قىش ھۇۋلايدۇ…
كىشىنىڭ ئايالىغا كۆز سالغان ئىپلاس،
يەنە ئىككى ئىپلاس
خاتىرجەم قەشقەرگە تراگېدىيە چىللايدۇ.
سۇغۇرۇلغان كەمەر،
سۇغۇرۇلغان پىچاق،
شۇقىراپ ئېقىۋاتقان قان…
دەھشەت مەنزىرە،
ساقچى ماشىنىسى،
«بالىلىرىمنى كۆرۈۋالسام بولاتتى» دەپ نالە قىلىۋاتقان دادا…
قەشقەردە بۈگۈن تاڭ ئاتمايدۇ.

تاڭ ئاتمىغان چۈشكە يېقىن
دوختۇرخانىدىن كەلگەن شۇمخەۋەر،
ئايالىنى،
غورۇر، ئىززىتىنى
قوغدىغان ئاتىغا
«قاتىل» دەپ بەتنام يۈكلەيدۇ.
«رەھمەتلىك» لۈكچەكنىڭ ئائىلىسى،
ئىككى ئوغلى بار ئاتىنىڭ ئائىلىسى
شۈكلەيدۇ…
سەبىي ئوغۇللىرىنى چەكسىز سېغىنغان ئوتتۇز ياشلىق ئاتىنى
پۈكلەيدۇ…
سەبىيلەر بىخەۋەر، دادىسىنىڭ قەغىشىنى قىلىشىدۇ:
– دادامنى ئەجەب سېغىندىم.
– دادام نېمىشقا ئىشتىن كەلمەيدۇ؟

ئانا ئوغلىنى بەختسىز دەپ يىغلىسا،
قېينئانا قىزىنى بەختسىز دەپ يىغلايدۇ،
ئايال «ئۇنى ساقلايمەن» دەپ پىچىرلايدۇ.
لۈكچەكتىن بىرسى ئازايغان قەشقەردە،
باھار تولغىقىنى يەۋاتقان قىش
ئىڭرايدۇ…

2007- يىل 3- فېۋرال