چىندىل تەرجىمىسى
بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك ھىكايە يەنە كىلىپ يىشى كىچىك بولسىمۇ ناھايىىتى تەقۋا بىر قىزنىڭ ھىكايىسى، مەن بۇ نىڭغا بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم ۋە لوس ئانژىلىستىكى ئويۈمدە يىغىلغان يۇرتداشلارغا بۇ ھىكاينى سۆزلەپ بىرىشكە ئۇنىڭ ئاتىسىنى تەكلىپ قىلدىم، بۇ قىزنىڭ ئاتىسى سەئۇدىيدا ئىشلەيدىغان بىر لىۋانلىق، ئۇنىڭ بىلەن مەن بوستۇندىن لوس ئانجىلىسقا ئۇچقان ئايرۇپىلاندا ئۇچرىشىپ تونۇشۇپ قالغان ئىدىم.
مەن سەئۇدىينىڭ دەممام شەھرىدە ئون يىللارچە خىزمەت بىلەن تۇردۇم، قىزىم ياسىمىن شۇ يەردە تۇغۇلغان. ئۇندىن بۇرۇن تۇغۇلغان ئەھمەد دەپ بىر ئوغلۇم بولۇپ سىڭلىسىدىن سەككىز ياش چوڭ. كەسپىم ئىنژىنىرلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىم بار، مەن گىپىنى قىلىپ بەرمەكچى بولغان قىزىم ياسىمىن ئاجايىپ گۈزەل چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرۇدىغان بىر قىز ئىدى، دەپ گەپ باشلىدى دادىسى.
ئۆيىمىز مەسجىدگە يىقىن بولۇپ ھەمىشە نامازغا چىققاندا ئىىككى بالامنى ئىلىۋالاتتىم، نامازدىن كىين مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى بالىلارغا قۇرئان ئۈگەتكەچ بەزى دىينى مەسىلىلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى، قىزىم توققۇز ياشلارغا كىرگەندە ئۇنىڭدا ئاجايىپ بىر ئۆزگىرىش بولدى، ئۆزلىكىدىن ھىجاپلىنىپ قۇرئان ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ كەتتى، ، قۇرئاننى ئادەمنىڭ مەسلىگى كەلگۈدەك چىرايلىق ئوقۇشنى ئۈگەندى. مەكتەپتىكى تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپلا ئۆزىنىڭ كىچىك جاينىمىزىنى سالاتتى دە جايىنىمازدا ئولتۇرۇپ قۇرئاننى بالىلارچە ئاۋازدا ناھايىتى يىقىملىق ئوقۇشقا باشلايتى. دەسلەپتە بىز بۇنى بىر كىچىك بالىنىڭ بىر مەزگىللىك قىزىقىشى دەپلا ئويلىدۇق، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن خۇشال بولاتتۇق ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بىرەتتۇق. لىكىن قارىسام ئۇ ھىچ دورۇمچۇقلۇق قىلغاندەك قىىلمايىتى. مەن ئۇنىڭغا قۇپۇڭ چىقىپ دوسلىرىڭىز بىلەن ئويناڭ دىسەممۇ مىنىڭ دوستۇم قۇرئان، دوستۇم ئاللاھ، بۇلاردىنمۇ ياخشى دوستنى نەدىن تاپىمەن دەيتى. ۋە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇراتتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزىم ئۇخلاپ قوپۇپلا قورسىغىنىڭ ئاغىرىغىنىنى ئىيتتى. مەن ئۇنى يىقىندىكى بىر دوختۇرغا ئىلىپ باردىم، ئۇلار بىر قىسىم دورىلارنى يىزىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئاغرىق بىر نەچچە كۈن بىسىققان بولدى، لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەي قايتا قوزغالدى. بۇنداق ئەھۋال قايتا قايتا يۈز بەردى. لىكىن بىز ئۇنىڭغا دىگەندەك ئەھمىيەت بەرمىدۇق. ھەرقىتىم ئاغرىق قوزغالسا ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاپ يۈردۇق.
ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن شىركىتىمىز ئامرىكىدا بىر تارماق شىركەت ئاچماقچى بولۇپ مىنى شۇ يەرگە ئىۋەتمەكچى بولدى ۋە ئۇنىڭ دىرىكتۇرلىقىنى مىنىڭ ئۈستۈمگە ئىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. مەنمۇ بۇنىڭغا قوشۇلدۇم، بىرەر ئايلار ئىچىدە ئۆزەمنى ئامرىكىدا كۆردۈم، بىزنىڭ ھەممىلا ئادەم بىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ كاتتا دۆلەتتە ياشاش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن چاغىدىكى خۇشاللىقىمىزنى دىيشنىڭ ھاجتى بولمسىا كىرەك. مەن ئايالىم، ۋە ئەھمەد ۋە ياسىمىنلەر بەكمۇ خۇشال بولۇشتۇق. ئامىرىكىغا بىرىپ يىرەر ئايلار ئۆتمەستىن ياسىمىننىڭ قورساق ئاغرىقى يەنە قوزغاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئىچىكى كىسەللىكلەر مۇتەخەسسىسگە كۆرسەتتىم. پىشقەدەم دوختۇر بىر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىين، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، نەتىجە بىر ھەپتىدىن كىين چىقىدۇ. خاترجەم بولۇڭلار، دىدى.
دوختۇرنىڭ سۆزلىرى كۆڭلۈمنى خىلى خاتىرجەم قىلدى.
ئەتىسى بالىلىرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئويۇنچۇق شەھرى ئورلاندقا ساياھەتكە بىرىپ ئوينىماقچى بولدۇق ۋە ئۇ يەردە بىر ئىككى كۈن ئويناپمۇ ئۈلگۈردۇق.
بىز تازا ئويۇن تاماشىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت يان تىلىفۇنۇم جىرىڭلاپ كەتتى. تىلىفۇننىڭ سايرىشى بىلەن سەۋەبىنى ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل ئەنسىزلىك قەلبىمنى چۇلغىۋالدى.
ئامىرىكىدا بىزنى ھىچكىم تونىمايدۇ. تىلفۇنۇمنى بىلىشى تىخىمۇ مۈمكىن ئەمەس، بۇ كىم بولغاي ئەمدى.
ئىككىلىنىپ تۇرغان چۈشىنىكسىز بىر ھالەتتە كونۇپكىنى باستىم.
ۋەي ئۆزىڭىز كىم؟
ياخشىمۇ سىز دوكتۇر ئەپەندى، سىزنى ئاۋارە قىلغىنىمنى كۆچۈرۈڭ، مەن ياسىمىننىڭ دوختۇرى سىتفىين بولىمەن. سىز بىلەن ئامبولاتورىيەمدە ئەتىگىچە بىر كۆرۈشسەك قانداق. ؟
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەنسىرىگىدەك ئەھۋال بارمۇ دوختۇر. ؟
شۇنداقراق بىر ئەھۋال باردەك، مۈمكىن بولسا ياىسىمىننى يەنە بىر قىتىم تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز ئاغزىدىن يەنە بىر ئاڭلسام بولاتتى.
بولىدۇ، ئۇنداقتا پەيشەنبە كۈنى ئەسىردىن كىين سىزنىڭ دوختۇرخانىڭىزغا ئۈنىمەن.
ئۇنداقتا ئۇچراشقىچە ئامان بولۇڭ.
كاللامدا ھەرخىل ئەندىشىلىك خىياللار قايىناشقا باشلىدى. بىزنىڭ ساياھەت پىلانىمىز يەنە تۈگەشكە يەنە ئىىككى كۈن بار، بىز ئامرىكىغا كەلگەندىن كىينكى تۈنجى ساياھىتىمىزدە ياسىمىن بەكمۇ خۇشال ئويناۋاتاتتى.
ئامالسىز بالىلىرىمغا :شىركەت مۇھىم بىر ئىش بىلەن مىنىڭ تىز كىلىشىمنى ئۇشتۇمتۇت تەلەپ قىلىدى. بىز قايتايلى، بانادا ياسىمىننىڭ كىسىلىنىڭ خۇلاسىسىنىمۇ ئاڭلاپ باقىمىز دەپ گەپ ياسىدىم، پىكرىمگە ھەممەيلەن قوشۇلدى ۋە مەندىن يازلىق تەتىلدە يەنە بىر ئەكىلىشكە ۋەدە ئالدى.
ئامبولاتورىيەدە ستفىين دوختۇر ياسىمىننى ئىللىقلىق بىلەن قارشى ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى.
ياسىمىن، قانداقراق تۇرۇسىز.
خۇداغا شۈكرى، ھازىر ناھايىتى ياخشى، لىكىن قورسىغىم بەزىدە ئازراق ئاغرىپ تۇرىۋاتىدۇ. نىمىدىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.
دوختۇر يەنە نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدى ۋە ئاخىردا بىشىنى ساڭگىلىتىپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى. ۋە ماڭا بۇ ياققا كىلىڭ دەپ ياندىكى ئۆينى ئىشارەت قىلدى.
بۇ يەردە دوختۇرنىڭ ماڭا يەتكۈزگەن خەۋرىدىن بىشىمغا چاقماق چۈشكەندەك تىترەپ كەتتىم.
– ياسىمەننىڭ كىسەللىك ھالىتىنى بايقىغىلى قانچىلىك بولدى.
-بىرەر يىل بولدى. ھەر قىتىم قوزغالسا بەزى تىنىچلاندۇرۇش دورىسىنى بەرسەك ساقىيىپ قالاتتى.
-لىكىن ئۇنىڭ كىسىلى تىنىچلاندۇرۇش دورىسى بىلەن ساقىيىدىغان كىسەللەردىن ئەمەس، ئۇ قان راكىغا گىرىپتار بولوپتۇ. ھەم كىسەللىك ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قاپتۇ. بەلكىم ئۇ ئالتە ئايلارچە ياشىيالىشى مۇمكىن. مەن سىلەر كىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كىسەللىك ماتىريالىنى مۇشۇ ئەتراپتىكى راك كىسەللىكلىرى دوختۇرلىرىغا كۆرسەتتىم. ئۇلارمۇ ئومومى يۈزلۈك مۇشۇنداق قاراشتا بولۇشتى.
ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدىم، ۋاي بىچارە قىزىم، ۋاي بىچارە ياسىمەن. بۇ كىچىككىنە غۇنچە شۇنچە تىز توزوپ كىتەرمۇ، نىمانچە بىخۇدلۇق قىلغاندىمەن.
ئاڭغىچە ئايالىم كىرىپ كەلدى. ۋە ياسىمىننىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئاڭلاپلا ھۇشىدىن كەتتى. پاتپاراقچىلىقتا تۇرغۇنىمىزدا ئوغلۇم ئەھمەد كىرىپ قالدى ۋە، دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ياق ياق ياسىمەن ئۆلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈلۈپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ ھۆڭرەپ يىغلىدى. ئۇنىڭغا ئاغزىڭنى يۇم سىڭلىك ئاڭلىمىسۇن دەپ ئاغزىنى توسۇپ بولغىچە قارىسام ياسىمنمۇ ئاللىبۇرۇن بۇ بۆلۈمگە كىرىپ بىزگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپتۇ، ئۇ بالىلارچە ھەيرانلىق بىلەن، مەن ئۆلەمدىمەن. نىمە ئۈچۈن ئۆلگىدەكمەن دەپ بىزدىن سورىدى. ؟
ئۇنىڭ سۈئالىدىن ھەممىمىزنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالدى.
ئاخىرى دوختۇر ئىغىز ئىچىپ، كىسىلىڭىزنىڭ ئەھۋالى شۇنداق، ئەمدى سىز بىر مەزگىلدىن كىين ئاللاھنىڭ ئالدىغا كىتىسىز دىدى.
ياسىمەننىڭ چىرايى نۇرلىنىپ كەتتى.
-راستىنلا ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارامدىمەن. بۇ يامان ئىش ئەمەسقۇ؟ ئاتا سىلەر ئاللاھ دىگەن ئاتا ئانىدىنمۇ بىر تۇققاندىنمۇ مىھرىبان، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرگە ئىرىشكەندىن ياخشى دىگەنتىڭلارغۇ. ؟
-ئاتا سىز مىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىغا بىرىشىمنى ياقتۇرماي يىغلاۋاتامسىز، مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئانام ھۇشىدىن كىتىپ بارامدۇ.
-بىغۇبار بىر پاك قەلىبتىن چىققان بۇ سۆزلەر مىنى نىمە دىيشىمنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئۇ كۆڭلىدە ئۆلۈمنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان زات بىلەن ئۇچرىشش ئالدىدىكى مۇھىم بىر سەپەر دەپ قاراۋاتاتتى.
بىز دوختۇرغا قانداقلا بولسۇن ئۇنى ئىمكان يەتكەن دەرىجىدە داۋالاش، ھىچ بولمىسا كىسەللىك ئازاۋىنى يىنىكلىتىشنى ئىلتىماس قىلدۇق.
ئەمما ياسىمىن بىزگە، چوقوم ئۆلىدىغان ئىش بولسا داۋالىنىپ نىمە كەپتۇ. ئۇنداقتا قايتايلى دەپ تۇرۇۋالدى.
مەن ئۇنىڭغا قىزىم بىز ساق ئادەملەرمۇ ھامان ئۆلىمىز. شۇنداق بولسىمۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن يىمەي ئىچمەي، سەپەر قىلماي ، ياكى دۇنيانى ئاۋاتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھىچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي ئۆزىمىزنى تاشلىۋىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم بۇنداق ئويلىسا زىمىن ئۈستىدە ھىچقانداق ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت ھاسىل بولمىغان بولاتتى، دەپ ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشتىم، ئەمما ئۇ پىكرىمگە زادىلا قوشۇلمىدى.
ئاخىرى دوختۇر مۇنداق دىدى.
ياسىمەن شۇنى بىلىشىڭىز كىرەك، ھەر ئىنساننىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن ئۈسكۈنە سايمانلار بولىدۇ. ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئامانىتى، بىز ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز ئاسرىشىمىز كىرەك. مەسلەن سىزگە ئادىشىىڭىز بىر ئويۇنچۇق بىرىپ تۇرسا سىز ئۇنى ئۇنىڭغا ساق تاپشۇرامسىز ياكى چۇۋۇپ كاردىن چىقىرىپ تاشلاپ بىرەمسىز. ؟
-ئەلۋەتتە ئاسراپ ساق سالامەت تاپشۇرۇپ بىرىمەن.
-سىزنىڭ ئاشقازان، قان تۇمۇر، يۈرەك، ۋە كۆز قۇلاقلىرىڭىزمۇ ھەممىسى سىز كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك ئۈسكۈنىلەر. مەن سىزگە بىرىدىغان دورىلارنىڭ بىر رولى سىزنىڭ ئاغرىقىڭىزنى پەسەيتىش. يەنە بىرى ئاللاھقا ئۇچراشقىنىڭىزدا ئاللاھ سىزگە بەرگەن ئىچكى ئەزالىرىڭىزنىڭ كاردىن چىقماي سالامەت بولىشىغا ياردەم بىرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل رولى بار. شۇندىلا سىز ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئى ئاللاھ مەن سىلە بەرگە ن ئامانەتنى سىلگە سالامەت ئىلىپ كەلدىم، دىيەلەيسىز. مانا مەن سىزنىڭ ئەزالىرىڭىزدىن سىز بىلىپ بىلمەي بۇزۇپ قويغان يەرلىڭىزنى داۋالاپ ساقايتىپ قويىمەن.
-ياسىمىن ئۇزاق سۈكۈتتە تۇردى، خىلى بىر ھازادىن كىين ئۇنداق بولسا مەن داۋالىنىشقا تەييار. مەن دوستۇمنىڭ ئۇيۇنچىقىنى بۇزۇپ قويغاندىكى خىجالەتلىك ھالەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى خالىمايمەن دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۆزىنىڭ شوخ، ئۇماق، ھەم سۈيۈملۈك ئەركە قىزىنى ئاخىرەتكە ئۇزۇتۈشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر ئائىلگە نىسبەتەن ناھايىتى ئىغىر ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بىزنىڭ ئەندىشىلىك كەيپىياتىمىزنىڭ ئەكسىچە ياسىمەن كۈندىن كۈنگە ئۇماقلىشىپ چىرايى گۈلدەك ئىچىلىپ خۇشال بولوپ كىتىپ باراتتى. ئۇ كۈندىن كۈنگە پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئىبادەتكە كىرىشىپ كەتتى. كۈندە بىردىن سۈرە يادالاشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋالدى.
بىز ئۇنىڭغا قۇرئاننى نىمە ئۈچۈن يادلايسىز دىسەك، ئاللاھ قۇرئان يادىلىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. مەن ئاللاھقا: رەببىم سەن ياخشى كۆرىدىغان سۈرىلەرنى ئۈگۈنۈپ كەلدىم دەيمەن. ئۇ بەزى مىھمانخانىدا بەزى ئۆزىنىڭ كارۋىتىدا ناماز ئوقويتى. ئۇنىڭدىن نامازنى بۇنداق كۆپ ئوقۇشىنىڭ سەۋەبىنى سورىساق، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ناماز خۇشاللىقىمدۇر. دىگەنكەن. مەنمۇ ناماز ئارقىلىق خۇشاللىق تاپىمەن دەيتى.
قارىسام ئۇنىڭ كۈنلىرى يىقىنلاشقانسىرى چىرايى ئىچىلىپ نۇرلىنىپ كتىپ باراتتى. گەپ سۆزلىرىدىنمۇ شۇنداق بىر خىل ئىچكى خۇشاللىق تىپىپ تۇراتتى.
بەزىدە كىسەل ئازابى ئۇنى خىلىلا قىينايتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇ بىزگە قاراپ ئاللاھ مىنى گۇناھلىرىمدىن پاكلاۋاتىدۇ، شۇنداققۇ دادا دەپ بىزنىڭ ئىختىيارسىز ئىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمىزنى سۈرتۈپ قوياتتى. ئۇنىڭ بۇنداق سۆزلىرىدىن قەلىبلىرىمىز پارە –پارە بولۇپ كىتەتتى، ۋە ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتۇق.
ئۇ خۇددى بۇيرۇق كەلسىلا ھەر قاچان سەپەرگە ئاتلانماقچى بولۇپ تەييار تۇرغان ئەسكەردەك ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى. مىنۇت ۋاختىنىمۇ بىكار ئۆتكەزمەسلىككە تىرىشاتتى. ئەنە شۇنداق تىرىشىپ ئاخىرى قۇرئاندىن ئاياغ تۆت پارىنى سۈرە ياسىن، سۈرە كەھىپنى تولۇق يادلىۋالدى.
ئىسمدىن چىقمايدىغان ئاشۇ پەيشەنبە ئاخشىمى ئاخىرقى نەپەسلىرىدە ئۇ سۈرە ياسىننى ئوقۇشقا باشلىدى. ئوقۇش جەريانىدا نەپەس ئىلىشتا خىلىلا قىينىلىۋاتاتتى. شۇنداق بولسىمۇ لەۋلىرىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئو مىڭ بىر جاپالاردا سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىين سۈرە پاتىھە ۋە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇدى ۋە بىزگە قاراپ، ماڭا قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنى يادقا ئىلىشنى نىسىپ قىلغان، جىسمىمىنى ئۆزىگە ئىگىلىشكە مۇيەسسەر قىلغان، ھاياتىمنى مۇئمىن ئاتا –ئانىلىرىم تۈپەيلى ئىسلام بىلەن نۇرغا ئىرىشتۈرگەن ۋە سەبرە تاقەتلىك ئاتا-ئاننىڭ پۇشتىدىن تۆرەلدۈرگەن ئاللاھقا رەھمەت. ھە نىمە بولسا مەن كاپىر ياكى پاسىق بىناماز بولۇپ قالماپتىمەن، دەپ بىزگە ئۇرۇق تۇققان يۇرتداشلارغا نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدى.
بىز نىمە قىلىشمىزنى بىلمەي ئامالسىز ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتۇق.
ئۇ شۇ دۇئالارنى قىلىپ بولۇپ بىزگە تەپەسسۇم بىلەن قارىدى. ۋە ئانا دادا ئەمدى سىلەرگە خوش. قاراڭلار ھوجرامنىڭ تورۇسى ئىچىلدى، ئەنە چىرايلىرىدىن نۇر يىغىپ تۇرۇدىغان ئاپپاق كىيملىك ئادەملەر كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار مىنى ئاللاھقا ئۇچرىىشش ئۈچۈن ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆكتە پەرۋاز قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ.
ئۇ شۇلارنى دەپ خۇش تەبەسسۇم بىلەن كۆزلىرىنى يۇمدى.
ئاتىنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭ ئىككى مەڭزىنى بويلاپ ساقاللىرى ئۈستىكە قۇيۇلماقتا ئىدى، سورۇنداشلار ئىغىر سۈكۈتكە چۈمگەن بەزىلىرى مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىغان ئىدى. بىز ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ چىن دىلىمىزدىن قىزنىڭ روھىغا دۇئا قىلغاندىن كىين سورۇندىن تارقالدۇق.
يېقىنقى ئىنكاسلار