مۇھەممەد يۈسۈپ

ئالىملاردىن بىرى « ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ئۇستازى»دېگەن تېمىدا شېئىر يازغان ئىكەن. ئەلۋەتتە بۇ
سۆزنىڭمۇ ئاساسى بولىشى مۇمكىن.
ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالى«ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:«
ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ياكى بەختسىزلىكى، خاتىرجەملىكى ياكى بىئاراملىقى ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ.
ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ۋە ئۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ زېھنىدە مەۋجۇد بولغان ۋە ھېسسىياتىنى
مەشغۇل قىلغان ئوي-پىكىرلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر. شۇڭا دېئىل كارنېك مۇنداق دېگەن ئىكەن:»
تەپەككۇرىمىز بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ھاياتىمىز تەپەككۇرىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنداقتا، مۇشكىلە
توغرا تەپەككۇرنى تاللاش مەسىلىسىدە بولماقتا. ئەگەر ئىنسان ھەر ئىشتا توغرا تەپەككۇر قىلىدىغان بولسا،
ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى نەتىجىلىك بولىدۇ. بىزنى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلار ۋە ئىللىق ئوي-پىكىرلەر
ئورىۋالغاندا، بىز ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز. ناۋادا بىزنى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئورىۋالسا، ئۆزىمىزنى
بەختسىز ھېس قىلىمىز. ئۆزىمىزنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى گۇمان قىلىپ كۆڭلىمىزنى بىئارام قىلساق كۆپ
ھاللاردا راستىنلا كېسەل بولۇپ قالىمىز»»
مەنىۋى كۈچنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ
ئەللامە مۇھەممەد غازالى يەنە مۇنداق دەپ يازغان:« شەخسلەر ۋە كۆللىكتىپ ئۈچۈن مەنىۋىياتنىڭ زور
تەسىرىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. كۈچىنى ئەقىدىسىدىن ۋە مەنىۋىيىتىن ئالىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ غالىبىيىتى
كۈچىنى ماددى ئەسلىھەلەردىنلا ئالىدىغان ئەسكەرلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى ئەقىدە ۋە ئەخلاقنىڭ
كۈچى ماددىي كۈچلەرنى يېڭىپ چۈشىدۇ. شۇڭا پۈتۈن ساماۋى دىنلارنىڭ ئورتاق چاقىرىقى ئەخلاقنى ئىسلاھ
قىلىش بولغان ۋە ئەخلاقنى ھەر نەرسىدىن ئەۋزەل كۆرگەن. ئىنسان نەپسىيىتى بارچە دىنلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل
بۆلىدىغان ماۋزۇسى بولغان. چۈنكى گۈزەل ئەخلاق ھەر قانداق مىللەت ۋە ھەر قانداق مەدەنىيەتنىڭ روناق
تېپىشى ئۈچۈن ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
ئىنسان ئۆزىنى ئۆزگرتمىگىچە ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ
ئەللامە مۇھەممەد غازالى يەنە مۇنداق دەپ يازغان:« قۇرئان كەرىمدە» ئىنسان ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ
ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»دېگەن ئايەت بار. چۈنكى ھەر قانداق ئۆزگىرىش ئاۋۋال ئىنساننىڭ ئىچكى
دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ. ئىچكى دۇنياسىدا، خۇسۇسەن ئەخلاقىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىغان ئادەمنىڭ سىرتقى
تىرىشچانلىقى نەتىجىسىز قالىدۇ. شۇڭا ھەممىدىن ئاۋۋال ئىشنى ئىچكى دۇنيانى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنى ئاۋات
قىلىشتىن باشلاش كېرەك.»