تىكتوك، ئىنستاگرام دېگەندەك كۆرۈنۈشلۈك ئاممىۋىي مېدىيا ئەپلىرى ئۇپا-ئەڭلىك، نۇر-سىۋىت، سۈرەت پەرداز ئەپلىرى ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ چىراي، بەدەن كۆز-كۆز قىلىدىغان، تۈرلۈك ۋىدىيو ئۈنۈملىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان نەچچە سېكونتلۇق «قالتىس» ھەرىكەتلىرىنى داملىتىدىغان مەيدانىغا ئايلاندى. قان-تەرسىز، ئەجىر-مېھنەتسىز تېز سۈرئەتتە نام چىقىرىش خىيالىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر بۇ نەرسىلەرنى باشقىلارنىڭ ئېسىدىن نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاك-پاكىز كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغان شاكال كۆرۈنۈشلەر بىلەن مىچچىدە تولدۇرۇپ ئۈلگۈردى. ۋاتسئەپتىن كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندە Clubhouse ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى كۆردۈم. كىشىلەرنى جەلب قىلغان يېڭى ئۇقۇمنى لايىھىلىگۈچى نۇقتىسىدىن چۈشىنىپ بېقىش نىيىتىدە قاچىلاپ، ئىشلىتىپ باقتىم.
«كۇلۇبخانە» نامىدىكى بۇ ئەپكە ئەزا بولۇش ئۈچۈن، بۇرۇن تىزىملاتقانلارنىڭ تەكلىپى بولۇشنى شەرت قىلىدىكەن. بىر تېلېفون نومۇرى بىلەن بىرلا ئىشلەتكۈچى تىزىملىتىشنى، راست ئىسىم قوللىنىشنى تەلەپ قىلغاچقا، يالغان ھېسابلارنىڭ قالايىمىقانچىلىقلىرى ئازايغۇدەك. ئەپكە باش سۈرەت ئۈچۈن سۈرەت يوللىغاندىن سىرت، باشقا، سۈرەت، ۋىدىيو يوللايدىغان ئىش يوق ئىكەن. ھەركىمنىڭ سۆھبەتخانا ئېچىش ھوقۇقى بولىدىكەن. سۆھبەتخانىنى خالىسا ئاشكارە، خالىسا ئۆزئارا ئاچقىلى بولىدىكەن. ئاشكارە ئېچىلغان سۆھبەتخانىلارغا ھەركىم كىرىپ سۆھبەتنى تىڭشىسا بولىدىكەن. پىكىر بايان قىلماقچى بولسا، قول كۆتۈرۈش كونۇپكىسىنى بېسىپ، سۆھبەتخانا ساھىبى رۇخسەت قىلسا پىكىر قىلالايدىكەن. سۆھبەتخانا ئېچىپ، «كۇلۇبخانە»نىڭ دائىمىي مېھمىنى بولغانلارغا «كۇلۇب» ئېچىش ئىمتىيازى بېرىلىدىكەن. ئۇ كۇلۇبتا سۆھبەت باشلانغان ھامان ئەگەشكەنلەر ئەسكەرتمە ئۇچۇرغا ئاساسەن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ قاتنىشالايدىكەن. نورمال سۆھبەتلەرنى مەلۇم ۋاقىت بەلگىلەپ شۇ ۋاقىتتا باشلىغىلىمۇ بولىدىكەن.
قىسقىسى، بۇ ئەپ كامېرا ئىشلەتمىگەچكە چىراي، بەدەن كۆز-كۆز قىلىنمايدىكەن. ئۆز پىكىر-چۈشەنچىسىنى باشقىلارغا مەنپەئەتلىك دەپ قارايدىغانلار سۆھبەتخانا، كۇلۇب قۇرۇپ پىكىر تارقاتسا، شۇ تۈردىكى سۆھبەتكە قىزىقىدىغانلار خۇددى لېكسىيە، دەرسلەرگە ۋاقىت ئايرىپ قاتناشقاندەك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا نەقمەيدان قاتنىشىپ ئاڭلىسا بولىدىكەن. يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى، كونۇپكا بېسىپ تۇرۇپ سۆز قىلىنمايدىكەن. مىكروفوننى تاقاش ئۈچۈن كونۇپكا بېسىلىدىكەن. شۇڭا تېلېفون ياكى باشقا ئەپلەردە نەقمەيدان پاراڭلاشقاندەك ئەپنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ياكى ئوڭدا يېتىپ پاراڭلاشسا بولىۋېرىدىكەن.
ئالا-بۇلىماچ ئەپلەرنىڭ غەلۋە-غوغالىرىدىن زېرىككەنلەر ئىلمىي پىكىرلەر، كىتاب تونۇشتۇرۇشلىرى، ئىگىلىك تىكلەش تەۋسىيەلىرى… دېگەندەكلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن سىناپ باقساڭلار بولىدىكەن.
(ئەسكەرتىش: ھازىر پەقەت ios ئۈسكۈنىلىرىدىلا ئىشلەيدىكەن. iphone ياكى ipad بولۇشى شەرت)