ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ! ھەممىڭلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ، مەغپىرەت ئاخىرەتتكى كاتتا
مۇكاپات جەننەت ئاتا قىلىشىنى تېلەيمەن. ئامىن!

كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنىسى ئىنىقكى : بەندىلەرنىڭ ۋاختىدا ئۇقۇلغان نامازى ئاللاھ تائالا ئەڭ
ياخشى كۈرىدىغان ئىبادەتلەردۇر . ھەركۈنى بىز ئۇقۇپ كىلىۋاتقان بەش ۋاخ نامازدا بارلىق مۇسۇلمانلار
ئۇخشاشلا ئەرەپچە ئايەتلەرنى ئۇقۇيدۇ . نامازلاردا ئۇقۇلۇدىغان قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ تەرجىمىسى
قۇرئان كەرىمدە بولسىمۇ ناماز جەريانىدا دىيىلىدىغان بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلمەيدۇ .
پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلىپ چۈشۈنۈپ قىلىنغان ئىبادەتلەر شەكىلگە ، كۈرۈنۈشكە ،
دورامچىلىق ئاساسىدا قىلىنغان ئىبادەتلەردىن كۆپ ئەلا دىگەن ھەدىسىنى ئۇقۇغاندەك ئىسىمدە .

ھەممە ئادەم نىيەت قىلغان نەرسىسىگە ئىرىشىدۇ . مەن ئىزدىنىپ يۇرۇپ ھەركۈنى بەش ۋاخ نامازدا تەكرار
دىيىلىدىغان ئەرەپچە ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلگەن بولساممۇ ئىھتىمال يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلرىمىز ناماز
جەرىياندا دىگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسنى بىلمەسلىكى مۇمكىن . شۇ مەخسەتتە ئاللاھتىىن ھەممىزگە رەھمىتىنىڭ
كەڭ بۇلۇشىنى تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بۇلۇشىغا قارىماي ئۆزۈم توپلىغان مەزمۇنالارنىڭ
ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم . ئاللا خالىسا مەنپەئەت ئېلىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس .

1. سۇبھانىكە ئاللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ، ۋەتەبارۇ كەسمۇكە ۋەتەئەلا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك .

مەنىسى : ئى ئاللاھ ! سەن ھەممە نوقسانلاردىن پاك سەن ، جىمى مەدىھيە ۋە ماختاش ساڭا خاس ، سېنىڭ
ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر ، (ئەزىم ۋە جالالىڭ يۈكسەكتۇر ) سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر .

2. ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين ، ئەرراھمەنىر رەھىم ، مالىكى يوۋمىيددىن ، ئىيياكەنەئبۇدۇ، ۋەئىييا
كەنەستەئىن ، ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىم ، سىراتەل لەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرۇل مەغزۇبى ئەلەيھىم
ۋەلەززالىن . ئامىن !

مەنىسى : جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر ، ئاللا ناھايتى شەپقەتلىك ۋە
مىھرىبادۇر، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر، رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز .
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن ، غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس سەن ئىنئام
قىلغانلارنىڭ يۇلىغا باشلىغان . ئامىن !

3. سۈرە فاتىھەدىن كىيىن قۇشۇپ ئۇقۇلىدىغان كۆپ ئۇقۇيدىغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى قۇرئان كەرىمدىن
ئامال بار يادقا ئېىۋالساق ، نىمە دىگەنلىكىمىزنى بىلىپ دىسەك ، تەربىيە نەسىھەت ئالساق . نىيەت قىلساق
مىنىڭچە تەس ئەمەس .

ئاللاھۇ ئەكبەر :- ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر . ( ئۈچ قېتىم )

4. رۇكۇدا: سۇبىھانە رەببىيەل ئەزىم : – بۈيۈك ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق نوقسانلاردىن پاكتۇر .( ئۈچ قېتىم )

5. سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدە: -ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ ھەمدۇر سانالىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ .

6 . رەببانالەكەلھەمىدە : – رەببىم ھەمدۇسانا (شۈكۈر) ساڭا ئائىتتۇر .

7. ئاللاھۇ ئەكبەر : – ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر

8.سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا : – ئۇغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى رەببىم بارلىق نوقسانلاردىن پاكتۇر . ( ئۈچ قېتىم )

9. ئىككى سەجىدە ئارلىقىدا “ ئاللاھۇممەغفىرلى ۋەرھەمنى ۋە ئافىنى ۋەھدىنى ۋەرزۇقنى “ دەيمىز

10. ئەتتەھەيياتۇدا ئولتۇرۇش : ئەتتھەيياتۇ لىللاھى ۋەسسىلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەيھەننەبىييۇ
ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىين ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ
ۋەئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدۇن ئابدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ :

مەنىسى : تىل ، بەدەن ۋە مال مۈلۈك بىلەن قىلىنغان ئىبادەتلەر ئاللاھقا خاستۇر . ئى مەرتىۋىسى ئۇلۇغ
پەيغەمبەر ! ئاللاھنىڭ سالامى ، رەھمىتى ، ۋە بەركىتى ساڭا بولسۇن ! سالام ۋە خاتىرجەملىك بىزگە ۋە
ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن ! گۇۋاھلىق بىرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ
يوقتۇر . يەنە گۇۋاھلىق بىرىمەنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر .

11. ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەد كەما سەئەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى
ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇممەجىيد .

مەنىسى : ئى ئاللا ! مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە خۇددى ئىبراھىم ۋە ئىبراھىمنىڭ جەمەتىگە
رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن .

12. ئاللاھۇممە بارىكىئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئىبىرھيمە
ئىننەكە ھەمىيدۇممەجيد.

مەنىسى : ئى ئاللا ! مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە خۇددى ئىبراھيىم ۋە ئىبراھيمنىڭ جەمەتىگە
بەخىت ئاتا قىلغاندەك بەخىت ئاتا قىلغان .

13. ئاللاھۇممۇ رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقەنا ئازابەننار .

مەنىسى : ئى ئاللا ! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلىغن ، بىزنى
دەۋزەخ ئازابىدىن ساقىلىغىن .

14. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللا ھ : سىلەرگە ئاللاھىنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى ( مىھىر – شەپقىتى )
كەلسۇن !

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرىز نامازلاردىن كىيىن :“ئەستەغفىرۇللاھەلئەلىيەلئەزىم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيىك “ دىيشنى
تەۋىسسىيە قىلغان .

مەنىسى : ئى ئەزىمەتلىك ئاللاھ ! گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىشىڭنى تىلەيمەن ۋە سېنىڭ تەرىپىڭگە قايتىمەن
.

15. خۇپتەمنىڭ ۋىتر نامىزدا : ئاللاھۇممە ئىننا نەستەئىينۇكە ۋەنەستەھدىيكە ۋەنەستەغفرۇكە ۋەنەتۇبۇ ئىلەيكە
ۋەنۇئمىنۇبىكە ۋەتەۋەككەلۇ ئەلەيكە ۋەنۇسنى ئەلەيكە خەيرە كۇللەھۇ ۋەنەشكۇرۇكە ۋەلا نەكفۇرىكە ۋەنەخلەئۇ
ۋەنەتۇرۇكۇ مەن يەفجىرۇكە ئاللاھۇممە ئىيياكەنەئبۇەۇ ۋەلەكە نۇسەللى ۋەنەسجۇدۇ ۋە ئىلەيكەن نەسئا
ۋەنەھفىدۇ نەرجۇ رەھمەتىكە ۋەنەخشە ئازبىكەلجىددى ئىننە ئازابىكە بىلكۇففارى مۇلھىق .

مەنىسى : ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم تىلەيمىز ، گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلىشىڭنى ، بىزنى توغرا يولغا
باشلىشىڭنى تىلەيمىز . ئى ئاللاھ ! ساڭا ئىمان ئېيتىمىز ، تەۋبە قىلىپ ساڭا قايتىمىز ، ئىشلىرىمىزدا ساڭا
تايىنىمىز ۋە ساڭا ئىشىنىمىز ، سېنى ماختايمىز ، بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ سەندىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەيمىز ،
بىزگە شۇنچە كۆپ نېئمەت بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر قلىمىز ۋە نانكورلۇق قىلمايمىز ، ساڭا تۇزكورلۇق
قىلغانلاردىن يىراق تۇرىمىز ، ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزىمىز ، ئى ئاللاھ ! پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قلىمىز ،
پەقەت سەن ئۈچۈنلا ناماز ئۇقۇيمز ، يالغۇز ساڭىلا سەجىدە قىلىمىز ، يالغۇر ساڭىلا يۈگۈرۈپ بارىمىز ، ساڭا
سېنىڭ سۆيگۈڭ بىلەن ئىبادەت قلىمىز . رەھمىتىڭدىن ئۈمۈدلىنىمىز ، غەزىپىڭدىن قورقىمىز ، سېنىڭ ئازابىڭ
كاپىرلار ئۈچۈندۇر.

بۇنى ئۇقىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بۇنڭدىن مەنپەئەتلەنگەي ، بىلمىگەنلەرگە يەتكۈزگەي . بىر ياخشى
ئىشقا باشلىغۇچى ياكى ياخشىلىقىنى ئۈگەتكۈچى ئۈگەننڭگۈچىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا ئوخشاش ياخشلىقتىن
بەھرىمان بولىدۇ . ئاللاھنىڭ بىزنىڭ نيەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى ، ئىشلىرىمىزنى كۆرۈپ
تۇرىدىغانلىقى ، سۆزلىرىمىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ، تىلىگىنىمىزنى ئىجابەت قىلىپ مەخسىتىمىزگە
يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالمايلى ! تۇلۇق ، ھەقىيقى ، ساپدىل ، چىن ئىخلاس مۇسۇلمانلاردىن
بۇلۇپ ئاللاھ خالىسا ياخشى ئەمەللىرىمىز شاراپىتىدىن جەننەتتىكى كاتتا ، پۇتمەس تۈگۈمەس ئالى
نېئمەتلەردىن بەھرىمان بۇلۇشقا تىرشىايلى !بىلمىگەننى ئۈگۈنەيلى ! بىلگەننى ئۈگۈتەيلى ! توسقاندىن يانايلى
! بۇيرۇلغاننى بىجاندىللىق بىلەن ئىجراقىلايلى !
قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىكى ئەرەبچە ئاھاڭدىن بىۋاستە پايدىلانماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن،بۇ پەقەت مەنىسىنى
چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلاندى.