟ قولۇمدا بۈيۈك قۇرئان، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ كۆزۈمدە زۇمرەت ياش، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ تەبىئەت بىز ئۈچۈن، ئاي، قوياش بىز ئۈچۈن، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ سەن دىلبەر مەن ئۈچۈن، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ سۆيۈكلىرىم، جىمى تىلەكلىرىم سەن ئۈچۈن، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ سېغىنچ بولسا بەس، ھايا، ۋاپا بولسا بەس، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ بىز ھەق يولدىمىز، گۇمراھ ئەمەسمىز، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ مەنزىلسىز تېڭىرقاشمىدۇق، ئەنە ئاللاھنىڭ ھىممىتىنى، گۈلزار جەننىتىنى كۆزلەپ كېتىۋېتىپتىمىز، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ سەكراتتا، پۇشايماندا ئەمەس، ياشلىقىمىزدا، گۈلدەك چېغىمىزدا ھەقنى تونۇۋالدۇق، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ چاقماقنىڭ چاقناشلىرىدىن، زېمىننىڭ ياشناشلىرىدىن ئاللاھ سىماسىنى كۆرىۋالدۇق، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ ئىلمىمىز ئۇنچە مول بولمىسىمۇ، غەيرىتىمىز، كۈچ-قۇۋۋىتىمىز تولۇق، ئاللاھتىن ئىلمىمىزگە زىيادىلىك تىلەش بىلەن بىرگە ئىجتىھات قىلىۋېتىپتىمىز، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟