تىزىملىك

تىزىملىك

1

تور كۆرگۈچتىن قاڭقىپ چىققان ئۇقتۇرۇش، تېلېفونغا كەلگەن ئۇچۇر، ئىشخانىغا كىرگەن مېھمان، قۇلىقىمدا غىڭشىغان بىر ئاھاڭ... دىققىتىمنى چاچىدىغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى. كۈنتەرتىپتىن قايماسلىق ئۈچۈن ئىشخانىدىكى ئاق دوسكىغا قىلىدىغان ئىشلىرىمنى يېزىپ، پۈتكەنلىرىگە بەلگە قويۇشنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆيدە ئىشلىگەندىمۇ كومپيۇتېرىم يېنىغا بىر تىزىملىك يېزىقلىق ياكى Google Keep، Mac Notes لاردىن بىرىگە جىجاق تىزىم (checklist) قۇرۇغلۇق بولىدۇ. كۆزۈمگە پۇتلىشىپ تۇرىدىغان بۇ تىزىملىكلەر نىشاندىن چەتنىگەن ئىشلارنى ئاز قىلىشىمغا، بىر ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ ئ‍ۆزۈمگە كېلىپ، «نېمە قىلماقچىدىم» دەپ سورىغىنىمدا قىلماقچى بولغان ئىشىمغا ۋاقتىدا قايتىۋېلىشىمغا ياردەمچى بولىدۇ. 
كىچىك ئىشلاردىكى بۇنچە كۆپ نىشاندىن چەتنەشلەر بەزىدە «ھايات نىشانىمدىن قانچە چەتنەپ يۈرگەندىمەن-ھە؟» دېگەن سوئالنى تاشلايدۇ.

2

چاڭ قونغان، بارماق ئىزىغا تولغان ئېكران مەن ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىلەردىن بىرى. كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئېكرانىمنى ئېكران سۈرتكۈچ بىلەن پاك-پاكىزە سۈرتۈپ، بىر تال داغ قويماي ئىشلىتىشكە كۆنۈكلىكىمدىن كومپيۇتېرىمنىڭ ئېكرانى داۋاملىق يېڭىدەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بىرى ئېكرانغا بارماق تەگكۈزۈپ بىر بىر نەرسە كۆرسەتسە ئەرۋايىم ئۇچىدۇ. كومپيۇتېرىمنىڭ يېنىدا قۇرئان قويۇغلۇق. ئەتىگەن ئوقۇش ئۈچۈن قولۇمغا ئالدىم، ئوقۇشتىن بۇرۇن ئېكران سۈرتكۈچتە سۈرتتۈم، بىر تالاي چاڭ قونۇپتۇ. قۇرئان مۇقاۋىسى پارقىراق، قارا بولمىغاچقا چاڭ باسقىنى ئۇنى ئوقۇش ئالدىدا قارا سۈرتكۈچتە سۈرتكىنىمدىلا مەلۇم بولىدىكەن. دۇنيالىق نىشاندىن چەتنەشلەر مائاش، ئىش ھەققى، تەمىنات... لاردا مېنى قامچىلاپ، «ھوشۇڭنى تاپ» دەپ تۇرىدىكەن. مەڭگۈلۈك نىشاندىن چەتنىگىنىم قۇرئاننى قولۇمغا ئالمىغۇچە، ئۇنى سۆيۈپ سۈرتمىگۈچە، ئۇنىڭغا قەلبىمنى بەرمىگۈچە بىلىنمەيدىكەن.

3

قىلىدىغان بىر تالاي ئىشلار ئۈچۈن يەنە تىزىملىك تۇرغۇزدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن كۈندىلىك تىزىمگە ئىزچىل قوشۇپ ماڭىدىغانغا، «ئۆلۈمگە تەييارلىق» دەپ بىر قۇرمۇ قوشتۇم.

«ئاشىقنىڭ سەپىرى»

«ئاشىقنىڭ سەپىرى»

ئ‍وقۇغان كىتابلىرىمدىن ئەڭ ئۇزۇن خاتىرە قالدۇرغان، ئەڭ كۆپ جۈملىلىرىنىڭ ئاستىغا سىزغان كىتابىم «جالالىدىن رۇمى» ئىدى. 20 ياشلىرىمدىكى شۇ كىتاب بەرگەن زوق بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر يازلىق تەتىل ھېلىھەم ئۆتكەن يىل يازدەك يېقىن تۇيۇلىدۇ. بۇ كىتاب ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرىنى ئىزدەش بىلەن قەلبنىڭ دائىمىي زوقىنى ئىزدەش ئارىسىدىكى پەرقلەر، تەقۋادارلىق، پاكلىقنىڭ ھەدىيەسى بولغان يۈرەكتىكى ئارامبەخىش تۇيغۇلار، نەفىس تىزگىنىنى قولغا ئالغاندا تېتىيدىغان ئىمان لەززەتلىرىنى تونۇتقانىدى.
تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان «يۇنۇس ئەمرە» دېگەن ئىسىم كۆپ قۇلىقىمغا كىردى. بۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭ قەغەز پۇلى ئىككى يۈز لىراغا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇ مۆھتەرەمنىڭ پارچە مىسرالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇردۇم. ئاق شەمسىددىن، كوجا سىنان، باراباروس… دېگەندەك ئىسمى كۆپ تەكرارلىنىدىغان شەخسلەرنى تونۇش ئۈچۈن بۇ شەخسلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن كىتابلاردىن بۇلارنىڭ قىسقىچە ھاياتلىرى بىلەن تونۇشقانمۇ بولدۇم. ئۆتكەن يىلى توردىكى يۇنۇس ئەمرەنىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدىغان چاتما ت ۋ تىياتىرى «ئاشىق سەپىرى» ھەققىدىكى باھالار قىزىقىشىمنى قوزغىدى. بىر قانچە قېتىم تېلېۋىزوردا پارچىلىرىنى كۆرۈپ قىزىقىپ كەتمىگەنىدىم. ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرغان يۇقۇم مەزگىلىنىڭ ئىش خوشياقمىغان ئۈنۈمسىز كۈنلىرىدە بۇ چاتمىنى كۆرۈشنى باشلىدىم. ئېسىل سىنارىيە، ماھىرلارچە رول ئېلىشلار، يېقىملىق ئاۋاز، بىر-بىرىدىن گۈزەل، چوڭقۇر مەنىلىك مىسرالار… ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن «جالالىدىن رۇمى»نىڭ زوقىنى «ئاشىق سەپىرى» بەردى.
ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرى، جاپا-مۇشەققەتلىرى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەرھەمەت، مۇھەببەت، ھەسەت، ئاللاھنى زىكىر قىلىش كەلتۈرگەن پەزىلەت قاتارلىقلار ئاجايىپ چىرايلىق تەسۋىرلەنگەنىدى.
ئايلار ئۆتتى، ئىشلەۋاتقاندا ھايات غەۋغالىرىنى ئۇنتۇپ، ئىنسانلىق بۇرچۇمنى ئەسلەش ئۈچۈن فىلىمدىكى يۇنۇس ئەمرە دېكلاماتسىيەلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.
بۈگۈن يۇتۇبتا «يۇنۇس ئەمرە» رولىنى ئوينىغان يۇسۇف گۆكخان زىيارەت فىلىمىنى كۆرۈپ بۇ خاتىرىنى ئورتاقلىشىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. بەلكىم «ئاشىق سەپىرى»گە چىقماقچى بولغانلارغا تۈرتكە بولۇپ قالار.


(ئەسكەرتىش: تۈركىيەنىڭ باشقا چاتمىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇنىڭ بىر قىسمى ئاران بىر سائەت)

يازمىدا تىلغان ئېلىنغان زىيارەت:

https://www.youtube.com/watch?v=EU7Hqg12do4&t=3s

«ئاشقنىڭ سەپىرى» فىلىمى:

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

ساغلاملىق ھەققىدە راست گەپلەر

ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى — تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ يىلتىزى. ساغلاملىقنى دوختور، دوختورخانىغا، دورا-ئوكۇلغا ھاۋالە قىلىپ ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ساغلاملىق، ئوزۇقلىنىش، تېببىي ساھەدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت چەمبىرىكى... ۋەھاكازالارنى چۈشىنىپ قويۇڭ. بەلكىم، ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىڭىزنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.ئۇلانمىدا «ئويتۇن غوجا بىلەن بىلىم» سۆھبىتىدىن بىر قىسىم. ياقتۇرسىڭىز باشقىلىرىنىمۇ كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.