ۋىرۇس ۋەھىمىسىدە ئۆيدە ئىشلەش باشلانغاندىن بېرى ئەتىگەندە ناشتىلىق تەييارلاش، چۈشلۈك تاماق، كەچلىك تاماق ئېتىش، ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ قاچا-قۇچىسىنى يىغىشتۇرۇش دېگەندەك قورساققا مۇناسىۋەتلىك كۈنتەرتىپلەر تۇرمۇشۇمنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىپ كەلدى. رامزان مەزگىلىدە ئۇستاز مۇھەممەدئەمىن يىلدىرىم «ھەممەيلەن ئۈچۈن سىيرەت» دەرسىدە ئۇيقۇ ۋە تاماق ئادىتى ھەققىدە مەخسۇس دەرسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ قالدى. رامزاندىن كېيىن شۇ دەرسلەرنى كۆرۈپ چىقتىم ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىككى ۋاخ تاماق يەيدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى كۆرۈپ ئۈچ ۋاخ تاماقنى كۈن چىققاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ناشتا، ئەسىردىن كېيىن يېيىلىدىغان كەچلىك تاماقتىن ئىبارەت ئىككى ۋاخقا چۈشۈرۈپ باقتىم. تەرخەمەك، پەمىدۇردا تەييارلانغان سالات، تۇخۇم، ئېرىمچىك (پەينىر)، زەيتۇن، يەر ياڭىقى، پىندىق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈملەر (نان بولسا ئالقانچىلىك، بولمىسا مەيلى) بىلەن ناشتا قىلىپ، چۈشتە مېۋە-چېۋە يەپ، ئەسىردىن كېيىن كەچلىك تاماقنى مول يەپ، شام، خۇپتەن ئەتراپىدا ئاساسەن سۇ ئىچىپ (كەچتە چاي، قەھۋە ئىچىلسە، ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ئىش چىقىدۇ) جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقىلى ئىككى ئايچە بوپتۇ. سالامەتلىكىم ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى. بەدەن ئېغىرلىقىم نورمال پېتى تۇردى. كەچلىك تامىقىم بىلەن كەچلىك ئۇيقۇمنىڭ ئارىلىقى 3-4 سائەتتىن ئۇزۇن بولغاچقا ئۇيقۇم بۇرۇنقىدىن سۈپەتلىك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئەڭ مۇھىمى چۈشلۈك تاماق ئېتىدىغان، بىر ۋاخ تاماقنىڭ قاچا-قۇچىسىنى يىغىشتۇرىدىغان ۋاقتىم تېجەلگەن بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ھاياتقا پەقەت گۈزەللىك، بەرىكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان قېرىنداش، ھەمشىرىلەر(دوختور تەۋسىيەسى بويىچە ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىدىغانلار ئەلۋەتتە مۇستەسىنا)نىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.