نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن

يېقىندىن بېرى شۇنداق سۇئاللار ھەققىدە تولا ئويلىنىدىغان بوپقالدىم: نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ قانداق كەلدىم؟ قانداق بارىمەن؟… بۇ سۇئاللارنىڭ باش- ئاخىرى ئۇدۇللا بېرىپ ھاياتلىق نىشانىم، غايەم- ئېتىقادىمغا بېرىپ تاقىلاتتى ۋە مېنى تەگسىز ئويلارغا سالاتتى ھەمدە يېڭىدىن- يېڭى سۇئال گىردابلىرىغا سۆرەيتتى: مېنىڭ ھاياتلىق نىشانىم زادى نېمە؟ مەن كىم، قانداق ئادەم، نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەم بولماقچى؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىم، نېمىلەرنى بىلىشىم، نېمىلەرنى قىلماسلىقىم، قايسى ئۇسۇل- چارىلەر بىلەن ئۆز مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىم كېرەك؟
ئويلىغانسېرى كاللام خام قاپاقتەك كورۇڭشىپ كېتەتتى. ئۆزۈمنى قانائەتلەندۈرگىدەك ئېنىق بىر جاۋاب، يېشىم، خۇلاسىگە كېلەلمەي قىينىلاتتىم ھەم ئاچچىقىم كېلەتتى. ئۆمۈر- ھاياتنىڭ خېلى زور بىر قىسمىنى بېسىپ بولغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن، قانداق نىشان، مەقسەتنى بويلاپ ياشاش مەسىلىسىنى ئېنىق ئايرىپ ۋە شۇ بويىچە كەسكىن يول تۇتۇپ ماڭالماسلىقى، ئەجەبا ئېچىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟ مەن ياشاپ بولغان 25 يىل نېمىگە ھېساب؟ شۇنچە يىل مەنزىلسىز، نىشانسىز، غايىسىز يول مېڭىش- ھە؟! توغرا، يامان- ھارام يوللاردىن ئامالنىڭ بارىچە ئۆزۈمنى تارتىشقا تىرىشىپ كەلدىم. مۇقىم خىزمەت ئورنۇم، مېنى ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىدىغان ئائىلەم بار. ئەمما يامان يوللاردا ماڭماسلىقنىڭ ئۆزىلا ھاياتتىكى بىردىنبىر مەنىمۇ؟ مۇقىم، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىشلا بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشى ۋە كۈرەش نىشانى بولۇشى كېرەكمۇ؟ بىرەرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەي، يا كىشىگە تۈزۈك ياخشىلىق يەتكۈزەلمەي، لاي سۇدەك ئېزىلىپ، خارامۇشلارچە كۈن ئۆتكۈزۈشنى دۇرۇس- مەنىلىك دېگىلى بولمايتتى.
كۈلگۈم بىلەن يىغلىغۇم تەڭلا كەلدى. ئەمما بۇ كۈلىدىغانمۇ، يىغلايدىغانمۇ ئىش ئەمەس، كەسكىن ئايرىيدىغان، قەتئىيلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ئېنىق يول تۇتۇپ ماڭىدىغان ھەممىدىن مۇھىم ئىش ئىدى. مەنزىلسىز كارۋان، ماياكسىز پاراخۇت پايانسىز يوقلۇق ئىچىدە تىنەپ- تەمتىرەپ، خالىغان، ئۆزى توغرا دەپ پەرەز قىلغان نائېنىق بىر يۆنىلىشكە يول سالىدۇ. بۇنداق نائېنىق تەۋەككۈلچىلىك ئىچىدە ئۆز ھەرىكىتىنى، يۈرۈشىنى تەرتىپكە، ئىزىغا سالىدىغان بارلىق نىشان، ئۆلچەم، قېلىپلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ- دە، ياكى ھالاك بولىدۇ ياكى يەنە شۇ نىشانسىز ھالدا ئۆزى ئۇخلىسا چۈشىگە كىرىپ باقمايدىغان نامەلۇم دوقاللارغا ئۇچراپ قالىدۇ. دېمەككى، ئۇنىڭدا بارى- يوقى «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم»دىن ئىبارەت قارام تەۋەككۈلچىلىك. ئويلاپ باقسام، مەنمۇ ئۆمرۈمنىڭ ياشاپ بولغان قىسمىنى قارام تەۋەككۈلچىلىك بىلەن بېسىپ كەپتىمەن. باشقىلار توغرا، ياخشى دەپ قارىغان ۋە ئۆزۈم قىزىققانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بېقىپتىمەن. دېمەككى، ئۆتكەن ھاياتىم ئۆز نىشانىم، غايەم- ئېتىقادىم بىلەن ئەمەس، تولىمۇ غۇۋا، ساددا قىزىقىش، ئىستەكلەر بىلەن تولۇپتۇ. بۇنداق نىشانسىز، غايىسىز ھالدا ئۆتىۋېرىشكە بولمايتتى. ھاياتنى ئەمدى بولسىمۇ قېلىپقا سېلىش كېرەك ئىدى. ئوغۇل بالىنىڭ نېمە دەپ سۈننىتى- خەتنىسىنى قىلىدۇ؟ ساغلام، قاۋۇل ئەر بولسۇن، يىگىت، باھادىر ئەزىمەت بولسۇن دەپ! يىگىتلىك، باھادىرلىق ئاش يەپ، بالا تېپىپ، ئوتۇن يېرىپ، سۇ توشۇپ يۈرۈشتىلا بولامدۇ؟ يىگىت سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى جەڭچى بولاتتىكەن. ئاتار نىشانى، يېتەر مەنزىلى بولمىغان جەڭچىنى جەڭچى دېگىلى بولامدۇ؟
مەن ئۆزىنى خېلى- خېلى ئادەملەرگە تەڭ قىلماي يۈرىدىغان زامانىمىز تەنتەك ياشلىرىنىڭ بىرى ئىدىم. ئەمدىكى بۇ ئوي- بۇ كويلىرىم مېنى توساتتىنلا قارا يەرگە تاشلىدى. ئەتراپىمغا باقتىم. ئادەملەر كۈرمىڭ. ھەممىسى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ھەلەك. خىياللار تالاي… ئەمما، تازا ئىنچىكىلەپ قارىسام، مەنزىلى، بارار نىشانى ئېنىق، ئىش- ئەمەللىرى ئۆز نىشانىغا ماسلاشقان، ئۇيغۇنلاشقانلىرى ئىنتايىن- ئىنتايىن ئاز. تەن ئالدىم: كۆپلىرىمىز شامالنىڭ چىقىشى، سۇنىڭ ئېقىشى، كۈننىڭ پېتىشى، چۆپنىڭ يېتىشى دېگەن پەدىدە جاھانغا بېقىپ باشاپ بۈگۈنگە كەپتىمىز. خىزمەت ۋاقتى توشسا، ئۆيگە بارساق، خىزمەت ئورنىمىزدىن قالمىساق، بالىلىرىمىز خىزمەتكە ئورۇنلىشالىسا، بۇزۇلۇپ كەتمىسە، مائاشىمىزنى تۇتۇۋالماي تولۇق بەرسە… مانا بۇلار بىزنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقلىرىمىز، ھەل قىلىدىغان ئىشلىرىمىز. مۇشۇلار ھەل بولسىلا بىزدىن خۇشال، بىزدىن يوغان ئادەم يوق. دېمەككى، بىزنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغىنىمىز تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئېھتىياجىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئەتراپىمغا قاراپ قورساقتىن، مائاشتىن، خىزمەتتىن ئۆزگە غېمى، ئىنتىلىشى يوق ئادەملەرنىڭ تولۇپ ياتقىنىنى كۆردۈمدە، تېخىمۇ ئېغىر جىمىپ قالدىم. ئاتا- بوۋىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق تەۋەككۈل دەپ ياشاپ كەپتۇ. كۈن چىقسا، دېمەك يوتقاندىن چىقىپ ئىشلەش كېرەك، دەپ بىلىپتۇ، قورسىقى ئاچقانلىقى سەۋەبلىك ئىشلەپتۇ، قورسىقى تويسا شۈكۈر- ھەمدۇسانانى چوڭقۇر ئوقۇپ قويۇپ ئېغىزىنى تامشىپ يۈرىۋېرىپتۇ. بۈگۈن ئەتراپىمىزمۇ غايىسىز، جان باقتى ئادەملەرگە لىق تولۇپتۇ. مەندىن كىچىكلەردىنلا ئەمەس، مەندىن چوڭ، ئاقىل، پېشقەدەم، ئاقساقاللىرىمىزدىنمۇ ھازىرغا قەدەر نېمە ئۈچۈن، قانداق ياشاپ كەلگىنىنى بىلمەيلا ھاسىغا چۈشۈپ، ساقىلى يەرگە تېگەي دەپ قالغانلىرى كۈرمىڭ ئىدى. مەن بۇ ئېچىنىشلىق ھالنى ئۆزۈمچە دەۋرلەشكەن غايىسىزلىك دەۋالدىم ۋە يەنە غايە ھەققىدىكى تەگسىز ئوي- خىياللىرىمغا پاتتىم.
تولستوي: «غايە قۇتۇپ يۇلتۇزىدۇر. ئۇنىڭسىز ئېنىق بىر يولنى تېپىش قىيىن. ئېنىق يول بولمىسا، ھاياتمۇ بولمايدۇ» دېگەنىكەن. ئايانماي، كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ياشاۋاتقان تىرىكلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىدە قانداق ياشاش، قانداق ئادەم بولۇش توغرىلىق ئېنىق نىشان، مەقسەت يوق. بۇنداق غايىسىزلىك بىزنىڭ ھاياتلىق ئىقتىدارىمىزنى ۋە ئېنېرگىيىمىزنى بىھۇدە خورىتىپ بېرىۋاتقان ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقتۇر. ئادەم مەقسەت، نىشانى، غايىسى ئارقىلىقلا قانداق ئادەم بولۇش، نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ ۋە ئۆز مەقسەت- نىشانىغا ئۇيغۇن چارە- تەدبىرلەر بىلەن شۇنى بويلاپ ئالغا باسىدۇ. غايە- نىشان ھاياتلىق مەنزىلىنى يورىتىپ تۇرغۇچى چىراغ. چىراغنىڭ بولماسلىقى يولۇچىنى تۇيۇق يوللارغا باشلايدۇ، ھاڭ- گۆرلەرگە تاشلايدۇ. «بەلگىسىز يوللاردا ئېغىز- بۇرنى قان» (يالقۇن روزى) ھالدا كېلىۋاتقىنى دەل غايە- ئېتىقادسىز غەپلەت باسقان ئىنساندۇر. ئادەمدىكى غايە كىشىنىڭ ھەر بىر ھەرىكەت، ئىش- ئەمەلىنى سوتلاپ، تەڭشەپ تۇرىدۇ، كىشىگە يولدىن ئازماسلىق ھەققىدە تىنماي سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ. غايىسىزلىك ھاياتنى بىردەمدىلا ھالاك قىلىۋەتمەيدۇ، ئەمما كىشىنىڭ ۋاقتى، زېھنى، كۈچى، مېلىنى بىھۇدە خورىتىپ ئاستا- ئاستا كاردىن چىقىرىۋېتىدۇ. ھاياتلىق نىشانى غۇۋا كىشىنىڭ ياشاش پائالىيىتى مەقسەتسىزلىشىپ، ئۆلچەمسىزلىشىپ كېتىدۇ. سەن نېمە ئۈچۈن تىرىشىپ، نېمە ئۈچۈن جان بېرىۋاتقىنىڭنى، قىلىۋاتقان ئىشىڭنىڭ نېمىگە پايدىلىق، نېمە زىيانلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ئويلاپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە بىخۇد، بىغەملىشىپ كېتىسەن. نىشانسىز ئادەمدەك قورساق، كۈن ئۆتكۈزۈشتىن بۆلەك ئارتۇق ئىنتىلىش بولمايدۇ. ئۇلار نامەلۇم كۈچ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، ئىشلەيدۇ، ئېشەكتەك ھېرىپ- چارچاپ كېتىدۇ ئەمما تۇتامغا چىققۇدەك ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ قىلىپ باقىدۇ، ئەمما ئىشىدا بەرىكەت بولمايدۇ، مەنە قالمايدۇ. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز مۇنداق نىشانسىز يورغىلاۋاتقان، چېپىۋاتقان، ئىشلىرى قالايمىغان، مەقسەتسىز، ئاستا- ئاستا كاردىن چىقىۋاتقان بەندىلەرگە راستىنلا لىق تولماقتا.
ئوكسفورد ئۇنىۋېرستىتى بىر قېتىم ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە %27 ئوقۇغۇچىنىڭ ھېچقانداق ياشاش نىشانى يوق، %60 ئوقۇغۇچىنىڭ نىشانى غۇۋا، %10 ئوقۇغۇچىنىڭ ئېنىق، ئەمما قىسقا مۇددەتلىك نىشانى بار، %3 ئوقۇغۇچىنىڭ ئېنىق ۋە مەڭگۈلۈك نىشانى بار چىققان. دېمەككى %87 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نىشانسىز، غايىسىز، مەقسەتسىز ئۆگىنىۋاتىدۇ، كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، دېگەن گەپ. ئەگەر بۇ تەكشۈرۈش جەمئىيەتتە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلسا، بۇ نىسبەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى چىقىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. دېمەككى، %90 كە يېقىن ئادەم مەقسەتسىز لاغايلاپ، ئۇچرىغان ياكى باشقىلار بۇيرىغان ئىشلارنى ئالۋاڭ ھېسابىدا قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، دېگەن گەپ. ئەگەر بۇ تەكشۈرۈش بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە، بىزنىڭ كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، سەمىمىي- راستچىل جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولسا (مەن ئاشۇ مەقسەت- نىشانسىز ئادەملەرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشىدىن ھەقىقەتەن گۇمانلىنىمەن. چۈنكى غايە- ئېتىقادسىز ئادەملەر ئەڭ كاززاپ كېلىدۇ)، بۇ نىسبەت بىزدە قانچىلىك چىقىشى مۇمكىن. كۆز بويامچىلىق بىلەن ئەپلەپ- سەپلەپ جان باقىدىغانلار، شەكلىۋاز جان باقتىلار جەمئىيىتىمىز ئېكولوگىيىسىنى غىق- غىق قۇستۇرۇپ تۇرىۋاتمامدۇ؟
ئوكسفورد ئۇنىۋېرستىتى يۇقارقى تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا 25 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھەيران قالارلىق مۇنداق پاكىتنى بايقىغان:
ئېنىق، مەڭگۈلۈك نىشانغا ئىگە %3 ئادەم ئۆز نىشانى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە ھەممىسىلا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى غالىب كۈچلەرگە، كەسپىي رەھبەرلەرگە، ئىجتىمائىي نوپۇز ئىگىلىرىگە ئايلانغان؛
ئېنىق، قىسقا مۇددەتلىك نىشانغا ئىگە %10 ئادەم داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەدىكى كەسپىي ئەربابلارغا، جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كىشىلىرىگە ئايلانغان؛
نىشانى غۇۋا %60 ئادەم مۇقىم خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا ئېرىشكەن، ئەمما ھېچقانداق ئالاھىدە نەتىجە قازىنالمىغان؛
ھېچقانداق تۇرمۇش نىشانى يوق %27 ئادەم ناھايىتى مەنىسىز تۇرمۇش كەچۈرگەن، ھەدېسىلا باشقىلاردىن، جەمئىيەتتىن، ئۆزىگە پۇرسەت، شارائىت يارىتىپ بەرمىگەن دۇنيادىن ئاغرىنىپ، قاقشاپ، زارلاپلا ئۆتكەن.
ئويلاپ باقايلى: سىز، بىز قانداق ئۆتىۋاتىمىز؟ قانداقراق ياشاۋاتىمىز؟ بۇ پەرقلەردىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، غايە- نىشان بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قۇياش، يۇلتۇز بىلەن باراۋەردۇر. قۇياشسىز كۈنلەر، يۇلتۇزسىز تۈنلەردە تىمسىقلاپ، ئۇيان- بۇيان ئۈسۈپ- دوقۇرۇپ، ئىنجىقلاپ، زارلاپ ئۆتمەي باشقا ئامال يوق. غالىبلار دەل نىشان- مەقسىتى ئېنىق ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن باشتىن- ئاخىر تەۋرەنمەي كۈرەش قىلالايدىغانلاردىن چىقىدۇ. مەقسەت- نىشانى نائېنىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە جېنى ئاغرىيدىغان بېلى بوش- لاتاغىلاپلاردىن مەدىكار، تىلەمچى چىقسا چىقىدۇكى، غالىب خوجىلار ھەرگىز چىقمايدۇ. ئەمما ئۇنتۇماڭ، غايە- ئېتىقاد باشقىلار ھەدىيە قىلىدىغان سەدىقە ئەمەس، ئۆز قىزىقىشىڭىز، ئىقتىدارىڭىز، دۇنيا قارىشىڭىزغا ئاساسەن ئۆزىڭىز تىكلەپ تۇرغۇزىدىغان، ساقلايدىغان، قوغداپ كۈرەش قىلىدىغان مۇقەددەس مەشئەل. بۇ مەشئەلگە ئوت ياقالىغان ۋە ئۆچۈرۈۋەتمەي ساقلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ھاياتبەخش يارقىن يورۇقىدا دىلىنى يۇيۇپ، يولىنى يورۇتالايدۇ.
بىر نىشاننىڭ تۇرغۇزۇلۇشى بىر ھاياتنىڭ ئىمانغا كىرىشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. سەن نىشان ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن سۇئالغا دۇچ كېلىسەن. سەن كىم؟ قانداق ئادەم بولماقچى؟ نېمە ئىش قىلماقچى؟ نېمە ئىش قولۇڭدىن كېلىدۇ؟ دەۋر ۋە مۇھىت ساڭا قانچىلىك ئىمكان بېرىدۇ؟ ئائىلەڭ، سەن ياشاۋاتقان كونكېرت مۇھىتچۇ؟ ئۆز نىشانىڭ ئۈچۈن تۈزگەن كونكېرت پىلانىڭ قانداق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يىلدا، ئايدا، ھەپتىدە، ھەر بىر كۈندە قانچىلىك ئىش قىلىشىڭ كېرەك؟ بۇ سۇئاللار سېنىڭ روھىڭنى سەگىتىدۇ ۋە ئۆز نىشانىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىش، نېمە قىلماسلىق كېرەكلىكى، نېمىنى ئالدى بىلەن، جەزمەن بېجىرىش كېرەكلىكىنى، نېمىنى قىلماسلىق، تاشلىۋېتىش كېرەكلىكى توغرىلىق ئۆلچەم، نىشان بېرىدۇ. سەن ئىشلىرىڭنى شۇ بويىچە تەرتىپكە سېلىپ مېڭىشقا باشلايسەن. ئەمەلىيەتتىمۇ، دانىشمەنلىك، ئاقىلانىلىك نېمىنى قىلىش ئەمەس، دەل نېمىنى بالدۇر، نېمىنى كېيىن قىلىشنى بىلىشتىن ئىبارەت. مۇھىم ۋە ئەھمىيەتسىز ئىشلارنىڭ ئېنىق ئايرىلىشى سېنىڭ زېھنىڭ، ۋاقتىڭ، مېلىڭ، كۈچۈڭنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىنىشىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. پۈتكۈل زېھنىڭنى ئۆز نىشانىڭغا مەركەزلەشتۈرەلەيسەندە، بىراۋ ھەيدىمىسىمۇ ئۆز ئىشىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ ئىنتىلىش ھالىتىدە تۇرىسەن. ئەگەر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدىلا مۇشۇ خىل نىشان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھى شەكىللىنىدىكەن، بۇنداق جەمئىيەتنىڭ ھاۋاسىدىن جۇشقۇنلۇق، بەرىكەت، شادلىق، ئىناقلىق سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇنلىرىمىزدا تالانت، ئىقتىدار بار. ئەمما توغرا نىشان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايانماي جان بېرەلەيدىغان، ۋاقتى كەلگەندە ۋاز كېچەلەيدىغان جۈرئەت، چىدامچانلىق يوق. شۇ سەۋەبلىك بەزى كەم تېپىلىدىغان تالانت ئىگىلىرى مەڭگۈ مۇنەۋۋەر ياللانما خادىم، مەدىكار بولىدۇكى، خوجايىن، دىرېكتور بولالمايدۇ. بەزىلەر ئۆز خوجايىنىنىڭ دۆت- كالۋالىقىدىن توختىماي قاقشاپ، زارلايدۇ- يۇ، يەنە شۇنىڭغا بىر ئۆمۈر قۇل بولۇپ خارلىقتا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆز نىشانى ئۈچۈن نېمە قىلىش، نېمە قىلماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇرالماسلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن يول تۇتالماسلىق، زامانىمىز تالانتلىقلىرىدىكى ئېغىر مەنىۋى تراگېدىيە.
تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجى، («ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ») راخمان گۇگۇتلار قولىغا قورال ئېلىپ زۇلمەتلىك كونا جەمئىيەت بىلەن كۆرەش قىلدى- يۇ، ئەمما مەقسەت، نىشان، غايە- ئېتىقادىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە بۇ يولدىكى كەسكىنلىكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بىر- بىرىدىن ئاچچىق تراگىدىيىلەرنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تەكرارلاپ چىقىشتى. ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىيلار ئۆز غايە، مەقسىتى- زامانىۋى دۇنياغا يۈزلىنىش ئۈچۈن جاھالەتكە ئوت ئېچىش- خەلقنىڭ دىلىنى ئاقارتىپ، ئىلىم- پەنگە يۈرۈش قىلىش يولىدا ئېنىق، كەسكىن يول تۇتتى. گەرچە ئىستىبدات ھاكىمىيەت ئۇلارنى بۈيۈك مەقسەتلىرىگە يەتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، نېمىنى ھەممىدىن بالدۇر، چىڭ تۇتۇپ قىلىش ھەققىدىكى ياڭراق دەۋەت، جانلىق ئىش- ئەمەللىرى مىڭلىغان، مىلىيۇنلىغان قەلبكە ئۆچمەس ئوت سالدى، ئۇلارنى ھىدايەتكە يېتەكلىدى. دېمەككى، مەنىلىك ھايات ئۈچۈن يېقىلغان بىر نۇرلۇق چىراغ قاراڭغۇدا تېنەپ- تەمتىرەپ قالغان مىلىيونلىغان قەلبى كورغا نۇر- زىيا بەخش ئەتتى. بىز ئۇلارنىڭ ھايات تارىخىنى ۋاراقلاپ باقساق، ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىزلىكى ھەققىدىكى دەردلىك ئاھسىنىشلارنى كەمدىن- كەم ئۇچرىتىمىز. مەنىلىك ھايات دېگەن شۇنداق بولمامدۇ؟
سىز، بىز قانداق قىلارمىز؟ قايسى مەقسەت، قايسى غايە- ئېتىقاد ئۈچۈن جان بېرەرمىز؟ ياكى يەنە شۇ مەقسەت- نىشانسىز لەيلىۋەشتەك لەيلەپ يۈرۈپ كۈننى كەچ قىلارمىزمۇ؟ ئىدارىدە ھۆكۈمەتنى، ئۆيدە ئۆزىمىزنى، بالا- چاقىلىرىمىزنى، باھانە- سەۋەبتە خۇدانى ئالداپ ئۆتىۋېرەرمىزمۇ؟
ئاڭلىسام، ئىلىم- ئىمان ئىزدەشتە كېچىكىش يوقمىش. نىشان تۇرغۇزۇش ھەقىقىي ھاياتقا قەدەم بېسىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. پۈتكۈل يەرشارىدا زەنجىرسىمان سېتىش لىنىيىسى شەكىللەندۈرگەن كىنتاكىي يەرلىك توخۇ دۇكانلىرىنىڭ بەرپاچىسى خوللاند. سەندىس 88 يېشىدا غايە تىكلەپ، تۇنجى قېتىملىق سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بولغان 105 دوللار بىلەن ئىش باشلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىكەن. سىز، بىز تېخى ئۇ ياشتا ئەمەسمىز. تەۋەككۈلگە تولغان ھاياتلىق مەنتىقىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، قەيەرگە، قانداق بېرىش ھەققىدە دادىل ئىزدىنىپ باقايلى ۋە شۇ يولدا قەتئىي ئاداشماي كۈرەش قىلىپ باقايلى. ئىزدەنگۈچىلەرگە بەخشەندە قىلىۋېتىلگەن بەرىكەت، ھېكمەت، سائادەت نۇرلىرىنى نىمجانلاشقان، لايغەزەللەشكەن، غايىسىز، خۇنۈك گەۋدىمىزدە كۆرۈپ قالساق ئەجەب ئەمەس.
2006- يىل 10- فېۋرال، قاراقاش- ياۋا
________________
ئاپتور: قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى

(«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2006- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى)