ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇبارەك رامىزان ھارپىسىدا رامىزاندا يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش ھەققىدە بەزى يازمىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، زولۇق، ئىپتارلىق يېمەك-ئىچمەك ھەققىدە ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى دوستلارنىڭ سەمىگە سالغۇم كەلدى.
بىزدە رامىزان كېچىلىرى ئاياللار زودىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ تاماققا تۇتۇش قىلىدۇ. زولۇققا پولو، لەغمەن، بۇلاق مانتا قاتارلىق «قورساقتا تۇرىدىغان» تاماقلار ئېتىلىدۇ. كەچتە ئىپتارغا يەنە بىر-ئىككى سائەت بۇرۇن ھازىرلىققا چۈشۈپ بىرەر سۇيۇق-سەلەڭگە يانداشتۇرۇلۇپ قۇۋۋەتلىك تاماق ئېتىلىدۇ، مېۋە-چىۋە، لەڭپۇڭ-راڭپىزا، ئاچا سەي، مۇراببا، رىشالە، قۇيماق، گۆشگىردە… قاتارلىق ساناقسىز نازۇنېمەتلەر ئىپتار داستىخىنىغا ھازىر قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ نورمالدا يەيدىغان ئۈچ ۋاخ تامىقى رامىزان كۈنلىرى ئىككى ۋاخقا پىرىسلىنىدۇ. بۇ يەردە «قىسقارتىش» ئىبارىسىنى ئەمەس «پىرىسلاش» ئىبارىسىنى قوللىنىشتىن مەقسەت شۇكى، ئۈچ ۋاخ تاماقتا يىيىلىدىغان ئوقەتلەر رامىزاندا كۆپەيسە كۆپىيىدۇكى ئازايمايدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا «ئون بىر ئاي يىغ، بىر ئاي يە» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا رامىزان ئايلىرى ئادەتتىكىگە قارىغاندا مولچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. شۇڭا بىر ئاي رامىزاندىن كېيىن سەمرىپ قالىدىغان ئىشلار بىزدە نورمال ئىشلار قاتارىدىن.
ھالبۇكى، ئوزۇقلۇقشۇناسلار يېمەكلىكنى ئاشقازاننى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن يېيىشنى، ئىچىملىكنى ھوزۇر ئۈچۈن ئەمەس ساقلىق ئۈچۈن ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يۈرەك ۋە ئىچكى كېسەللىكلەر پروفېسسورى، داڭلىق ئوزۇقلۇقشۇناس جانان قاراتاينىڭ تەۋسىيىسى بويىچە بىر نەچچە تال پەمىدۇر، تەرخەمەك، بىر چاڭگال قۇرۇق يەل-يېمىش، 5-10 تال زەيتۇن، سېرىقمايدا پىشۇرۇلغان ئىككى تال تۇخۇم (سېرىقماينى ياقتۇرمىسىڭىز سۇدا پىشۇرۇڭ)، شېكەرسىز چاي ياكى سۈت، ئايرانلار بىلەن زولۇق يەپ سىناپ كۆرۈڭ، لەغمەن، پولو يەپ روزا تۇتقان كۈندىكىدىن راھەت بىر شەكىلدە ئىپتارغا ئۇلىشىسىز.
قاراتاي خانىمنىڭ ئىپتار تەۋسىيىسى بويىچە ئىپتارلىق داستىخانغا كولا، مېۋە شەربىتى، يېشىل چاي، قىزىل چاي دېگەندەك بوتۇلكىلىق ئىچىملىكلەرنى يولاتماڭ، ناننى كۆپ يېمەڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى شېكەرلىك. ئىپتاردىن بىر-ئىككى سائەت كېيىن سىزنى ھالسىزلاندۇرىۋېتىدۇ. ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى قالايىمىقان قىلىدۇ. ئۇسسۇزلۇق ئۈچۈن شېكەرسىز چاي، ئايران، سۇ ئىچىڭ. ئىپتارلىق تاماقتىن كېيىن تاتلىق يېگىڭىز كەلسە، تورت، پىچىنە-پرەنىكلەرنى يېمەڭ، قۇرۇق يەل-يېمىش، مېۋە-چېۋە بىلەن تاتلىق خۇمارىڭىزنى بېسىڭ.
رامىزان — ئىبادەتلىرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، يامان ئادەتلەرنى تاشلاپ، ياخشى ئادەتلەر يېتىلدۈرىدىغان مۇبارەك بىر ئاي. بۇ ئايدا ئوزۇقلۇق ئادەتلىرىمىزنى تەرتىپكە سېلىش مەيلى رامىزانلىق ئىبادەتنىڭ سۈپەت نۇقتىسىدىن مەيلى كېيىنلىك سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئوخشاشلا مۇھىم. رەببىمىز ھەممىمىزنى رامىزاننىڭ بەرىكەت نۇرلىرىغا چۈمۈلۈپ نۇرلانغىلى نېسىب قىلغاي.