by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 6, 2020 | تەۋسىيەلەر
ئوغلۇمنىڭ قۇرئان كۇرسىدىكى ئۇستازى كامال ئەپەندىنىڭ ئۆمرە ھەجگە بارىدىغىنىنى ئاڭلاپ، خوشلىشىپ قوياي، دەپ ئۆيىگە باردىم. ئىشىك ئالدىدا ئايالىمنى ماشىنىدا قالدۇرۇپ ئوغلۇمنى ئېلىپ كامال ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كىردىم. دوختور بولغىنىم ئۈچۈن مېھمانلاردىن بىرى گەپ سورىدى، جاۋاب بېرىپ بولۇپ قارىسام ئوغلۇم يوق، كامال ئەپەندىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. داستىخانغا قارىسام كامال ئەپەندى مېھمان كۈتىمەن دەپ بۆرەك (تۈركلەرنىڭ قاتلىما ئۇسلۇبىدىكى يېمەكلىكى) ۋە چايغا ئېغىز تەگمەپتۇ. بىرى كامال ئەپەندى بىلەن ئوغلۇمنىڭ بىر ھوجرىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۆرەك، چايلارنى كۆتۈرۈپ ھوجرىغا كىردىم. قارىسام، كامال ئەپەندى ئوغلۇمغا قۇرئان ئوقۇتىۋېتىپتۇ. «كامال ئەپەندىم، تامىقىڭىزنى يېيەلمەپسىز. باشقىلار ئۇستاز ناشتىمۇ قىلماي تۇرسا، بالا ئوقۇتقىلى كەپتۇ، دەپ قالىدۇ. بىزگە رۇخسەت قىلىڭ، خانىممۇ ماشىنىدا ساقلاپ قالغان قايتايلى، سىزمۇ بۆرەكلەرگە ئېغىز تەگكۈزۈڭ» دېدىم. كامال ئەپەندىم شۇنداق دېدى: «ئوغلۇم، ئۇ بۆرەكلەرنى، چايلارنى كۆپ يېدىم، ئىچتىم. شۇ ئوقۇشتىكى زوقنى ئالالمىدىم. ئۇ چاي، بۆرەكلەرنى سەن يېگىن، مەن ئوقۇتاي»...
بۇ ئىككەيلەننىڭ سۆھبەتلىرىنى ياقتۇراتتىم، ئورتاق سۆھبىتىدىن تېخىمۇ ھۇزۇلاندىم. سىلەرمۇ ھوزۇرلىنىڭلار.
https://www.youtube.com/watch?v=ZQSA2vjjkMs
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | فېۋرال 26, 2020 | تەرجىمىلەر
(نۇرەددىن يىلدىز ئۇستاز ئۈگۈتلىرىدىن)
قىزىم، «قىز كۆرگىلى كەلدى» دەپ بىر گەپ بارغۇ، پەرىشتىلەر شۇنىڭدەك ھەركۈنى سېنى كۆرۈشكە كېلىشىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەم، كېلىپ كۆرۈشىدۇ. كۆرگەنلىرىنى يېزىشىدۇ. ياقتۇرغان-ياقتۇرمىغانلىرىغا ئاساسەن نومۇر قويۇپ كېتىشىدۇ. ھەر كۈنى بامدات ۋاقتىدا، پېشىن ۋاقتىدا بۇ قىزنى مۇنداق كۆردۇق، مۇنداق ھالەتتىكەن، دەپ ئاللاھقا دوكلات بېرىشىدۇ…
قارا، يىگىت! مەكتەپكە ماڭغىچە چېچىڭغا دىققەت قىلىسەنغۇ؟ تۇرقۇڭغا دىققەت قىلىسەنغۇ؟ سومكاڭ كونىراپ كەتكەن بولسا تۇتمايسەنغۇ؟ تېخىمۇ نوچى كۆرۈنۈش ئۈچۈن كىتابلارنى سومكىدا ئەمەس، قولۇڭدا كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ؟ پەرىشتىلەر سېنى ھەر كۈنى بامداتتا ئىزدىشىدۇ؛ «يەنە كۆرمىدۇق، رەببىم! 18 يېشىدىن ئۆتتى» دېيىشىدۇ ھەر سەھەردە، ھەر پېشىن ۋاقتىدا. ئەتراپىڭدىكى پەرىشتىلەر نۆۋەت ئالمىشىشىدۇ. ئاللاھقا تۇتقان دوكلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدۇ. «23 يېشىغا كەلدى، رەببىم، تېخىچە بامدات نامىزىغا تۇرمىدى» دېيىشىدۇ. ئاسمانلاردا پارىڭىڭ بولىدۇ، قوزام. يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە گېپىڭ بولىدۇ! ئۇنىۋېرستىت ئىمتىھانىغا تەييارلاندىڭ، خەيرلىك، بەرىكەتلىك بولسۇن. ئاخىرەت ئىمتىھان تەييارلىقىڭ بەك ناچار كېتىۋاتىدۇ. ئۇنىۋېرستىت ئىمتىھانىدا تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرىچە نەتىجەڭنى چىقىرىشىدۇ-يا؟ بامدات نامىزى ئوتتۇرىچە نەتىجەڭمۇ خۇلاسىلىنىۋاتىدۇ. سەن 15 يېشىڭدا بالاغەتكە يەتتىڭغۇ؟ ئۇ كۈنى سېنىڭ دەپتىرىڭنى ئېچىشقانىدى. 23 ياشقا كىردىڭ. سەككىز يىلنىڭ ئوتتۇرىچىسى نۆل چىقىدۇ، قوزام. ئاناڭ ھاممىلىرىڭغا گېپىڭنى قىلىپ: «ئوغلىمىز بەك كېلىشىملىك، ئۇدۇل كەلگەننى ئېلىپ بەرمەيمىز، بەك كېلىشكەن بالا بولدى» دەيدۇ. پەرىشتىلەر بولسا جەھەننەم ئوتىدا ئېرىگەن تېرەڭنى كۆرۈشىدۇ سېنىڭ. ناماز يوق، چۈنكى. كۈننى ناماز بىلەن باشلىمىغاچقا، كۈنۈڭنىڭ بەرىكىتى يوق، قوزام. ئاناڭ سېنى نەگە تەييار قىلىۋاتىدۇ، بىلمەيمەن. داداڭ سېنىڭ ئۈچۈن قايسى كېلەچەكنى پىلانلاۋاتىدۇ، بىلمەيمەن. ئەمما، مەن سېنى ئەڭ بۈيۈك كېلەچەككە تەييار قىلىۋاتىمەن. ھەر بامدات نامىزىدا بىر مۇسۇلمان بالىسى دەپ سېنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن پەرىشتىلەرنى ئەسلىتىۋاتىمەن…
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | فېۋرال 25, 2020 | تەرجىمىلەر
(نۇرەددىن يىلدىز ئۇستازنىڭ ياشلارغا تەۋسىيەسى)
ئۇنىۋېرستىت ئىمتىھانى دەپ سىقىلغان، خىزمەت تاپالمىدىم دەپ سىقىلغان، توي قىلالمىدىم دەپ سىقىلغان، ئاتا-ئانام مېنى چۈشەنمەيدۇ دەپ پارتلىغۇدەك بولغان، سىقىنچلىقتىن ئۆرتىنىپ تۇرغان جانلىرىم! ئاللاھ بەرگەن بىر ھادىسە تۈپەيلى چىرايلىق بولالماي قالغان، كۆرۈمسىز بولۇپ قالغان، دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىما قىلىشلىرىدىن خۇشاللىقى يوقىغان، سىرتقا چىققۇسى كەلمەس بولۇپ قالغان، دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكۈسى كەلمەس بولۇپ قالغان، شۇنداق قىلىپ يۈرەكلىرى پارە بولغان جىمى ياشلىرىم! ئۈممىتىمنىڭ قوزىلىرى! ئۈممىتىمنىڭ كېلەچىكى، باھارى، چېچىكى ئىنسانلار! قاراڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق بولغانىدى. تاغىسى تۈگەپ كېتىپ يالغۇز قالدى؛ بىردىنبىر ھەمراھى خەدىچەدىن ئايرىلىپ قېلىپ سىقىلدى؛ تائىفقا تاغىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ بارغىنىدا قوغلاندى؛ تاش-توقماقلار ئاستىدا قالدى؛ بىر ئۈزۈم تېلىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: «مېنى كىمگە تاشلاپ قويغانسەن، ئاللاھىم؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمە جاۋاب بەردى؟ »بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. سەن رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن» («ھىجر» سۈرىسى 97-، 98-ئايەت) دېدى…
سىقىلغىنىڭدا، ئىمتىھان قورقۇنچىسى چۆرەڭنى قاپلىۋالغاندا، ئاچىلارنىڭ تۆھمەتلىرى بىلەن پارتلىغۇدەك بولغىنىڭدا، دوستلىرىڭ سېنى كۈلكە قىلىشىپ كۆڭۈل ئېچىشقىنىدا، «ھېچكىم قاراپ قويمىدى، ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالدىڭ» دەپ ئاناڭمۇ ساڭا ئەلەم قىلغىنىدا، ئال تاھارىتىڭنى، يۈكۈن سەجدىگە، شۇ ۋاقىتتا سېنى ياراتقۇچىغا ئېغىزىڭنى ئاچ: «ئەي رەببىم، ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئەڭ يېقىن جايغا كەلدىم» دېگىن. چۈنكى، ئۇ ھۆرمەتلىك زات نېمە دېدى؟ «سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن»(«ئەلەق« سۈرىسى 4-ئايەت) دېدى. ھەر سەجدەڭ سېنى بىر مېتىر، بىر كېلومېتىر، بىر نۇر يىلى رەببىڭگە يېقىنلاشتۇرغۇسى…
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 25, 2020 | قەلبتىن-قەلبكە
18 ياش چېغىمدا 19 ياشلىق ھەدەم قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. ھاياتنىڭ مەنىسى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەڭ كۆپ ئويلىنىشلىرىم شۇ ۋاقىتتا بولغانمىكىن دەيمەن. ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ يەر ئاستى باسمىلاردىن چىققان ئەلىي تەنتاۋىيىنىڭ، مەۋدۇدىنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتنىڭ مەنىسىنى تېپىۋېلىشىمغا تۈرتكە بولغانىدى. ئاللاھ شۇ ئۇستازلارغا ھەم شۇ ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلارغا، خەتەرگە كۆكرەك كېرىپ بېسىپ تارقاتقانلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلسۇن. بۈگۈنگە قەدەر بىر قانچە قېتىم ئۆزۈمنىڭ، يۈرەك پارىلىرىمنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىپ سوغۇق تەرلىگەن پەيتلىرىم بولدى. 15-ئىيۇل كېچىسى ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرۇدرومىدا F16 لەر بېشىمىزدا ئەگىپ يۈرگەن مىنۇتلاردا ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى يەنە بىر قېتىم باشتىن كەچۈردۈم. ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ، دەپ ئويلىغان چېغىمدا تۇنجى بولۇپ شۇ كۈن نېمىش قىلغانلىقىمنى ئويلىدىم. ئۆيدە ئىشلەيدىغان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈن قەتئىي ئىش خوشياقماي قۇرئان بىلەن ئۆتكەنىدىم. شۇ كۈنلۈك ئەمىلىم كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپقۇزغانىدى. غەپلەتتە يۈرگەندە باشقا ئۆلۈمنىڭ كېلىشى نەقەدەر قورقۇنچلۇق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى شۇ كۈنى ئىلگىرىلەپ ھېس قىلغانىدىم. ئەمىلىيەت شۇ ئىدىكى، بىر مۇسۇلماننى قورقۇتىدىغىنى ئۆلۈم ئەمەس، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئاقىۋەت ئىدى.
ھەدەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن چوڭ دادام، چوڭ ئانامنىڭ ۋاپاتىغا شاھىد بولدۇم. راكنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە كېسەل قىيناقلىرىدا پۇچىلىنىۋاتقان چوڭ دادامنىڭ ئېغىزىدىن ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان كەلىمىلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتىم. ئاللاھقا شۈكرى، ئۇنداق سۆزلەرنى قۇلىقىم ئاڭلىماي چوڭ دادام ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى. نامازغا ئاشىق چوڭ ئانامنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىنكى نۇرلۇق يۈزى، لەۋلىرىدە قېتىپ قالغان تەبەسسۇم نامازغا مۇھەببىتىمنى ھەسسىلەپ ئۇلغايتقانىدى.
رامىزاندىكى زو (ئىمساك) ۋاقتى ھەققىدە زو ۋە بامدات ئارىسىدىكى ئارىلىقنى «50 ئايەت مىقدارى» دەپ سۈپەتلىگەن ھەدىس ساھابىلەرنىڭ ھاياتىدا قۇرئاننىڭ ياشاش ئۆلچىمى بولۇپلا قالماي، ۋاقىت ئۆلچىمىمۇ بولغىنىنى كۆرسەتسە كېرەك. ھاياتىمدا قۇرئاننىڭ ئورنى ۋاقىتنى «مانچە ئايەت مىقدارى» دەپ سۈپەتلىگۈدەك بولسا، ھاياتىم قانچىلىك ئۆزگىرەر، دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە. بىر تالاي ئىش ئۈست-ئۈستىلەپ بېسىم ئىچىدە قالغان ۋاقتىمدا شۇنچە كۈنتەرتىپنىڭ ئىچىگە «قۇرئان ئوقۇش» دېگەن بىر ماددىنى قىستۇرسام، پىلاندىكى ئىشلارنىڭ راۋان يۈرۈشۈپ كېتىشلىرىدىن قۇرئاننىڭ بەرىكەت ئىكەنلىكىگە تەكرار-تەكرار ئىمان كەلتۈرىمەن. سائەتنى ئۆلچەم قىلغان مەنتىقە بويىچە ئىش تۈگىمىگەن چاغدا بىرەر سائەت ۋاقىتنى قۇرئانغا بېرىش «ئەقىل»گە ئۇيغۇن ئەمەستەك بىلىنىدۇ. ئەمما، تۈگىمەس ئىشلار قاينىمىغا چۈشۈپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ كۈنىدىن بىر قانچە ۋاقىتنى (مەسىلەن: بامداتتىن كېيىن 10 مىنۇت، ئىشقا ماڭغاچ 10 مىنۇت، پېشىندىن كېيىن 10 مىنۇت، كەچلىك تاماقتىن كېيىن 10 مىنۇت) قۇرئانغا ئاجرىتىپ ئارىدىكى پەرقنى بايقاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئالدىنقى ھەپتە مەسجىدتىكى دەرستە «يامان كېسەل» توغرىلىق توختالدى خاتىبىمىز. راك قاتارلىقلارنى بىز «يامان كېسەل» دەپ ئاتىغىنىمىزدەك تۈرك قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش مەنىدە ئاتايدىكەن. «بىراۋنى ئۆلۈمدىن بۇرۇن گۇناھلىرىدىن پاك-پاكىزە قىلىپ پاكلاپ ئاللاھقا يوللايدىغان كېسەلنى نېمىشقا «يامان كېسەل» دەيسىلەر؟» دەپ قالدى خاتىب ئاخۇنۇم. دېمىسىمۇ راست، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ، ھاياتىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرىگە نىسبەتەن كېسەل، ئاپەت ۋەھاكازالار ئەمەل دەپتىرىگە ساۋاب كۆپەيتىدىغان بىر سەۋەب. ئۆلۈمنى ھەممىنىڭ تۈگەنچىسى دەپ قارايدىغان بىئىمانلارغا نىسبەتەن ئۆلۈم دەھشەتلىك بىر قاراڭغۇلۇق بولسا، ئىمان ئەھلى، تەقۋا ئەھلى ئۈچۈن ئۆلۈم مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ باشلىنىشى، ئەلۋەتتە.
كاپىرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت بىلەن، ئوخشاش ئاپەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى بەزى تالاش-تارتىشلار پىكرىمنى غىدىقلاپ كۆڭلۈمدىكىنى تۆكۈپ قويدۇم. ئاللاھ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى تۈرلۈك بالايىئاپەتلەردىن ساقلىسۇن، مۇسىبىتىمىزنى دىنىمىزدا قىلمىسۇن. (ئامىن!)
يېقىنقى ئىنكاسلار