ئاللاھ ئېگەم، ھەر بىر نەپەس سېنىڭ نىئمىتىڭ، ئەركىن نەپەستە ئېقىۋاتقان ھەر بىر دەقىق ھەم بۈيۈك ھىممىتىڭ. جان دېمەك- بىر نەپەس دېمەك. «ئاللاھ» دېسەم «ئاھ» قوشۇلۇپ، ھارارەتلىك چىقىۋاتقان تىنىقىمنىڭ ئۆزى غەنىيمەت. چۈنكى ، ئەگەردە شۇ بىر تىنىقتىن كېيىن ساپ ھاۋاڭدىن بولغان رىسقىم تامام بولسا،مەنزىلىم- پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭ،رەببىم. شۇ سەۋەب غەپلەتتىن، بىھۇدىلىكتىن يىراق پېتىم سىناق ئۈچۈن ياراتقان ئالىمىڭدە ھەر بىر نەپىسىمدە ياخشىلىقنى ئىزلىمىكىم زۆرۈرىيەت.

ئاللاھ ئېگەم، ئۆتكۈلۈكلەر ئۆتتى ، نامە – ئەمەل دەپتىرىم كۆپ گۇناھ ، ئاز ياخشىلىق بىلەن پۈتتى. نىھايەت، ياخشىلىققا سەرپ ئەتمەككە بېرىلگەن نىئمەتلەر ئازغۇن مەنزىللەردە خوراپ كەتتى. ئەجىبا، ئازغۇنلۇققا پاتمىقىم بىلمەسلىكتىنىمىدى؟ ياق، نېمىنىڭ ھىدايەت، نېمىنىڭ جاھالەتلىكىنى بىلىپ تۇرىمەن، لېكىن، شەيتان «قۇرئان»دا دېيىلگىنىدەك «ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى» بىلەن مېنى ئەللەيلەيدۇ. «ئۆلۈم پەيتىڭ يىراق – يىراقتا، تەۋبە قىلماققا پۈرسەت كەڭتاشا!» دېگەن ناخشىنى قۇلاق تۈۋىمدە غىڭشىپلا تۇرىدۇ. ياق، رەببىم، ياق، ئالدىڭغا بۇ تۇرقۇم بىلەن بارسام ئاجايىب قىيىن كۈنگە قالىمەن. رەھىم قىلغىن، مېنى ئۆزۈڭ رازى بولغان يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن. قەلبىم نۇرۇڭغا چۈمۈلۈپ،نەپەسلىرىم ئىبادەتكە ئايلانغىنىدا «قۇرئان» دىكى «ئى ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايىتقىن. سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن.»(سۈرە ھىجىر) دېيىلگىنىدەك، دەرگاھىڭغا قايتىش شەرىپىنى بەرگىن.