by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 14, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئىمان ئىككى قىسىم بولىدۇ. بىرى تىلدىكى ئىمان، يەنە بىرى دىلدىكى ئىمان. قەلبى بىلەن تىلى ئارىسىدا باغلىنىش يوق كىشىلەرنىڭ دەۋا قىلغان ئىمانى ھەققىدە ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ:
ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 8 - ئايەت)
بىز بىر كىشى تىلىدا ئىمان ئېيتسا، مۇسۇلمان دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ دىلىدىكىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر. شۇڭا، ھەقىقىي مۇئمىن ياكى ئەمەسلىكىنىڭ ھۆكۈمىنى پەقەت ئاللاھ بېرەلەيدۇ. دىلدىكى ئىمان بەزىدە ئازىيىپ، بەزىدە ئۇلغىيىپ تۇرىدۇ. بەزىدە سۈزۈك، بەزىدە دۇغلىشىپ قالىدۇ. ئىمان ئازايغاندا پەيدا بولغان بوشلۇققا نىفاق جايلىشىدۇ. نىفاقنىڭ ئەدىشى بىلەن كىشىنىڭ مۇناپىق بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، ئىماننى مۇھاپىزەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رامىزان ئېيى قۇرئان ئوقۇش ۋە مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىش،ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا، ئەستايىدىل قىلىش، سالىھ دوستلار بىلەن بىللە بولۇش، ئىمانىمىزنى كۈچەيتىدىغان سۆھبەتلەرنى ئاڭلاپ، قەلبنى سۈزۈكلەشتۈرىدىغان كىتابلارنى ئوقۇش، سەدىقە بېرىش، يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش … قاتارلىق ئىماننى كۈچەيتىدىغان ئەمەللەرنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى.
ئالدىنقى كۈنى بىر پروگراممىدا كۈنىمىزدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىزنى ھەرۋاقىت سۈرەتكە ئېلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا، مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم ئۇستازنىڭ «ھەر ئىشنى ئاللاھتىن ئەيمىنىپ قىلىدىغان بىرى بولساڭ، سۈرەتكە ئېلىنىشتىن قورقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دېگەندەك بىر گېپى قىستۇرما قىلىندى. قەلبىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغان زاتتىن ئەيمىنىپ ياشاش بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋا بولۇشتىن ساقلايدۇ.
ئاللاھ قەلبىمىزنى مۇناپىقلىقتىن يىراق قىلغاي، ئۇنى نىفاققا ئورۇن قالمىغۇدەك ئىمان زىيادىلىكى بىلەن تۇتۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 4 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 13, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى شۇنداق سېلىشتۇرىدۇ: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن ۋە دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈشتىن كېيىن دەپ ئىككىگە ئايرىساق، دېڭىزدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن زالىم فىرئەۋنگە قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكەن بولسا، دېڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن قەۋمى ئىچىدىكى مۇناپىقلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى چۆلنى كېسىپ ئۆتۈش (ھىجرەت) تىن بۇرۇن ۋە چۆلنى كېسىپ ئۆتۈشتىن كېيىن دەپ ئىككىگە بۆلسەك، چۆلدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن مەككىنىڭ زالىملىرىغا قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكەن بولسا، چۆلدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇناپىقلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.
ئاجايىپ جايىغا چۈشكەن بۇ سېلىشتۇرمىلاردىن ھەيرەتتە قېلىپ تۇرغاندا ئۇستازنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتلەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ، كۈنىمىزدە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ نەق ئۆزى سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى:
ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە ئەخمەقلەر ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 13 - ئايەت)
ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «بىز راستتىنلا سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز، خالاس» دەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 14 - ئايەت)
مۇناپىقلارنىڭ مۇئمىنلارنى «ئەخمەق» دېيىشى ئۇلارنىڭ ئېقىۋاتقان تىجارىتى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرىنى تاشلاپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى مۇساپىرچىلىقتىكى «بىچارىلىكى» ئىدى. مۇسۇلمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇپ، كاپىر كاتتىۋاشلىرى بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشكەندە مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى. ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، كاپىرلار تەرەپكە ئۆتىدىغان يولىنى تاقاپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەر سانايتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەر سىلەرگىمۇ ئارىمىزدىكى بەزىلەرنى ئەسلەتتى بولغاي.
كېيىنكى ئايەتتە ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 15 - ئايەت)
ئەنە شۇلار ھىدايەتكە زالالەتنى سېتىۋالغان، بۇ سەۋەبتىن تىجارىتى پايدا بەرمىگەن ۋە توغرا يولدا ماڭمىغان كىشىلەردۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 16 - ئايەت)
توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغانلارغا سالام! ئاللاھ بىزنى ھىجرەتنىڭ سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، رىزاسىنى قازانغانلاردىن قىلغاي.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 3 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 12, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
«بەقەرە» سۈرىسىدە بايان قىلىنغان تەقۋادارلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى— «ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ». «غەيبكە ئىشىنىش» دېيىلسە، ئەقلىمىزگە كېلىدىغىنى ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش. ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە غەيبكە ئىشىنىشنى ئۈمىد بىلەن باغلىدى: ئۈممەتنىڭ بېشىغا كەينى - كەينىدىن يامان كۈنلەر كەلگەندە، شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ئاللاھ قۇرئاندا بىزگە ۋەدىلەرنى بەردى. ئاللاھ ۋەدە بەرگەن بولسا، كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەلبىمنىڭ كۆرگەنلىرى ئالدىدا كۆزۈمنىڭ كۆرگەنلىرى ھېچنېمە ئەمەس.
«بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر.» («ئال ئىمران 139 - ئايەت)
بۇ ئۈممەت مەغلۇبىيەتتىن كېيىن يەنە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسا، ھېچ گەپ ئەمەس. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مۇسۇلمانلارغا بىر يامان خەۋەردىن كېيىن، يەنە بىر يامان خەۋەر كېلىۋاتقان بولسا، رۇلمەت كېچىدىن كېيىن ھامان تاڭ ئاتىدۇ. مۇئمىنلەر ئۈچۈن، ئۇلاردا ئىمان بولغان مۇددەتتە ئاللاھتىن كەلگەن بىر ئۈمىد ھامان بولىدۇ. سەن بىر مۇئمىندىن ھەممە نەرسىنى تارتىۋالالىشىڭ مۇمكىن، ئەمما، ئۈمىدىنى تارتىۋالالمايسەن. بۇ ئۈممەتنىڭ غەمگە چۆكۈشىگە، ئۈمىدسىز بولۇشىغا رۇخسەت يوق. بىز ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئاچقىنىمىزدا تۇنجى ئۇچرىشىدىغىنىمىز «ئەلھەمدۇلىللاھ» بولغان كىشىلەرمىز. بۇ بىزنىڭ ھادىسىلەرگە ھەر قاچان ئۈمىدۋار بېقىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قاقشاپ، زارلىنىپ تۇرغان بىرىنىڭ «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيىشى ئىمكانسىز. زېھنىڭدە پەقەت مەنپىيلا نەرسە بولغىنىدا «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيەلمەيسەن، «ئەلھەمدۇلىللاھ»نى پەقەت ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەر، ياخشىلىقلار، رەھمەتلەر، پۇرسەتلەرنى تونۇغىنىڭدىلا دېيەلەيسەن. تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ كىشىلەر پەيغەمبەرلەر، سالىھلارنىڭ قانچىلىك قارا كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىدىن ئاللاھ كىتابىدا خەۋەر بەرگەن. ئۇلار شېرك، كۇفرى ھۆكۈمران بولغان دەۋرلەردە ئاز سانلىق بولسىمۇ كۇفرىنىڭ بېسىم، قورشاۋىغا قارىماي كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاللاھ بېشىمىزغا كەلتۈرگەن قارا كۈنلەر تارىختا ياشىغان شۇ ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ كۈنلىرىنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ تاۋلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزگە سۇنۇلغان پۇرسەت. بىز ئاسايىشلىق، راھەت، خۇشال - خورام كۈنلەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمما، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئاسايىشلىق، راھەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئاللاھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئەمەللەردىن تولىمۇ يىراق ياشايدۇ. ئاللاھنى مەمنۇن قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىيىنچىلىق ئىچىدىكى كىشىلەر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بىزنى مۇشۇ كۈندە ئاپىرىدە قىلىشى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن بىر پۇرسىتى. مانا بۇلارغا ئىشىنىشمۇ غەيبكە ئىشىنىش جۈملىسىدىن.
دۇنيانىڭ بىز كۆرەلەيدىغان تەرىپىدە بىز زوقلىنىدىغان ئەيش - ئىشرەتلىك مەنزىرىلەر ئارقىسىدا ساناقسىز پاجىئەلەر، بىز ئىچ ئاغرىتىۋاتقان خارابىگە ئايلانغان مۇشەققەتلەرگە تولغان مەنزىرىلەر ئارقىسىدا مىسىلسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.
ئاللاھ بىزنى غەيبكە ئىشىنىدىغانلاردىن قىلسۇن، بىزگە دۇنيادىكى مەنزىرىلەرنى، شەيئىلەرنى ھەقىقىتى بىلەن كۆرەلەيدىغان ئىدراك ئاتا قىلسۇن.
1445 - يىل رامىزاننىڭ 2 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 11, 2024 | رامىزان ئۈنچىلىرى
«فاتىھە» سۈرىسىدىكى «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن (توغرا يولغا يېتەكلىگىن)» نىڭ تەپسىرىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان ئىنسانلارنىڭ ھىدايەتكە بولغان ئېھتىياجىنى سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا ئوخشىتىدۇ: ئۇسسىغان ئىنسان سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقى قېنىپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئۇسسايدۇ. سۇ ئىچىش ئىنساننىڭ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان بۇ ئېھتىياجىنى پەقەت مەلۇم ۋاقىت قامدايدۇ. شۇنىڭدەك ئاللاھتىن بىر قېتىم ھىدايەت تىلەش ئىنساننىڭ ھىدايەت ئېھتىياجىنى مەلۇم ۋاقىت قامدايدۇ. روھىمىز بەدىنىمىز ۋە كىيىم - كېچەكلىرىمىزدەك كىرلىشىپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە كۈندە بىر يۇيۇنۇشقا، كىيىم - كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندەك، روھىمىزنىمۇ كىرلەردىن پاكىزلاشقا توغرا كېلىپ تۇرىدۇ. كۈندە نەچچە قېتىم تەكرار - تەكرار ئاللاھتىن ھىدايەت تىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ.
«سەھىھ مۇسلىم»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا دەريا بولۇپ ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىم يۇيۇنسا ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟» دېگەندە، ساھابىلەر: «ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالمايدۇ» دېگەن. رەسۇلۇللاھ: «ئاشۇ ئىش بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ تائالا ناماز بىلەن گۇناھلارنى يۇيىدۇ» دېدى.
بىزلەر بىرى ئاللاھنى تونۇپ، ئەمەل - ئىبادەتلىرىنى رۇسلىغان بولسا، «ھىدايەت تاپتى» دېيىشىمىز. ئۇ شەخسنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرى ئۈستىدە گەپ بولغاندا «ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن» دەپ سۆزلىشىمىز. بەزىدە شۇنداق «ھىدايەت تاپقان» قېرىنداشلارنىڭ تەكرار غەپلەتكە چۈشكىنىگە، «ھىدايەت تاپقان» ھەمشىرىلەرنىڭ ھىجابلىرىنى تەرك ئەتكىنىگە، بەزىدە ھەتتا دەھرىي بولۇپ كەتكىنىگە شاھىد بولۇپ قالىمىز. دېمەك، ھىدايەت تاپقاندىن كېيىنمۇ ھەردائىم ئاگاھ بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. قۇرئاندا تەلىم بېرىلگىنى بويىچە:
«ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن»(«ئال ئىمران» 9 - ئايەت)
دېگەن دۇئانى قىلىشىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى! قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ سورىغاندەك، قەلبىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەملىكىنى ھەر ۋاقىت سورىشىمىز، ھىدايەت بۇلىقى قۇرئاندىن دائىم چاڭقىغان قەلبىمىزنى سۇغۇرۇپ تۇرۇشىمىز شەرت.
رامىزان بەرىكىتىدە ھىدايەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىلمى، تەۋپىقى ۋە ھىدايىتى زىيادە بولغاي.
ھىجرىيە 1445 رامىزاننىڭ 1 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | فېۋرال 9, 2024 | قەلبتىن-قەلبكە
مەسچىتتە نامازدىكى قىيامدا، رۇكۇدا، سەجدىدە، ھەتتا تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشتا قىينىلىدىغان بوۋايلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ھالىتى بوينۇمغا سانجىق تۇرۇپ قېلىپ سەجدىدە قىينالغان ساناقلىق كۈنلەرنى، ئاغرىپ ماداردىن قالغان دەملەردىكى ئىبادەتلىرىمنى ئەسلىتىدۇ. يېقىندىن بېرى يەنە بىر كىشى دىققىتىمنى تارتتى. قاۋۇل تۇرقىدىن ياشلىقىدا قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۇ كىشى نامازدا ئولتۇرۇش - قوپۇشلاردا شۇنداق قىينىلاتتى، تەشەھھۇدتا «ئەتتىھىيياتۇ لىللاھى، ئەتتىھىيياتۇ لىللاھى...» دىن بېرىسىگە ئۆتەلمەي، تەكرارلاپ تۇراتتى (مېڭىسىمۇ يىگىلەپ، خاتىرىسىمۇ جايىدا ئەمەس ئېھتىمال). بىر قېتىم سەپتە يېنىدا تۇرغاندا ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان پۇراقتىن كىچىك تاھارەتنىمۇ تۇتالماس بولۇپ قالغىنىنى پەملىدىم... ئەقلىمنى بىلسەم، مومام ھەر نامىزىدىن كېيىن شەيتاننىڭ شەررىدىن، زالىمنىڭ زۇلمىدىن، قۇرۇق سۆز - قۇرۇق تۆھمەتتىن، ياشلىقتىكى ئۆلۈمدىن، قېرىلىقتىكى مەينەتچىلىكتىن پاناھ تىلەيتتى.
رەببىمىز مۇبارەك قۇرئاندا شۇنداق دېگەن:
بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟
(«ياسىن» سۈرىسى 68 - ئايەت)
ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغان ھەر ئىنسان قىرانلىق يېشىدىن كېيىن، ئاستا - ئاستا زەئىپلىشىپ ماڭىدۇ. شۇڭا، تەن ساق، زېھىن ئۆتكۈر چاغلار ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان تەڭداشسىز نېمەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت مەيدانىغا بەندىنىڭ قەدىمى قويۇلغان ھامان تۆت نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۈگەتكەنلىكىدىن، ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن، پۇل-مالنى نەدىن تېپىپ، نەگە ئىشلەتكەنلىكىدىن، ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن». («تىرمىزى» 2531 - نومۇرلۇق ھەدىس)
ھەدىستىكى ئۆمۈر بىلەن ياشلىقنىڭ ئايرىم تىلغا ئېلىنىشى ھەر بىر ياشنىڭ دىققىتىنى تارتقۇلۇق. ئاللاھ ئاتا قىلغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى قىممەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇلۇق. ياشلىقنى ئىلىم ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ياشلىقنىڭ شەنىگە ئەڭ يارىشىدىغان، ئىنساننى كېيىنكى پۇشايماندىن ساقلايدىغان ئاقىلانە تاللاشتۇر.
بىزدە «چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دەپ ماقال بار. بۇ، ئەخمەق كىشىلەر تەرىپىدىن «ياشلىقىڭدا ئويۇن - تاماشا قىل» دەپ چۈشنىلىدۇ. ھۇزۇرى قىسقا ۋاقىتتا ئۇچۇپ تۈگەيدىغان، ئىنساننىڭ دۇنيا - ئاخىرىتى ئۈچۈن ساۋاب قاتماستىن ۋابال قاتىدىغان ئىشلار بۇ ماقالدا ئېيتىلغان «گۆش» ئەمەس، كىشىنى بىردەم لەززەتلەندۈرىدىغان، ئەمما چىشنى چىرىتىپ كېرەكتىن چىقىرىدىغان كەمپىت. ئۆمۈرنىڭ زەبەردەست چاغلىرىنى ئۇيقۇ - غەپلەت، تاماشا بىلەن ئەمەس، بەرىكەتلىك ئىش - ھەرىكەت، ياخشى ئەمەل - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، پاكىز، خۇشبۇيلۇققا قۇربىتى يېتىدىغان چاغدا بىقۇۋۇللۇقتىكى مەينەتچىلىك ۋە بەدبۇيدىن پاناھ تىلەش نىيىتى بىلەن پاكىز، خۇشبۇيلۇققا ئېتىبار بېرىش ھەر بىر ياشنىڭ نېسىۋىسى بولغاي.
يېقىنقى ئىنكاسلار