يۈرەك ۋە يۈرەك

يۈرەك ۋە يۈرەك

ئىچىدە سوققان يۈرەكنى ھېس قىلغىنىدا شۈكرى ئېيتتى،
ئىچىدە سوققان يەنە بىر يۈرەكنى ھېس قىلغىنىدا ھەمدى ئېيتتى،
ئۇ كىچىك يۈرەك تېشىدا سوقۇشقا باشلىغىنىدا
ئۇنىڭدىن تارىغان جەننەت ھىدىنى قېنىپ سۈمۈردى،
جەننەت ئۆستىڭىگە تۇتاشقان كۆكسىدىن مېھىر بىلەن ئېمىتتى.

ئانا رەھمىدىن يوچۇن زېمىنغا مېھمان بوپ كەلگەن
كىچىككىنە تەن.
تولغاق ئازابى ئۇنتۇلدى بىردىن
«ئىڭڭە» بىلەن تەڭ.

بال ئۆستىڭى ھەم سۈت ئۆستىڭىنى
سۈمۈرۈپ تەڭلا ئانا كۆكسىدىن،
گۇڭراشلىرىدا دەمدىكىن بوۋاق:

ئانا قۇچىقى
ھۇزۇرلۇق ۋەتەن،
ھۇزۇرلۇق ۋەتەن.

مودا – ئېقىم ۋە ھۆرلۈك

مودا – ئېقىم ۋە ھۆرلۈك

ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. ‏(«بەقەرە» سۈرىسى 166 - ئايەت)

بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنىدىكى مەنزىرە سۆزلەنگەن. ئايەتتە ئىككى تائىپە ئىنسان بار، بىرى يېتەكچىلەر يەنە بىرى ئەگەشكۈچىلەر. بۇنى بۈگۈنكى ئاممىۋى مېدىيا ۋاسىتىلىرىغا تەققاسلاپ چۈشەنسەك، ناھايىتى ئاسان. داڭلىقلار ئەگەشكۈچىلىرىگە: «مېنىڭ سەن بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق، سېنى تونۇمايمەن» دېگىنىدەك بىر ئەھۋال. ئايەتنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى: مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرى(يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يېتەكچىسى)لىرىغا ناھايىتى سادىق ئىدى. دىنىي مەسىلىدە قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال ھىبرىلىرىدىن سورايتتى. ئۇلار «ھەئە» دېسە قىلاتتى، «ياق» دېسەم قىلمايتتى. قۇرئانغا ئاساسلانغاندا ئۇلارنىڭ ھىبرىلىرى چىرىكلىشىپ كەتكەنىدى. ئەمما، ئۇلار قارىغۇلارچە ئەگىشەتتى. ئايەتتىكى قىيامەت كۈنىدىكى مەنزىرىدە ئەسلىدە ئەگەشكۈچىلىرىگە ھېچقاچان ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، پەقەت ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەلگەن بۇ يېتەكچىلەر ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولىدۇ. ئەمما، بۇنى مۇسۇلمانلار، خىرىستىيان، يەھۇدىيلار، ھىندىلارنىڭ ھەممىسىگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. ھەرقانداق بىر جامائەتتە يېتەكچىلەر ۋە ئەگەشكۈچىلەر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال نوقۇل دۆلەت ياكى شەھەرلەردىلا  ئەمەس، كىچىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن: ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىدىغان 10 ئائىلە بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ باي ياكى مەرتىۋىلىك بىرىگە باشقىلىرى ھەۋەس قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى سەرەمجانلارنى كۆرگەن خانىملارنىڭ ئاشۇنداق سەرەمجانلارنى ئالغۇسى كېلىدۇ. ئۇلاردەك بولغۇسى كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالىلاردىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئوتتۇرا ياكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەممىگە تونۇش بىر بالىنىڭ ئاسقان سومكىلىرى، كىيىگەن ئايىغىنىڭ ماركىسى، ئىشتىنىنىڭ ماركىسى … دېگەنلەرنى كۆرگەن بالىڭىز ئاشۇنداق سومكا ئاسقۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ كىشىلەر بىر نېمە دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش، كىيىنىشلىرى ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى تەقلىد قىلغۇسى كېلىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ مەستانىلىرى ئۇلار كىيىم - كېچەكلىرى، يۈرۈش - تۇرۇشى، ھەتتا گەپ قىلىشلىرىغىچە تەقلىد قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى غىڭشىپ ئۆزىنى شۇ چولپاندەك ھېس قىلىشىدۇ. بىراۋنىڭ بىر ئېقىم يارىتىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىنىڭ ئارقىسىدا «ئۇ نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن بىر ئىدىيە ياتىدۇ. ياشلار چولپانلارنىڭ ئاتكىرىتكىلىرىنى يىغىدۇ، ئۇلارنىڭ كونسېرتلىرىغا بارىدۇ، ئۇلار ناخشا ئېيتسا، ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى يوقىتىشىدۇ. ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئاشۇ چولپانلار ئۆزىنىڭ مەستانىلىرىنى ئاشۇنداق ياخشى كۆرەمدۇ؟ ياق. بۇ يەردە بىر تەرەپتە چەكتىن ئاشقان بىر رىشتە مەۋجۇت، يەنە بىر تەرەپتە بولسا نۆل. چوڭلار ئارىسىدا بۇ بىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان «قائىدە»لەر بويىچە ئىش قىلمىغاندا «خەق نېمە دەپ قالار» دېيىشتىن قورقۇپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتىڭدا سەن بۇ كىشىلەرگە ئەگىشىپ بىر تالاي بەربات قارارلارنى چىقىرىسەن. ئ‍ەمما، قىيامەت كۈنىدە، ئۇلارغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن «ۋاپا» كۆرەلمەيسەن. ئۇلار: «بۇ ئىشلارنى مەن ئۈچۈن قىلغانمىدىڭ؟ مەن سېنى تۈزۈك تونۇمايمەن، سەن بىلەن مۇناسىۋىتىم يوق» دەيدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ چېكىدىن ئاشقان ھالىتى بۇتقا چوقۇنۇش. قىيامەت كۈنى كاپىرلارنىڭ چوقۇنغان بۇتلىرىغا جان كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلارنى ئىنكار قىلىدۇ.

مۇشرىكلار بۇتلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىزدۇر» دەيدۇ. مەبۇدلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ. («نەھل» سۈرىسى 86 - ئايەت)

قىيامەت كۈنى كىم ئەگىشىشكە ئەرزىيدۇ، كىم ئەگىشىشكە پەقەت ئەرزىمەيدۇ ھەقىقىي تونۇپ يېتىسەن. 

شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا - جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولساق!». ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. («بەقەرە» سۈرىسى 167 - ئايەت)

مەن باشلانغۇچنى سەئۇدىيدا پاكىستان مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ مەكتەپتە ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ فورمىسى بار ئىدى. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرسە، «سالام» دەپ ئەسكەردەك ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سالام بېرەتتۇق. سەھەردە ھەربىيلەردەك قاتار بولۇشاتتۇق. ئامېرىكىغا كېلىپ، سىنىپقا كىرگىنىمدە بۇ ۋۇگزالمۇ ياكى سىنىپمۇ دەپ قالغانىدىم. بەزى بالىلار پارتىدا بىر نەرسە يەۋاتاتتى، بەزىلىرى سېغىز چايناۋاتاتتى (دەرس ۋاقتىدا سېغىز چايناش كونا مەكتىپىمدە ئېغىر جازالىنىدىغان بىر ئىش ئىدى). بىر بالا بىر قىز بالا بىلەن بىللە ئولتۇراتتى (پاكىستان مەكتىپىدە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىش). ئوقۇتقۇچى كىرگىنىدە ھېچكىم ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەرمىدى. ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ئوقۇتقۇچى سوئال سورىغىنىدا ئۇلار ئۆزئارا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى. مەن قولۇمنى كۆتۈردۈم، «سەن» دېدى ئوقۇتقۇچى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ جاۋاب بەردىم. سىنىپتىكى ھەممىسى «نېمىشقا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ جاۋاب بېرىسەن؟» دەپ مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى. ئۇلارنىڭ «مەدەنىيىتى» مۇشۇنداق ئىدى. «بۇلار بەك ئەركىنكەن، مەكتەپ فورمىسى كىيمەيدىكەن، قائىدە، ھۆرمەت دېگەن نەرسە يوقكەن، نېمە دېگۈسى كەلسە دەيدىكەن، مەن بىلمەيدىغان گەپلەر بىلەن تىللىشىدىكەن» دەپ ئويلىغانىدىم. ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەرگىز ئەركىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. خىپ - خوپ گۇرۇھىدىكى بالىلار خىپ - خوپچىلاردەك كىيىنىدىكەن، شۇلاردەك سۆزلەيدىكەن. ئۇنداق قىلمىسا قاتارغا قوشمايدىكەن. يەنە بىر گۇرۇھتىكى بالىلار شۇ گۇرۇھنىڭ پاسونى بويىچە كىيىنىدىكەن، شۇلارنىڭ مۇزىكىسىنىلا ئاڭلايدىكەن. ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەر بىر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر «فورما»سى باركەن. شۇنى كىيمىسە چەتكە قېقىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلمىسا، قۇربانلىق قوزىغا ئايلىنىدىكەن. چوقۇم بىرلىرىگە ماسلىشىشىڭ كېرەك ئىكەن. ھەرگىز ئەركىن ئەمەسكەنسەن. كېيىنكى ئۆمرۈمدە ئايلىنىپ لېكسىيە سۆزلەش داۋامىدا مەندىن سوئال سورىغىلى كەلگەن شەپكىنى مايماق كىيىپ، چوڭ كېلىپ قالغاندەك كىيىم كىيىۋالغان بالىلارنىڭ مەيۇس ھالىتىنى كۆرۈپ «نېمىشقا كۆڭلۈڭ يېرىم؟» دەپ سورىغىنىمدا، «مېنىڭ بۇنداق كىيىنگۈم يوق، لېكىن، بۇنداق قىلمىسام ئۇلار ئەدىپىمنى بېرىدۇ» دېگەنلىرىگە شاھىد بولدۇم. بۇ ئەسلىدە بىر مودىغا، جەمئىيەتنىڭ ئۆلچەملىرىگە قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىنىدىغان، ھەتتا قانداق تىل ئىشلىتىشكىمۇ مەجبۇرلىنىدىغان بىر جەمئىيەت. ھاراق ئىچىش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە مەجبۇرلىنىدىغان، بالىلاردىن تارتىپ بىرلىرىگە ئەگىشىشكە، ماسلىشىشقا مەجبۇرلىنىدىغان بىر جەمئىيەت. مۇشۇنداق ئەگىشىشلەر بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزۈپ ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتا نەرسىگە ئەگەشكىنىنى ھېس قىلىشىدۇ.

بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلىسەڭ، بىر مۇسۇلمان تونۇپ يېتىشكە تېگىشلىك ئەركىنلىك چۈشەنچىسىنى  ئۆزلەشتۈرگەن بولىسەن. سەن ئاللاھتىن قورقساڭ، باشقىسىدىن قورقمايسەن؛ ئاللاھقا بويسۇنساڭ، بۇ سېنى باشقىلارغا بويسۇنۇشنىڭ بېسىمىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ ئاللاھنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىساڭ، بۇ سېنى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشنىڭ كويىدا بولۇشتىن قۇتقۇزىدۇ؛ باشقىلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن كىيىنمەيسەن، باشقىلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆي ئالمايسەن، باشقىلارغا تەسىر قىلىشنىڭ كويىدا بولمايسەن. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىيالىڭغا كىرىپ چىقمايدىغان بولىدۇ - دە ھەقىقىي ھۆرلۈكنىڭ تەمىنى تېتىيسەن.

1446 - يىل رامىزاننىڭ 23 - كۈنى

سۆيگۈ ۋە بەدەل

سۆيگۈ ۋە بەدەل


ئاللاھ بىزگە ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ئەقىل قابىلىيىتى ئاتا قىلغان. ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرىمىزنى ئەقلىمىز بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، قەلبىمىزگە يوللايمىز. قەلبىمىز پاكىز بولسا، توغرا تەرەپكە باشلايدۇ. كىرلەنگەن بولسا، خاتا تەرەپكە باشلايدۇ. يەنى، ئەقلىمىز قەلبىمىز باشلىغان تەرەپكە ئاغىدۇ. ئاللاھ:

بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ. («رەئىد» سۈرىسى 28 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

دېگەن، يەنى قەلبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن خاتىرجەملىك تاپىدۇ، پاكلىنىدۇ. سەن قۇرئانغا قانچىلىك بېرىلسەڭ، قۇرئاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى قانچە كۆپ ئاڭلىساڭ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قانچىلىك تەسلىم بولساڭ، قەلبىڭ شۇنچە پاك بولىدۇ. قۇرئاننىڭ ئاجايىپ تەرىپى ئۇ ئىككى نەرسىنى تەڭ پاكلايدۇ. يەنى، ئەقلىڭنى، قەلبىڭنى بىرلا ۋاقىتتا پاكلايدۇ. سېنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلۇڭنى ئۆزگەرتىدۇ، قەلبىڭنى ئۆزگەرتىدۇ. 

ئەرەبچىدىكى «عقل (ئەقىل)» كەلىمىسى «تۈگۈن چىگمەك، باغلىماق» مەنىسىدە. بۇ تۆگىلەرنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تانا بىلەن پۇتىنى چېتىپ قويۇشقا قارىتىلىدۇ. يەنى، ئەقىل دېمەك ھېسسىياتنى كونترول قىلماق دېمەكتۇر، ھېسسىياتىڭنى كونترول قىلمىساڭ، ساغلام تەپەككۇر قىلالمايسەن. ئويلاپ بېقىڭلار، ئاچچىقلانغاندا ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ قاتتىق قايغۇرغاندا ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ زىيادە خۇش بولۇپ كەتكەندە، زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەندە ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ ياخشى ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى توختىتىۋېلىش لازىم بولىدۇ. قەلبىڭلار بىر نەرسىگە ئېغىپ كەتسە، ياخشى ئويلىنالامسىلەر؟ ياق. شۇڭا، ئەقىلنىڭ مەنىسى ئويلىنىشتىن بۇرۇن ھېسسىياتنى بېسىۋېلىش دېمەكتۇر. شۇڭا، ئالدىنقى بۆلۈملەردىكى «ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم» دېگەننى ھېسسىياتىنى كونترول قىلالايدىغان كىشىلەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. كىشى ھېسسىياتنى بېسىۋالغان چاغدا ئەتراپىدىكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. دىققىتىمىزنىڭ تولا چېچىلغانلىقى, كاللىمىزنىڭ داۋاملىق ئالدىراشلىقى، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرەلمىگەنلىكىمىز سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۆرەلمەيمىز. 

ئەمدى ئاجايىپ بىر ئايەتكە كېلىمىز:

ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!‏ («بەقەرە» سۈرىسى 165 - ئايەت)

قۇرئاننىڭ باشقا يەرلىرىدە «ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدۇ» دەپ ئاڭلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بۇ ئايەتتە بولسا «ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ» دەپ كېلىدۇ. بۇ بەك چوڭ پەرق.  ئاللاھ ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئىبادەت قىلىشىنى ئەمەس، ياخشى كۆرۈشىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. ئىنسانلار گۈزەل نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بىز گۈزەل تاغلارنى، گۈزەل دېڭىز - ئوكيانلارنى، گۈزەل شەپەقنى، گۈزەل ئورمانلارنى، گۈزەل شاماللارنى، گۈزەل كىيىملەرنى، گۈزەل ماشىنىلارنى، گۈزەل ئۆيلەرنى، گۈزەل جۆرىلەرنى… ياخشى كۆرىمىز. بىز ئەتراپىمىزنىڭ گۈزەللىك بىلەن ئورىلىپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىمىز.  كۆپىنچە ھاللاردا گۈزەللىك مۇھەببەت بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭگە گۈزەل بىلىنگەن نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىسەن. سەن كۆرگەن ئىچكى ياكى تاشقى گۈزەللىك سەۋەبىدىن بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىسەن. ھايۋانلاردا توپلىشىش ئىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ توپلىشىش ئىستىكى بولىدۇ؛ ھايۋانلاردا ھايات قېلىش ئىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ ھايات قېلىش ئىستىكى بولىدۇ؛ ھايۋانلاردا يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ ئ‍ىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ ئىستىكى بولىدۇ؛ ھايۋانلاردا قوغدىنىش ئىستىكى بولغىنىدەك ئىنسانلاردىمۇ قوغدىنىش ئىستىكى بولىدۇ. بىزنىڭ بەك كۆپ ئىستەكلىرىمىز ھايۋانلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش. بىزنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىمىز ھايۋانلاردىن كۆپ يۇقىرى، لېكىن، ھايۋانلاردىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تەپەككۇر قابىلىيىتى مەۋجۇت. ئەمما، ئىنسانلاردىكى گۈزەللىككە تەلپۈنۈش ئىستىكى ھايۋانلاردا يوق. ھايۋانلارنىڭ يەيدىغان نەرسىنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن چاتىقى يوق. ھايۋانلارنىڭ شالاپلىتىپ يېگەن بىلەن چاتىقى يوق. ھايۋانلارنىڭ تۇرىدىغان يېرىنىڭ چىرايلىق بولۇش - بولماسلىقى بىلەن چاتىقى يوق. يەنى، گۈزەللىككە ئ‍ىنتىلىش، مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ئىنسانلارغا خاس نەرسە. بۇ ئىنتىلىشنىڭ مەنبەسى ئاللاھ. چۈنكى، ئاللاھ گۈزەلدۇر، ئاللاھ جىمى سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ ئاداققى نىشانىدۇر.

بىز دۇنياغا كېلىپ ئاتا - ئانىمىز بېقىپ چوڭ قىلغاندىن كېيىن، ئويۇنچۇقلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛شاكىلاتنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ باشقا دوستلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئويۇنلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئۇنىۋېرستىتلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ يىگىتلەر قىزلارنى، قىزلار يىگىتلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ياشىغان شەھەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئۇتۇق قازانغان خىزمەتلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز؛ ئاتا - ئانىمىزنى پەخىرلەندۈرۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز… بۇ ياخشى كۆرۈشلەرنىڭ ئارقىسىدا «ئەسلى كود» مەۋجۇت. خۇددى تاغلارنىڭ ئارقىسىدا «ئەسلى كود» مەۋجۇت بولغىنىدەك. بىز ياخشى كۆرگەن گۈزەللىكلەرنىڭ كەينىدە نېمە بار؟ ئاللاھ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە بەك ئېسىل بىلىنىدۇ، ئارقىدىن «يەنە نېمە باردۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ، تاكى سەن ئاللاھ بىلەن ئۇچراشقىنىڭدا ئاندىن قانائەت تاپىسەن. شۇ چاغدا «دىللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئ‍ارام تاپىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ تېگىگە يېتىسەن. قەلبىڭگە ئاللاھ جايلاشقىنىدا راھەتلىنىسەن، ئاللاھ قەلبىڭگە جايلاشقىچە چولتا گۈزەللىكلەرنىڭ پېشىدىن قوغلاپ ئۆتىسەن. 

ئىبن ئەشۇر «ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن ئايەتنى «ئۇلارنى مۇئ‍مىنلار ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، باشقا ئىنسانلار باشقا نەرسىلەرنى مۇئ‍مىنلار ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. بالىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئويۇن سەۋداسى مۇئ‍مىنلارنىڭ ئاللاھ سۆيگۈسى ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. بىر سۆيگۈنىڭ باشقا سۆيگۈلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى نېمە؟ دەلىلى ئۇ سۆيگۈنىڭ نېمىلەرنى قىلدۇرالىشىدا. قىزلارغا ئاشىق بولۇپ  بىنادىن سەكرىمەكچى بولغان ئىشلارنى ئاڭلىغان بولغىيدىڭلار؟ سۆيگۈ - مۇھەببەت بەزىدە كىشىلەرنى ساراڭدەك ئىشلارنى قىلىدۇرىدۇ. مۇئ‍مىن بولسا ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن باشقا بارلىق سۆيگۈلەرنى قۇربان قىلالايدۇ.  ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن دوستى سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ، «كەلمىسەڭ، سېنى ئىككىنچىلەپ ئىزدىمەيمەن» دېسە، ئۇ بۇ دوستلۇقتىن ۋاز كېچىدۇ. قەدىناس دوستتىن ۋاز كېچىش كىشىنى ئازابلايدۇ، ئەمما، بۇ ئازاب «دوستۇمدىن ئايرىلدىم لېكىن يۈكسەكتىكى دوستقا ئېرىشتىم» دېگەننى ھېس قىلغىنىڭدا غايىب بولىدۇ. ئايەتتىكى «مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ» دېيىلگىنى دەل مۇشۇ. ھاياتتا ئاللاھقا بويسۇنۇش بەدىلىگە بەزى كىشى ۋە نەرسىلەر ئۈچۈن پايپېتەك بولىمىز. چۈنكى، بۇنىڭ ئاللاھنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىغا، بىزنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. «ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن سۈپەتكە لايىقلىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاناڭنى ياخشى كۆرسەڭ، ئۇيقۇڭنى قۇربان قىلىپ، ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئورۇنلىشىڭ، بالىلىرىڭ، جۆرەڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىڭنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ھېچقانداق مۇھەببەت بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ.  مۇھەببىتىڭ  كۈچلۈك بولسا، كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ قۇربانلىق بېرەلەيسەن. ھەر بىر قۇربانلىق سۆيگەن كىشىڭنى خۇشال قىلىپلا قالماستىن سېنىمۇ خۇشال قىلىدۇ. ئاللاھنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەك، ئاللاھقا بويسۇنۇشىمىز پەقەت ئاللاھنى خۇرسەن قىلىپلا قالماستىن، بىزنىڭ قەلبىمىزنىمۇ خۇرسەنلىككە تولدۇرىدۇ. . 

ئاللاھ قەلبىمىزنى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولدۇرسۇن. مۇھەببەتكە كېرەكلىك بەدەللەرنى خۇشاللىق ئۆتەيدىغانلاردىن قىلسۇن.

1446 - يىل رامىزاننىڭ 18 -كۈنى

نۇر ئۈستىگە نۇر

نۇر ئۈستىگە نۇر

ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!‏ («بەقەرە» سۈرىسى 165 - ئايەت)


ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان مۇنداق دەيدۇ: مەن قۇرئان تالىبى (ئوقۇغۇچىسى) بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزۇن مەزگىل پسىخولوگىيە، بىر ئاز جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە سىياسەت ئىلىملىرى بىلەنمۇ مەشغۇل بولدۇم، پىسخولوگىيە ئۆگەنگىنىمدە مېنى ئەڭ جەلپ قىلغان تېما ئىنسان خاراكتېر پىسخولوگىيەسى ئىدى. (بۇ ئىنسان خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىنى پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىزاھلايدىغان، ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى مۇھىت شەكىللەندۈرەمدۇ ياكى قاندىن (گېندىن) كېلەمدۇ؟ دېگەندەك تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە.) قۇرئاننىڭ خاراكتېرنىڭ نېمىلىكى، ئىنساننىڭ نېمىلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى، بىزنى يىگانە مەخلۇق قىلغان نەرسىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدىكى كۆزقارىشىنى «ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار» دېگەن ئايەتتىن كېيىن كەلگەن يۇقىرىدىكى ئايەتكە باغلاپ يورۇتۇپ ئۆتىمەن. 

بىرىنچى بولۇپ يورۇتىدىغان نۇقتا بۇ يەردىكى ئۈچ قەۋەت (ساندۋىچ شەكىللىك) قۇرۇلما. بىرىنچى قەۋەتتە:

سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 163 - ئايەت)

دېگەن ئايەت قەلبىڭلارغا خىتاب قىلىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئايەتنىڭ ئاخىرىدا:

ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. («بەقەرە» سۈرىسى 164 - ئايەتنىڭ ئاخىرى)

دەپ تەپەككۇر قىلىدىغانلارغا، ئەقىل ئىشلىتىدىغانلارغا خىتاب قىلىنىدۇ. تەپەككۇر قىلىش، ئەقىل ئىشلىتىش روھىي، مەنىۋى نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىداكىي نەرسە. روھىي، مەنىۋى نەرسىلەر قەلبكە تەسىر قىلسا، ئەقلىي نەرسىلەر تەپەككۇرغا تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يۇقىرىدىكى 165 - ئايەتتە ياخشى كۆرۈش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. ياخشى كۆرۈش قەلب بىلەن بولىدىغان ئىش. يەنى، بۇ يەردىكى تەرتىپ ئاۋۋال قەلبتىن باشلىنىپ، تەپەككۇرغا كېلىپ، ئاخىرىدا يەنە قەلبكە قايتىدۇ. بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا نوقۇل قەلبكە قارىتىلغان ھېسسىي خىتابلارنىلا قىلمايدۇ، ياكى تەپەككۇرغا قارىتىلغان نوقۇل ئەقلىي خىتابلارنىلا قىلمايدۇ. بەزى كىشىلەر كېلىپ: «مېنى قۇرئانغا ئەقلىي جەھەتتىن قايىل قىلغىن، مەن ئەقلىي بىر ئادەم» دەيدۇ. لېكىن، قۇرئان ھېچبىر ئىنساننىڭ ساپ ئەقلىي ياكى ساپ ھېسسىي ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەقلىي مەخلۇق مەۋجۇت ئەمەس. ئەقىل، لوگىكىلىق تەپەككۇر بىزنىڭ بىر پارچىمىز. ئەمما، نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوق. مەن تاماكا چېكىدىغان راك كېسەللىكى مۇتەخەسىسلىرىنى تونۇيمەن. بۇ قەتئىي ئەقلىي ئىش ئەمەس، لېكىن ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ. مەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىق كىشىلەرنى تونۇيمەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا سۈرئەت چەكلىمىسىدىن ئاشىدۇ. بۇمۇ قەتئىي ئۇلارنىڭ ئەقلىگە باغلىغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. نۇرغۇن ئەقىللىق كىشىلەر ئەخمىقانە ئ‍ىشلارنى قىلىپ قويۇشىدۇ. ئىنسانلار نە پۈتۈنلەي ئەقلىي ئەمەس، نە پۈتۈنلەي ھېسسىي ئەمەس، بۇ ئىككى نەرسە بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا سىرلىق بىر شەكىلدە ئارىلىشىپ كەتكەن. ئاللاھ بۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىزدىكى تەسىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا، بىزگە بۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئەڭ توغرا ئۆلچىمىدە خىتاب قىلىدۇ. شۇڭا، قۇرئان نوقۇل روھىي مەزمۇنلاردىنلا ياكى نوقۇل ئەقلىي مەزمۇنلاردىنلا تەركىب تاپمىغان. ئۇ ھەم ئەقلىي ھەم روھىي مەزمۇنلارنىڭ مۇجەسسىمى. 

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالدى بىلەن قەلبىگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە خىتاب قىلىپ يېتەكلىيەلىسەڭ، ئەقلىمۇ توغرا يۆنىلىشكە ماڭىدۇ. سىلەرگە راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسىنىڭ تاماكا چېكىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم، تېببىي ئۇنىۋىرستىت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تاماكا چېكىدۇ. ئۇلاردىن تاماكىنىڭ زىيىنىنى سورىساڭ، بەلكىم جىمى زىيانلىرىنى ھەممىدىن ئوبدان تىزىپ بېرەلىشى مۇمكىن. لېكىن، تاماكا چېكىشنى توختاتمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈم ئىشىكىگە كېلىپ قالسا قانداق قىلىدۇ؟ «تاماكا چەكسەڭ راك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن» دېيىلسە پىسەنت قىلمىغانلار راك دىياگنوزى قويۇلسا دەررۇ تاشلىشىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تاماكا تاشلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟ قورقۇنچ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم شۇكى: قۇرئاندا ئېيتىلغىنىدەك قەلب جېمى تۇيغۇلارنىڭ ماكانى. قورقۇنچ قەلبتە بولىدۇ؛ غەزەپ قەلبتە بولىدۇ؛ قايغۇ - ھەسرەت قەلبتە بولىدۇ؛ شاتلىق قەلبتە بولىدۇ؛ خاتىرجەملىك قەلبتە بولىدۇ. قەلب رولغا ئولتۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ رولنى ئوڭغا بۇرىسا، ئەقلىڭ ئوڭغا بۇرۇلىدۇ، سولغا بۇرىسا، سولغا بۇرۇلىدۇ. بەنى ئىسرائىلنىڭ راھىبلىرى تالانت ئىگىلىرى ئىدى. ئۇلار «أحبر» دەپ ئاتالغان. بۇ سۆز ئەرەبچە «حبر (سىياھ)»دىن كەلگەن. يەنى، ئۇلار توختىماي يېزىپ، ئوقۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن قوللىرى دائىم سىياھ يۇقى بولغاچقا شۇڭا «أحبر (سىياھ ئەھلى)» دەپ ئاتالغان. شۇنچە كۆپ نەرسە بىلىپ تۇرۇغلۇق ئۇلار ئېزىپ كەتكەن. چۈنكى، قەلبى قېيىپ كەتكەنلىكتىن ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىغان. ناھايىتى ئەقىللىق بىر بالا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مايىل بولسا، ئەقلىنى كىشىلەرنىڭ بانكا ھېساباتىنى ئوغرىلاشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئەقلىمىز قەلبىمىز باشلىغان تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئاندا ئەڭ باشتا قەلبكە، ئاندىن كېيىن ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ. قەلب دەسلەپتە توغرىلانمىسا ئەقىل قانچە قىلسىمۇ توغرىنى كۆرەلمەيدۇ. باشقا تەرەپكە ئېغىپ كېتىدۇ. سەن بەزىدە سۆزۈڭگە قۇلاق سالغان بىرىگە پۈتۈن ئەقىل - لوگىكىنى تۆكۈپ بېرىشىڭ مۇمكىن، ئەمما، مەسىلە ئۇلارنىڭ ئەقلىدە ئەمەس، قەلبىدە بولغاچقا سۆزلىگەنلىرىڭ ھېچ تەسىر قىلمايدۇ. ئەقىل ۋە قەلب ئايرىم - ئايرىم ئىككى نەرسە. ئاللاھ بىزنى لېگو (قۇراق ئويۇنچۇقلار) پارچىلىرىدەك بىر نەچچە بۆلەكتىن ياراتقان. ئاللاھ بىزنىڭ قەلبىمىزنى تەسۋىرلىگەندە ئۇنىڭدا «نۇر» بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردىكى «نۇر»، «روھ»نىڭ سىمۋولى. روھ پەرىشتىلەر ئاللاھتىن ئەكىلىپ، بىز ئانا ھەمرىيىدىكى چېغىمىزدا قەلبىمىزگە جايلاشتۇرغان نەرسە. ئۇ ئاللاھقا يېقىن نەرسە، گۈزەل مەۋجۇدات. ئۇ ئاللاھتىن كەلگەنلىكتىن مۇكەممەل ئىمانغا ساھىب. سەن ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى كۆرەلەيسەن. ئۇ ئاللاھنىڭ ھەدىيەسى. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەن.

ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. («ئەئ‍راف» سۈرىسى 172 - ئايەت)

بۇ ئايەتتىن ئاللاھنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ روھى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكەنلىكى چىقىدۇ.  بىز دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھ بىلەن سۆزلەشكەن. بۇ تەرىپى ئاجايىپ! شۇڭا، ھەدىستە دېيىلگىنى بويىچە ھەر بوۋاق پاك، قەلبىدە غۇبارسىز روھ بىلەن تۇغۇلىدۇ. قەلبتە يەنە بىر نەرسىمۇ بار. ئۇ نەپس دېيىلىدۇ. (تىلىمىزدىكى «نەپەس» بىلەن يىلتىزداش). نەپەستە نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىش دەپ ئىككى جەريان بولغىنىدەك، نەپسمۇ ئاشۇنداق يۆتكىلىپ تۇرىدىغان نەرسە، بىر دەپ ئۇ ياقتا، بىر دەم بۇياقتا، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. نەپس توختىماي بىر نەرسە تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ. چىرايلىق نەرسە بولسا، قارىسام دەيدۇ، مەززىلىك بىر نەرسە پۇرىسا، تېتىسام دەيدۇ، گۈزەل بىر نەرسىنى كۆرسە، ئېرىشسەم دەيدۇ.  ئۇنىڭغا تەلەپ قىلغىنىنىڭ ھەممىنى بېرىۋەرسەڭ روھىڭنى تۈگەشتۈرىۋالىسەن. بۇنداق ئەھۋالدا روھ نەپسكە: «نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دەپ ئۇنى ئەيبلىگىلى تۇرىدۇ، نەپس: «خاپا بولما» دەپ ئۆزىنى تارتىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. نەپس ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بۇ تۇيغۇ قۇرئاندا «نَّفْسِ ٱللَّوَّامَةِ (ئۆزىگە مالامەت قىلغۇچى نەپس)» دەپ ئاتالغان. يەنى، ئىچىڭدىكى روھ «نۇرۇمنى توسۇۋاتىسەن» دەپ نەپسىڭگە ئىسيان قىلىدۇ. سەن قەلبنى قاراڭغۇلاشتۇرىۋاتىسەن دەيدۇ. روھ ۋە نەپسنى ئوراپ تۇرغان قەلبنى قۇرئان سۈزۈك ئەينەككە ئوخشىتىدۇ. ئەگەر تۇيغۇلىرىڭغا ئەگىشىۋەرسەڭ، ئىچىڭدىكى نۇردىن باش تارتىۋەرسەڭ، ئەينەك كىرلىشىشكە باشلايدۇ. تاكى، كىرلەشكەننىڭ دەستىدىن نۇر چىقالماس ھالەتكە كېلىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، نۇر چىقالماس بولۇپ قالغان قەلبكە نۇر ھەم كىرەلمەيدۇ. قەلبىڭنى تۈگىمەس ھەۋەس، تۈگىمەس ئارزۇ - ئىستەك، تۈگىمەس شەھۋەتلەرگە قاپلىۋەتسەڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە غەرق بولۇپ تۈگىشىسەن. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان نۇرى قەلبىڭنى چەككەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن كىرەلمەيدۇ. چۈنكى، قەلبىڭ كىرلەر بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن. قەلبنىڭ ئىچىدىكى نۇر بىلەن قۇرئان نۇرىنىڭ ئۇچرىشىپ نۇر ئۈستىگە نۇر بولالىشى ئۈچۈن ئۇ كىرلەرنىڭ تازىلىنىشى شەرت، قەلب دېگەن ئەينەكنىڭ پاكىز بولۇشى شەرت. سىنىڭ ئىچىڭدىكى نۇر ئاللاھ بىلەن سۆزلىشىپ باققان، قۇرئان ئاللاھنىڭ بىز بىلەن سۆزلىشىدىغان نۇرى. شۇڭا سەن بۇ نۇرنى تىڭشىغىنىڭدا ئىچىڭدىكى نۇر «توختا، بۇ ئىچىمدە چوڭقۇر جايلاشقان بىر نەرسىنى ئېسىمگە سېلىۋاتىدۇ» دەپ لەرزىگە كېلىدۇ. بۇ دەل بەزى كىشىلەرنىڭ قۇرئان بىلەن تۇنجى ئۇچراشقىنىدا «ئىچىمدە ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىنى تېپىۋالدىم» دېيىشىنىڭ سەۋەبى. 

ئاللاھ نۇرى نازىل بولغان، نەپسنى تەربىيەلەيدىغان، قەلبنى پاكلايدىغان بۇ مۇبارەك ئايدا قەلبىمىزنى سۈزۈكلەشتۈرۈپ، روھىمىزنىڭ نۇرى بىلەن قۇرئاننىڭ نۇرىنى ئۇچراشقىلى، نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلغىلى نېسىپ قىلغاي.

1446 - يىل رامىزاننىڭ 16 - كۈنى

نەفسىي ھاۋا ۋە ئەقلىي ھاۋا

نەفسىي ھاۋا ۋە ئەقلىي ھاۋا

رامىزان ئېيىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان «رامىزان ئورتاقلاشقانسېرى گۈزەل» دېگەن پروگراممىنىڭ بۈگۈن كەچتىكى مېھمىنى ئالتاي جەم مەرىچ ئىكەن. تەراۋىھتىن يېنىپ سۆھبىتىگە ئۈلگۈردۈم.

سۆھبەتتە ئۇستاز ئالتاي جەم مەرىچ مۇتەۋاتىر ۋە خەبەر ۋاھىد ئۇقۇملىرى، ئىسلامدىن باشقا مەدەنىيەتلەردە تېپىلمايدىغان مۇكەممەل خەۋەر دەلىللەش مېتودى، كۈنىمىز كىشىلىرىنىمۇ ھەيرەتكە سالىدىغان 8 - ئەسىرلەردىلا ئىسلام ئىلمىي ساھەسىدە يولغا قويۇلۇپ بولغان پىكىر ئەركىنلىكى... قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، قەلبىمىزدىكى دىنىمىزغا، ئالىملىرىمىزغا، ھەدىسلەرگە بولغان مۇھەببەتنى ئۇلغايتتى.

ھەدىسلەر دىنىمىزنى مۇرەككەپلەشتۇرىدۇ، قىيىنلاشتۇرىدۇ، دەپ قارامسىلەر؟ ئەسلىدە ھەدىس بولمىغاندا دىنىمىز قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. دەپ تۆۋەندىكى ئىككى مىسالنى كەلتۈردى.

ھەدىسلەر بولمىغىنىدا ھەيز توغرىلىق ئايەتنى قانداق تەدبىقلاش كېرەك؟

ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.‏(«بەقەرە» سۈرىسى 222 - ئايەت)

ئايەتتە ھەيزدار ئاياللار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىش ئېيتىلىۋاتىدۇ. يەھۇدىيلار ئاياللىرى ھەيزدار كۈنلىرىدە ئۇلارنى نىجىس دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئەتكەن تامىقىنى يېمەيتتى، ھەتتا ئۇلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرمايتتى. نامازنى يەھۇدىيلاردىن ئالغانلىقىمىزنى دەۋا قىلغان ھەدىس ئىنكارچىلىرى بۇ مەسىلىگىمۇ ئورتاق پوزىتسىيە تۇتسا، يەھۇدىيلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىشى كېرەك. لېكىن، ئۇنداق قىلىشمايدۇ.

ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قولىنى كېسىڭلار. («مائىدە» سۈرىسى 38 - ئايەتنىڭ بېشى)

بۇ ئايەت ھەدىسلەرسىز تەدبىقلانغىنىدا ئۈرۈك ئوغرىلىغان بەش ياشلىق بالىنىڭمۇ قولى كېسىلىشى كېرەك. پەقەت ھەدىسلەر ئارقىلىقلا بۇ ئايەتنىڭ قانچىلىك مىقداردا بىر نەرسە ئوغرىلىغان، ئوغرىلىق قانداق شەرتلەردە يۈز بەرگەندە ئاندىن جازاغا تارتىلىشنى بېكىتىش مۇمكىن. ئەمما، ھەدىسلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنىدا تەدبىقاتى ئېغىر بولىدىغان ھېچبىر مەسىلىدە ھەدىس ئىنكارچىلىرى قۇرئان بويىچە يول تۇتمايدۇ. يەنى، ئۇلار ئۆز نەپسى - خاھىشىغا ئاساسەن بىردەم ھۆكۈمنى ئۇ يەردىن، بىردەم بۇ يەردىن ئالىدۇ.

نەفسىي ھاۋا ۋە ئەقلىي ھاۋا ھەققىدىكى تۆۋەندىكى قاراشلىرىمۇ ماڭا بەك تەسىر قىلدى:

ھاۋايى ھەۋەس دېيىلگىنىدە كىشىلەر شەھۋەت ۋە نەفسىي نەرسىلەرنىلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھاۋايى ھەۋەس ئەقلىي جەھەتلەردىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرىنىڭ بىرەر خاتالىقىنى بايقىغىنىدا، ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى ھەققىدە ئەزۋەيلەپ، ھەتتا شېرىككە چىقىرىپ كۆپتۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئامال بار يوققا چىقىرىپ، ئاقلاشقا ئورۇنىدۇ. ھاراققا كۆنۈپ قالغان بىرى دەسلىپىدە ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ، گۇناھكار ھېس قىلىدۇ. ئەمما، كىشىنىڭ پىسخىكىسى ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاراقنىڭ ھارام ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۆزىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپ، بەزىدە ھارامنى ھالال دەيدىغان كۇفرىلىققىچە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، نەفسىي ھاۋادىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەقلىي ھاۋانىڭ ئاپىتىدىن ئاگاھ بولۇش لازىم. بولمىسا، ئىنسان ھەقىقەتنىمۇ پەقەت ئۆز نەپسىگە ئېغىر كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئىنكار قىلىپ كۇفرىغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئاللاھ نەپسىمىزنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىزنى ساقلىغاي. دىلىمىزنى ھەقتە مۇستەھكەم قىلغاي.

1446 - يىل رامىزاننىڭ 14 - كۈنى