18 ياش چېغىمدا 19 ياشلىق ھەدەم قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. ھاياتنىڭ مەنىسى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەڭ كۆپ ئويلىنىشلىرىم شۇ ۋاقىتتا بولغانمىكىن دەيمەن. ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ يەر ئاستى باسمىلاردىن چىققان ئەلىي تەنتاۋىيىنىڭ، مەۋدۇدىنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتنىڭ مەنىسىنى تېپىۋېلىشىمغا تۈرتكە بولغانىدى. ئاللاھ شۇ ئۇستازلارغا ھەم شۇ ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلارغا، خەتەرگە كۆكرەك كېرىپ بېسىپ تارقاتقانلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلسۇن. بۈگۈنگە قەدەر بىر قانچە قېتىم ئۆزۈمنىڭ، يۈرەك پارىلىرىمنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىپ سوغۇق تەرلىگەن پەيتلىرىم بولدى. 15-ئىيۇل كېچىسى ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرۇدرومىدا F16 لەر بېشىمىزدا ئەگىپ يۈرگەن مىنۇتلاردا ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈردۈم. ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ، دەپ ئويلىغان چېغىمدا تۇنجى بولۇپ شۇ كۈن نېمىش قىلغانلىقىمنى ئويلىدىم. ئۆيدە ئىشلەيدىغان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈن قەتئىي ئىش خوشياقماي قۇرئان بىلەن ئۆتكەنىدىم. شۇ كۈنلۈك ئەمىلىم كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزغانىدى. غەپلەتتە يۈرگەندە باشقا ئۆلۈمنىڭ كېلىشى نەقەدەر قورقۇنچلۇق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى شۇ كۈنى ئىلگىرىلەپ ھېس قىلغانىدىم. ئەمىلىيەت شۇ ئىدىكى، بىر مۇسۇلماننى قورقۇتىدىغىنى ئۆلۈم ئەمەس، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئاقىۋەت ئىدى.
ھەدەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن چوڭ دادام، چوڭ ئانامنىڭ ۋاپاتىغا شاھىد بولدۇم. راكنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە كېسەل قىيناقلىرىدا پۇچىلىنىۋاتقان چوڭ دادامنىڭ ئېغىزىدىن ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان كەلىمىلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتىم. ئاللاھقا شۈكرى، ئۇنداق سۆزلەرنى قۇلىقىم ئاڭلىماي چوڭ دادام ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. نامازغا ئاشىق چوڭ ئانامنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىنكى نۇرلۇق يۈزى، لەۋلىرىدە قېتىپ قالغان تەبەسسۇم نامازغا مۇھەببىتىمنى ھەسسىلەپ ئۇلغايتقانىدى.
رامىزاندىكى زو (ئىمساك) ۋاقتى ھەققىدە زو ۋە بامدات ئارىسىدىكى ئارىلىقنى «50 ئايەت مىقدارى» دەپ سۈپەتلىگەن ھەدىس ساھابىلەرنىڭ ھاياتىدا قۇرئاننىڭ ياشاش ئۆلچىمى بولۇپلا قالماي، ۋاقىت ئۆلچىمىمۇ بولغىنىنى كۆرسەتسە كېرەك. ھاياتىمدا قۇرئاننىڭ ئورنى ۋاقىتنى «مانچە ئايەت مىقدارى» دەپ سۈپەتلىگۈدەك بولسا، ھاياتىم قانچىلىك ئۆزگىرەر، دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. بىر تالاي ئىش ئۈست-ئۈستىلەپ بېسىم ئىچىدە قالغان ۋاقتىمدا شۇنچە كۈنتەرتىپنىڭ ئىچىگە «قۇرئان ئوقۇش» دېگەن بىر ماددىنى قىستۇرسام، پىلاندىكى ئىشلارنىڭ راۋان يۈرۈشۈپ كېتىشلىرىدىن قۇرئاننىڭ بەرىكەت ئىكەنلىكىگە تەكرار-تەكرار ئىمان كەلتۈرىمەن. سائەتنى ئۆلچەم قىلغان مەنتىقە بويىچە ئىش تۈگىمىگەن چاغدا بىرەر سائەت ۋاقىتنى قۇرئانغا بېرىش «ئەقىل»گە ئۇيغۇن ئەمەستەك بىلىنىدۇ. ئەمما، تۈگىمەس ئىشلار قاينىمىغا چۈشۈپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ كۈنىدىن بىر قانچە ۋاقىتنى (مەسىلەن: بامداتتىن كېيىن 10 مىنۇت، ئىشقا ماڭغاچ 10 مىنۇت، پېشىندىن كېيىن 10 مىنۇت، كەچلىك تاماقتىن كېيىن 10 مىنۇت) قۇرئانغا ئاجرىتىپ ئارىدىكى پەرقنى بايقاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئالدىنقى ھەپتە مەسجىدتىكى دەرستە «يامان كېسەل» توغرىلىق توختالدى خاتىبىمىز. راك قاتارلىقلارنى بىز «يامان كېسەل» دەپ ئاتىغىنىمىزدەك تۈرك قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش مەنىدە ئاتايدىكەن. «بىراۋنى ئۆلۈمدىن بۇرۇن گۇناھلىرىدىن پاك-پاكىزە قىلىپ پاكلاپ ئاللاھقا يوللايدىغان كېسەلنى نېمىشقا «يامان كېسەل» دەيسىلەر؟» دەپ قالدى خاتىب ئاخۇنۇم. دېمىسىمۇ راست، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ، ھاياتىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرىگە نىسبەتەن كېسەل، ئاپەت ۋەھاكازالار ئەمەل دەپتىرىگە ساۋاب كۆپەيتىدىغان بىر سەۋەب. ئۆلۈمنى ھەممىنىڭ تۈگەنچىسى دەپ قارايدىغان بىئىمانلارغا نىسبەتەن ئۆلۈم دەھشەتلىك بىر قاراڭغۇلۇق بولسا، ئىمان ئەھلى، تەقۋا ئەھلى ئۈچۈن ئۆلۈم مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ باشلىنىشى، ئەلۋەتتە.
كاپىرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت بىلەن، ئوخشاش ئاپەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى بەزى تالاش-تارتىشلار پىكرىمنى غىدىقلاپ كۆڭلۈمدىكىنى تۆكۈپ قويدۇم. ئاللاھ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى تۈرلۈك بالايىئاپەتلەردىن ساقلىسۇن، مۇسىبىتىمىزنى دىنىمىزدا قىلمىسۇن. (ئامىن!)