by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 7, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
شۈبھىسىزكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇنىڭغا سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، قىلمىشىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 158 - ئايەت)
بۇ ئايەتتىكى سەفا ۋە مەرۋە بىلەن ئالدىنقى ئايەتلەردىكى سەۋر، ھۇسۇل، سىناق… لارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئاللاھ قۇرئاندا بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ھەمىشە ئۇنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن يورۇتىدۇ. سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا يۈرۈش ھاجەر ئانىمىزنىڭ بوۋىقى يىغلىغاندا نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان چېغىنى ئەسلىتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلغا ئازراق يېمەكلىك ۋە سۇ قالدۇرۇپ كېتىپ قالغانىدى. ئىچىدىغان سۈيى تۈگىگەندە ھاجەر ئانىمىز ۋە ئوغلى ئۇسساپ كەتتى. ئۇ بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قېلىش ئۈمىدىدە ئۆزى تۇرغان تاغدىن يەنە بىر تاغقا يۈرگۈردى. ھېچكىمنى ئۇچراتمىغاندىن كېيىن يەنە يۈگۈرۈپ قايتتى. بوۋىقى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن تېپىچەكلەپ يىغلايتتى. بوۋىقىنى بۇ ھالەتتە كۆرۈشنىڭ بىر ئانا ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس. ئاشۇ چارىسىزلىك ئىچىدە نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن ئانا ئىككى تاغ ئارىسىدا چېپىپ يۈردى. شۇ ئاندا ئاللاھ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ بۇ ئانا - بالىغا زەم - زەم سۈيىنى چىقىرىپ بەردى.
بۇ قىسسىدە ئالدىنقى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان سىناقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ: قورقۇنچ، ئاچلىق، مال ۋە جانغا، پەرزەنتكە يېتىدىغان مۇسىبەت… بوۋىقى بىلەن چارىسىز ھالەتتە چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان ئانىنىڭ قورقۇنچ - ئەندىشىسىدىن ئارتۇقراق قورقۇنچ - ئەندىشە بولمىسا كېرەك. بۇ قىسسىدىكى يالغۇز ئانا ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر، ئايال ئۈچۈن ھاياتتا ئېغىر سىناقلارغا ئۇچراشنىڭ ئۈلگىسى. شۇڭا بىز ھەجدە سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرۈپ بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىمىز.
سىناقلارنىڭ ئەڭ چوڭى — ئانا - بالىلارنىڭ سىنىقى. شۇڭا، ئانا - بالىلارغا ياردەم قىلىش، ھەممىدىن ئاۋۋال ئانا - بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى. جەمئىيىتىمىزدە كېلىنلىرى تەرىپىدىن خورلىنىدىغان قېينئانىلار، قېينئانىلىرى تەرىپىدىن خورلىنىدىغان كېلىنلەر مەۋجۇت. ئۇلار ئانا سۈپىتىدە ھۆرمەتلەنمەيدۇ. بىر ئانا ھېچنىمىسى ئۈچۈن ھۆرمەتلەنمىسە ئانىلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. بىر - بىرىمىزگە رەھىم - شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز شەرت.
ئاخىرقى بىر نۇقتا سەفا بىلەن مەرۋە مۇقەددەس جايمۇ؟ شۇنداق. بۇ مۇقەددەس جايدا بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟ دالا تامىقى يەمدۇق؟ ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلامدۇق؟ شام ياقامدۇق؟ ياق، بۇ يەردە يۈگۈرىمىز. بۇ يەرنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بېكىتكۈچى كىم؟ ئاللاھ. بۇ مۇقەددەس جايدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بېكىتكۈچى كىم؟ ئاللاھ. بىر يەرنىڭ مۇقەددەس ياكى ئەمەسلىكىنى پەقەت ئاللاھ بېكىتىدۇ. مۇقەددەس بىر يەردە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ پەقەت ئاللاھ بېكىتىدۇ. بۇ دەل بۇ ئۈممەت ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان نۇقتىلاردىن بىرى. كىشىلەر بىر يەرلەرنى «ئۇلۇغ يەر، مۇقەددەس يەر» دەپ بېكىتىشىۋالىدۇ. ئۇ يەر بەلكىم بىر ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ياشىغان يېرى ياكى قەبرىسى… بىزنىڭ بىر يەرنى مۇقەددەس قىلىۋالىدىغان ھەققىمىز بارمۇ؟ يوق. بىر يەرنى ئىبادەت يېرى قىلىپ بېكىتكۈچى كىم؟ ئاللاھ. مەككە مۇقەددەس، مەدىنە مۇقەددەس، ئەقسا مۇقەددەس، يېڭى جېرسىي مۇقەددەس ئەمەس. سېنىڭ بىر يەرنى مۇقەددەس دەپ بېكىتىدىغان ھەققىڭ يوق. سەن مۇقەددەس دەپ بەلگىلەنگەن «تىزىملىك» كە بىر نەرسە قوشالمايسەن. مەسىلە ئېنىق بولدىمۇ؟ بىرىنچىدىن، سەن بىر يەرنى مۇقەددەس دەپ بېكىتەلمەيسەن. ئىككىنچىدىن، مۇقەددەس يەردە نېمە قىلىشنى بەلگىلىيەلمەيسەن. بۇ ئىككى نۇقتا ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. مۇسۇلمان دۇنياسىغا بىر تالاي يالغان «مۇقەددەس» يەرلەر توشۇپ كەتكەن. كىشىلىرىمىز بۇ ئاتالمىش «مۇقەددەس» يەرلەرگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئويدۇرۇلغان «ئىبادەت»لەرنى قىلىشىدۇ. بۇنداق قىلىش ئېنىقلا نادانلىقنىڭ ئىپادىسى. پاكىستان، ھىندىستان، بېنگال، مىسىر قاتارلىق جايلاردا دىنىمىزغا ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان نەرسىلەر قېتىپ قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر بەك كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كىشىلەر بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن بارىدۇ؟ مەن ھارام، شېرىك مەسىلىسىدە توختىلىپ يۈرگۈم يوق. پەقەت سىلەردىن تەسرەك سوئالنى سوراپ باقاي. كىشىلەر نېمىشقا بۇ يەرلەرگە بارىدۇ؟ قىيىنچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بارىدۇ. چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر چاچ چىقىرىش ئۈچۈن، قىزلا تۇغقان ئاياللار ئوغۇل تۇغۇش ئۈچۈن… بارىدۇ. بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ نېمىگە بۇيرىدى؟ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىشنى دەپ بەردىمۇ - يوق؟ ئاللاھ خالىسا، ھاجەر ئانىمىزغا ھېچ ئىش قىلدۇرماستىن سۇ چىقىرىپ بېرەلەيتتى. لېكىن، بالا تېپچەكلەپ يىغلىغاندىن كېيىن، ھاجەر ئانىمىز سەفا، مەرۋە ئارىسىدا نەچچە يۈگۈرۈپ يۈرگەندىن كېيىن ئاندىن سۇ چىقىرىپ بەردى. چۈنكى، ئاللاھ بەندىسىنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ياردىمىنى چۈشۈرىدۇ. ئويدۇرما «ئۇلۇغ» يەرلەرگە بېرىپ قىينچىلىقىڭنى ھەل قىلىش كويىدا بولۇش ھېچقانداق ياخشىلىق كەلتۈرمەيدۇ، ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 7 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 6, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
سەۋر دىنىمىزدىكى ئەڭ خاتا چۈشىنىلگەن بىر ئۇقۇم. ماڭا دىنىمىزنىڭ دائىرىسىدە سەۋر ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقانلار خاتا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئادەمگە خۇش خەۋەر بەرمىدى. پەقەت سەۋر قىلغۇچى ئالاھىدە بىر توپقا خۇش خەۋەر بەردى. ئۇلارنى ئالاھىدە قىلغان نەرسە كېيىنكى ئايەت:
ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا مۇسىبەت يەتكەندە: «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز!» دەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 156 - ئايەت)
ئاللاھ بۇ ئايەتتە بىزگە تەلىم بەرگەن «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز» دېگەن ئىبارە بىلەن سەۋرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ مۇنداق بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەم:
بىر ئانا بالىسىنى يىراققا ئوقۇشقا ياكى ئىشقا يولغا سالىدىغان بولسا، بالىسى مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا: «ئۇ يەرلەردە ئوغرى - يالغان كۆپ دېيىشىدۇ، بىز مىڭ تەسلىكتە يىغىپ - تۆشەپ بەرگەن پۇلۇڭغا ئوبدان ئىگە بول، كەيپى - ساپاغا ئارىلاشمىغىن.ئوقۇشۇڭ (ياكى ئىشىڭ) بىلەن بولغىن، ئۇ يەرلەردە مەن ساڭا كۆز - قۇلاق بولۇپ بولالمايمەن، ياتىقىڭغا كەچ قالماي ۋاقتىدا قايتقىن. ئوقۇشۇڭ (ياكى ئىشىڭ) تۈگىگەن ھامان ئۆيگە قايتقىن…» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. بۇ يەردە باشلىنىش نۇقتىسى نېمە؟ ئۆي. ئاخىرلىشىش نۇقتىسى نېمە؟ ئۆي. بۇ مىسال بىلەن يۇقىرىدىكى ئىبارە ئارىسىدىكى ئورتاقلىق ئىنسان سۈپىتىدە بىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىمىز ئاللاھ، ئاندىن ئاللاھ بىزنى دۇنيا سەپىرىگە يوللايدۇ. بۇ دۇنيادا قورقۇنچ، ئاچلىق، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشۇڭ مۇمكىن. ئەمما، ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا قايتىسەن، دەيدۇ. سەپەردىكى چېغىڭدا ئاسان ئېزىپ كېتىسەن، شۇڭا، ئاللاھ ھەقىقىي سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇققىنىدا ئازماستىن ئۆزىگە: بۇ ئىشلار بېشىمغا كەلدى، لېكىن، مېنىڭ سەپىرىم بۈيۈك بىر سەپەر، قىيىنچىلىقلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما مېنىڭ ئاللاھقا قىلىدىغان سەپىرىم داۋام قىلىدۇ، ئاللاھتىن كەلدىم، ئاللاھقا قايتىمەن، دېگەننى ئەسكەرتىپ تۇرغۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھاياتتا قاتناش ھادىسىلىرى، تۈرلۈك ئېغىر كېسەللەر، پالەچلىك… دېگەندەك تۈرلۈك - تۈمەن سىناقلار مەۋجۇت. بۇ سىناقلار ئالدىدا «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز» دېيەلەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ئاسان ئەمەس. كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان بىرىگە «سەۋر قىلغىن» دېيىلگىنىدە، «ئۇنداق دېمەك ئاسان»، «بۇ گەپنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم، رەھمەت» دېيىشى مۇمكىن. ھېرىپ - چارچىغاندا، ئېغىرچىلىق كەلگەندە سەۋر قىلماق ھەقىقەتەن تەس. شۇڭا، ئاللاھ بۇ ئاسان ئەمەس، ئەمما، بۇنى قىلالىساڭ، سېنى تەبرىكلەيمەن، دېگەن مەنىدە شۇنداق دەيدۇ:
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 157 - ئايەت)
بۇ يەردە ئاللاھ «ئۇلار سەۋر قىلغۇچىلاردۇر» دېمىدى، «ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» دېدى. بۇ يەردە بىز ھىدايەت ھەققىدە يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. ھىدايەت سېنىڭ قانچىلىك بىلىم ئىگەللىگەنلىكىڭ، ئەرەبچىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقىڭ، قۇرئاننى قانچىلىك يادلىغانلىقىڭ، قانچىلىك لېكسىيەلەرنى ئاڭلىغانلىقىڭ ئەمەس. ھىدايەت بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە (قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا) ئاللاھنىڭ سۆزىدە مۇستەھكەم تۇرالىشىڭدۇر. قىينچىلىقتا ھارام يولغا كىرىپ قالماسلىقىڭدۇر، شارائىت قانچىلىك ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىمانىڭنى مۇھاپىزەت قىلىشىڭدۇر. «كەمبەغەلچىلىك بەزىلەرنى كاپىر قىلىۋېتىدۇ» دېگەن پەيغەمبىرىمىز. ئاللاھ ئاشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا ئىمانىنى ساقلىغانلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. سالاۋاتلارنى، رەھمەتلەرنى يوللايدۇ.
ئەمدى سەۋر مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىر ئايالنىڭ يولدىشى تۈگەپ كېتىپ، يىلبويى كۆز يېشى قىلسا، «ئۇنى بەك سېغىندىم، كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ھىدلاپ يىغلايمەن، خىيالىمدىن چىقمايدۇ، بەزىدە قۇلىقىمغا ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولىدۇ…» دېگەندەك گەپلەرنى قىلسا، ئەتراپىدىكىلەر: «سەن سەۋر قىلىشىڭ كېرەك!» دېگەننى تەكىتلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال: «مېنىڭ ئىمانىمدا مەسىلە بارمۇ؟ كىشىلەر سەن ئاللاھ تەۋەككۇل قىلىشىڭ كېرەك ئىدى» دەيدۇ، دەپ سورايدۇ. بالىسى تۈگەپ كەتكەن ياكى ئاتا - ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ھالى خاراپ كىشىلەرگە باشقىلارتوختىماي: «سەۋر قىلىشىڭ كېرەك» دېگەننى تەكىتلەيدۇ. شۇلاردىن سوراپ باقسام: سىلەر ياقۇپ ئەلەيھىسسالام دەپ بىر پەيغەمبەرنى بىلەمسىلەر؟ ئۇنىڭ قانچە يىل بالىسى ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ زاتنىڭ ئەقىلسىز بالىلىرىنىڭ: «سەن يۇسۇفنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ گېپىنى قىلىۋېرىپ، ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرىدىغان بولدۇڭ» دېگەنلىكىنى، تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇ زاتقا: «سەن سەۋر قىلىشىڭ كېرەك» دەپ دەرس بەرمىدى. بىزنىڭ ئازابلانغان ئانىلارنى، ئازابلانغان ئاتىلارنى، ئازابلانغان ئەر، ئازابلانغان ئاياللارنى، ئازابلانغان پەرزەنتلەرنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامدىن بەكرەك سەۋرچان بولۇشقا بۇيرۇشىمىز ئادىللىقمۇ؟ نېمىشقا جەمئىيىتىمىزگە، ئائىلىمىزگە ئاللاھنىڭ ئۆلچىمىدىنمۇ ئېغىر ئۆلچەملەرنى قويۇۋالىمىز؟ سەۋر بۇ ئەمەس. سەۋرنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ سەۋر سېنىڭ يىغلىماسلىقىڭ ئەمەس، سەۋر سېنىڭ ئاچچىقلانماسلىقىڭ ئەمەس، بەزى ئىشلار سېنىڭ ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. سەۋر سېنىڭ قورقماسلىقىڭ ئەمەس. سەن قورقۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. سەۋر سەن يىغلىغان، ئاچچىقلانغان، قورققان تەقدىردىمۇ ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭ. ئاللاھقا يەنىلا ئىشىنىشىڭدۇر. ئاللاھقا ئىشىنىش سېنىڭ ھەرگىز پەرىشان بولمايدىغانلىقىڭنى بىلدۈرمەيدۇ. سەن يەنىلا پەرىشان بولۇشۇڭ مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچە ئانىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا پەرىشان بولغان. بۇ — ئىنسانىي تۇيغۇ. سەۋرنىڭ كەمچىللىكى ئەمەس. بىز كىمنى غەمكىن ھالەتتە كۆرسەك، قاراڭلار غەمكىن بولۇپ كەتكىنىگە، سەۋرى يوقكەن بۇنىڭ، دەيمىز. بۇ بەك بىمەنىلىك. بىزنىڭ سەۋر دەپ سۆزلەپ يۈرگەنلىرىمىزنىڭ سەۋر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. پەرىشانلىق، غەم - غۇسسە، ھەسرەت دېگەنلەر ئىنسانىي تۇيغۇلار. ھەممەيلەننىڭ بېشىغا كېلىدۇ. ئاللاھ ئۆزى:
ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ. («نەجىم» سۈرىسى 43 - ئايەت)
دېگەن. كۈلكىمىز ئاللاھتىن كەلگەندەك، كۆز يېشىمىزمۇ ئاللاھتىن كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەرگە بېسىم قىلمايلى. بۇ ھاياتتا بەزىدە مەيۇسلىنىپ قالىمىز، غەمگە پېتىپ قالىمىز. سەۋر دېگەن دەل مۇشۇنداق چاغلاردا يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تۈرتكىنى تېپىش دېمەكتۇر. ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ھېلىھەم بىر ئۈلگە. ئۇ زاتنىڭ كۈڭلى يېرىم ئىدى، ئەمما يەنىلا بۇنيامىننى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقانىدى. ھەرگىزمۇ يىغلاپ ئۆيگە بىكىنىۋېلىپ ھېچ ئىش قىلماي يۈرمىگەنىدى. شۇڭا بىز سەۋرنىڭ توغرا پىرىنسىپىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
ئاللاھ بىزگە دىنىنى توغرا چۈشىنىشنى، بىر - بىرىمىزگە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىشنى نېسىپ قىلغاي.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 6 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 5, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. («بەقەرە» سۈرىسى 155 - ئايەت)
ئالدىنقى ئايەت ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدە ئىدى. ھەممىمىزگە ئايانكى، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشتا ياكى باشقىلارنىڭ قەستىگە ئۇچراپ ۋاپات بولىدىغان مۇسۇلمانلار ئاز ساندا. مۇتلەق كۆپچىلىكىمىز كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن كېتىپ قالىمىز. ئۇنداقتا، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلمىگەنلەرنىڭ سىنىقى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئايەتتە ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇشۇخىل سىناقلارنىڭ بىرى ياكى بىر قانچىسى بىلەن چوقۇم سىنىلىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىدۇ.
تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ھەر تۈرلۈك سىناقتا قورقۇنچ ۋە ئاچلىقتىن بىرەر ئۈلۈش بار. ئارىمىزدا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت تاپالمايۋاتقان كىشىلەر بار. ئۇلار ھەر خىل كەمسىتىشلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئاياللار ھىجابلىنىپ سىرتقا چىقسا ياكى ھىجابلىق قىزلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتسە، ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. مەن بارغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇسۇلمان بالىلار مەكتەپلەردە ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ مەن ياشاۋاتقان داللاستا، شۇنداقلا، تېكساستا، كانادادا، ئاۋسترالىيەدىكى مەكتەپلەردە مەۋجۇت ئەھۋال. كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىمىز ئىسلامىي مەكتەپلەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن رېئاللىق مانا شۇنداق. شۇڭا، بىز مەكتەپلەردىكى ئۆزىمىز قاتنىشىشقا تېگىشلىك يىغىنلاردا بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەۋجۇت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ھاياتىمىزدا مانا مۇشۇنداق قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئاچلىق بىلەن سىنىلىدىغانلىقىمىزنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ تەرتىپمۇ ھېكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەرقانداق ئاپەت ئاۋۋال قورقۇنچ بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن ئاچلىققا نۆۋەت كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ تۈرلۈك نەرسىدىكى يوقىتىش تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ بىرىنچىسى مال - دۇنيا، ئىككىنچىسى جان، ئۈچىنچىسى مېۋە - مەھسۇلات. بەزىدە زىيان تارتىپ مال - دۇنيارىڭلاردىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. مۇسۇلمان بولغىنىڭلار ئۈچۈن خىزمەت تاپالماي قالىسىلەر. 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شىركىتى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەيران بولۇپ خىزمەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان قابىل بىر يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى دوستۇم بار ئىدى. ئىسمى مۇھەممەد بولغىنى ئۈچۈن 30 دەك يەرگە ئىلتىماس قىلىپ ھەممىسىدىن رەت جاۋابى ئالدى. ئوخشاش تەرجىمھالدىكى مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنى مەسىيىۋغا، يۇسۇفنى جوسېفقا ئۆزگەرتىپ ئىلتىماس قىلىپ سىنىغىنىدا تۇشمۇتۇشتىن تەكلىپلەر يېغىشقا باشلىدى. ئۇ دوستۇم تەكلىپ قىلغان شىركەتلەرگە بېرىپ ئېتىقادى سەۋەبلىك بىرىگە بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلغان بىر شىركەتتە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. مال - دۇنيا تەرەپتىكى سىناقلارنىڭ يەنە بىرى بۇ دۆلەتتە ھارام يولدىن پۇل تېپىش ئاجايىپ ئاسان. بىر مۇسۇلمان مەبلەغ سالماقچى بولسا، بۇ تىجارەت گۆرۆگە چېتىشلىق، ئۇ تىجارەت ئۆسۈمگە، يەنە بىرى ھاراق - شاراپقا … ئۆي - مۈلۈك تىجارىتىگە كىرىشكەنلەر ئۆسۈم بىلەن تىجارەتلىرىنى زورايتىپ بىر يەرلەرگە ئاپىرىشقان. بىزدە ئۇنداق «ئىمتىياز» يوق. بۇ يەردىكى ھەيۋەتلىك چېركاۋلار ئۆسۈمگە تايىنىپ سېلىنغان، بىز ئۆسۈمدىن يىراق تۇرىمىز. مەسچىتلىرىمىز يەر ئاستىدا، گىلەملىرىمىز 1987 نىڭ، پايپاق پۇراپ تۇرىدۇ. مانا بۇلار بىزنىڭ رېئاللىقىمىز. بىزنىڭ مال - دۇنيا بىلەن سىنىقىمىز. مېنىڭ بۇ يەردە يورۇتماقچى بولغان نۇقتام ئايەتتىكى جان قىسمى، يەنى بىز ياخشى كۆرىدىغان، بىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كىشىلەر. مەسىلەن: جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى بولغان، بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز. ئاللاھ ئۇلارنى ئېلىپ كەتكىنىدە «ئۇلار يوق ئەمدى نېمىش قىلارمىز»، دېيىشىپ قالىمىز. بەزىدە ئائىلە تۈۋرۈكلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. بۇ ئايرىلىش بەزىدە ئۆلۈم ۋەجىدىن بولمايدۇ. بەزىلەر، دىنى، ھىجابى سەۋەبلىك ئائىلىسىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن تىرىك ئايرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سەۋر قىلغانلارغا مۇبارەك بولسۇن. مەن بۇ يەردە تاساددىپەن تەبرىكلىمەيۋاتىمەن، ئايەتنىڭ ئاخىرىدا «سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ئاللاھ تەبرىكلەۋاتىدۇ.
ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان مال - دۇنيا، جان (كىشىلەر) دىن باشقا يەنە بىر نەرسە مەھسۇلات (ھۇسۇل، مېۋە). ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان مال - دۇنيا ھۇسۇللارنى، مېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۇرسا، بۇ يەردە يەنە ئايرىم بايان قىلىشتىن مەقسىدى نېمە؟ بۇ ئەسلىدە ئالدىنقى ئىپادىنىڭ ئاجايىپ ئېسىل قوشۇمچىسى. يەنى، مال - دۇنيا ۋە جان (كىشىلەر)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەھسۇلات - مېۋە مەنىسىدىكى بۇ ئىپادە ئادەملەرگە قارىتىلغاندا پەرزەنتلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، پەرزەنتلىرىمىز بىزنىڭ مېۋىلىرىمىزدۇر. نەرسىلەرگە قارىتىلغاندا ئەجىرنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقىڭىز بەدىلىدە روياپقا چىقارغان بىر ئىشلار ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا زىيان بولىدىغىنى يالغۇز مال - دۇنيالا بولمايدۇ. نۇرغۇن يىللىق ئەجىرمۇ بىكار بولىدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرىمىز. ئۇلارنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا، تۈرلۈك يامانلىقلاردىن قوغداشقا ھەرىكەت قىلىمىز. ئاندىن بىر كۈنلەر كېلىپ، بۇ بالىلاردىن بىرى «مەن مۇسۇلمان بولمايمەن» دەپ قوپۇشى مۇمكىن. مۇنداق ئەھۋالدا ئاتا - ئانا بولغۇچى ئۇچرايدىغان زەربىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. مانا مۇشۇنداق سىناقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن رەببىمىز «سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ سۈرىدە سەۋرنى تۇنجى تىلغا ئېلىشىمۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسا، ئالدىنقى ئايەتلەردە «ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېيىلگەنىدى. بۇ بەك ئاجايىپ. بىز ئاللاھقا قانداق باغلىنىمىز؟ ئېسىڭلاردا بولسا، ناماز بىلەن باغلىناتتۇق. دېمەك، ئاللاھ ھەردەم سەۋر ئىچىدە ناماز بىلەن ئۆزىگە باغلانغانلار بىلەن بىللە. بىز مال - دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، يېقىن - يورۇقلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن پەرزەنتلىرىمىز، ئىشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، سەۋر قىلغۇچىلارغا مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ ھەرقاچان سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە. ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغىنى شۇكى: نېمىدىن ئايرىلساڭ، ئايرىل. سېنى خاراب قىلىدىغان پەقەت بىرلا نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتىن ئايرىلىپ قېلىش. ئاللاھنى يوقىتىپ قويمىساڭلا، خۇرسەنلىككە بىر يول تاپالايسەن.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 5 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 4, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر. («بەقەرە» سۈرىسى 154 - ئايەت)
ئاللاھ 155 - ئايەتتە بەندىلىرىنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدىكى بۇ ئايەتنى بايان قىلىشىدىكى سەۋەبىنى ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق ئىزاھلايدۇ:
ھاياتىڭىزدا خەۋپ - خەتەر، ئاچلىق - قەھەتچىلىككە يولۇقىشىڭىز، مال - دۇنيارىڭىز ۋە پەرزەنتلىرىڭىز ياكى ھاياتىڭىزغا قازا يېتىپ قېلىشى، بۇلار سەۋەبلىك ئاخىرىدا جېنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆلۈم، ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىدەك بىلىندۇ. ئەمما، ئاللاھنىڭ مەسىلىنى سەۋر ۋە ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەسلىك بىلەن باشلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن قانداق بىر «سودا» ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ: سىلەر جېنىڭلار بەدىلىگە بولسىمۇ دىنىڭلاردا تۇرۇشۇڭلار كېرەك، بۇنىڭغا ئىدىيەڭلەردە تەييارلىق بولۇشى كېرەك، دەۋاتىدۇ. بىرى بۇ يولدا ئۆلسە، بۇ تىراگېدىيە ئەمەس، شېھىتلىك ئۆلۈمنىڭ ئەڭ ئەۋزەل شەكلى. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى ھايات تۇرسا، ئاللاھ نېمە ئۈچۈن شېھىتلەرنىلا ھايات دەيدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئىبن ئەشۇر رەھىمۇللاھ ئوتتۇرىغا قويغان. بىزلەر ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتلىققا ئىمان ئېيتقۇچىلارمىز، شۇنداققۇ؟ ئۆلۈپ، تۇپراققا كۆمۈلگىنىمىزدە روھىمىز دۇنيا ھاياتىدىن بەرزەخ ھاياتىغا كۆچىدۇ، خالاس. شېھىتلەرنىڭ ھايات دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىبن ئەشۇر رەھىمۇللاھ قاتارلىق ئۆلىمالار بۇ شېھىتلەرنىڭ ھاياتىنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا سېلىشتۇرغۇسىز يۈكسەك بىر دەرىجىدىكى ھايات بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. قۇرئاندا شېھىتلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە:
ئۇلار ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەنلەرگە: «سىلەرگە ھېچ قورقۇنچ يوق ھەمدە قايغۇرمايسىلەر» دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. («ئال ئىمران» سۈرىسى 170 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دېگەندەك كۆرۈنۈشلەر بار. ئۇلار ئۆزئارا دۇنيادا قېلىپ قالغان دوست - بۇرادەرلىرى ھەققىدە پاراڭ سېلىشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ.
بۇ ئايەتلەر نازىل بولغىنىدا بەدر ئۇرۇشى تېخى يۈز بەرمىگەنىدى. ئاللاھ بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى كېلىۋاتقان ئۇرۇشقا تەييار قىلدى. قۇرئان ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇلار جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمنى ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىشنىڭ يولى دەپ بۇ يولدا مۇسابىقىلىشىدىغان ھالەتكە كەلدى. بۇ ئايەت مەدىنىدىكى مۇسۇلمان جامائىتىنى كېلىۋاتقان ئۇرۇشقا ئىدىيەۋى جەھەتتىن تەييار قىلدى.
رەببىمىز بىزنى رىزاسى ئۈچۈن ياشايدىغان ۋە رىزاسى ئۈچۈن ئۆلىدىغان غەيۇر بەندىلىرىدىن قىلغاي.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 4 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 3, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئى مۇئمىنلار! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 153 - ئايەت)
بۇ ئايەتكە چۈشەنچە بەرگەندە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان «سەۋر ۋە ناماز» دېگەندىكى ناماز ئەسلىدە سەۋرنىڭ ئىزاھاتى. شۇڭا، «سەۋر يەنى ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار» دەپ چۈشىنىشنى مۇۋاپىق كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. تەپسىرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەۋر ۋە ناماز ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەۋېتىپ پروفېسسور دوكتور خەلىل ئىبراھىم كۇتلاينىڭ «سەۋر زىيا، ناماز نۇردۇر» دېگەن ھەدىسنى چۈشەندۈرگەن قىسقا ۋىدىيوسى ئۇچراپ قالدى. خەلىل ئىبراھىم كۇتلاي ئۇستاز ئېيتتىكى، قۇرئان كەرىمدە قۇياش ئۈچۈن «زىيا»، ئاي ئۈچۈن «نۇر» كەلىمىسى قوللىنىلغان («يۇنۇس» سۈرىسى 5 - ئايەتكە قارالسۇن). چۈنكى، قۇياش نۇر مەنبەسى، ئاي نۇر قايتۇرغۇچىدۇر. ناماز نۇردۇر ئىماننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، سەۋر بولسا ھەقىقىي ئىماننىڭ كۆرۈنىشىدۇر.
«ٱسْتَعِينُوا۟ (ياردەم تىلەش)» ئىبارىسى ھەممە مۇسۇلمانغا تونۇشلۇق. چۈنكى، كۈندە ھەر فاتىھەدە «إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دەپ بۇ سۆزنى تەكرارلاپ تۇرىمىز. قىزىقارلىق يېرى «فاتىھە» سۈرىسىنىڭ پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەن يەنە بىر ئىسمى «صلاة (ناماز)»، يەنى ناماز دېمەك «فاتىھە» دېمەك، «فاتىھە» دېمەك ناماز دېمەكتۇر. بۇ ئايەتتە ئاللاھ «ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار» دەۋاتىدۇ. قىينچىلىق پەيتلىرىدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نەسىھىتى نېمە؟ پەرزەنتىدىن، تاغىسىدىن ئايرىلغان ئەلەملىك كۈنلىرىدە ئاللاھ «كەۋسەر» سۈرىسىنى نازىل قىلغان. پەرزەنتىڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭ، لېكىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ساڭا كەۋسەرنى ئاتا قىلدىم، دېگەن مەنىدىكى ئايەتتىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نامازغا بۇيرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىدىن توختىماي ئەزىيەت كۆرۈۋاتقاندا ئاللاھ:
كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن. («قاف» سۈرىسى 78 - ئايەت)
دېگەن. بۇ يەردە پەيغەمبىرىمىز كۈن - تۈن ئالمىشىۋاتقان چاغدا ئاللاھقا يۈزلىنىشكە بۇيرۇلغان. بامدات ۋە شام ۋاقىتلىرىدىكى ئاسماننىڭ رەڭگى بىر - بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا ئالمىشىدۇ، يەنە بىرىدە يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇققا ئالمىشىدۇ. ۋەزىيەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. بۇ ھاياتتىمۇ ھەمىشە بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسايىشلىق بولىدۇ. بىر ئاسايىشلىقتىن كېيىن يەنە قىيىنچىلىق بولىدۇ. بىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ، ئاندىن راھەتلەيدىغان پەيت كېلىدۇ. خۇددى كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرغاندەك. بۇلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش نېمە؟ ناماز ئوقۇش. مانا بۇ ئايەتتە دېيىلگەن سەۋر. بۇ باغلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يەنە باشقا مىساللارغا قاراپ باقايلى. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ۋەزىپە نېمە ئىدى؟ كىم بىلەن كۈچ ئېلىشىشى كېرەك ئىدى؟ فىرئەۋن بىلەن. بۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇلغاندا ئۇ زات ئاللاھتىن ئۆز قېرىندىشى ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بېرىشىنى سورىدى. ئاللاھ ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ياردەمچى قىلىپ بەردى. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلەر بېرىلدى. رەببىمىز:
«سەن ۋە قېرىندىشىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار» («تاھا» سۈرىسى 42 - ئايەتنىڭ بېشى)
دېيىش بىلەن بولدى قىلدىمۇ؟ يوغىسۇ! ئايەتنىڭ ئاخىرىدا:
«مېنىڭ زىكىرىمدە بوشاڭلىق قىلماڭلار» («تاھا» سۈرىسى 42- »ئايەتنىڭ ئاخىرى)
دېيىلدى. فىرئەۋننىڭ قېشىغا بېرىپ قىلىنىدىغىنى سىياسىي ھەرىكەت ئىدى، مۇنازىرە ھەرىكىتى ئىدى, قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىدى. مەنىۋى ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. ئاللاھ بۇ چوڭ ئېمپىراتورغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زىكىردە بوشاڭلىق قىلماسلىقنى (مەنىۋى ھەرىكەتنى يانداشتۇرۇشنى) تەكىتلىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ زۆرۈرىيەتنى تونۇغانىدى. ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بېرىشىنى ئاللاھتىن سورىغاندا دۈشمەننى يېڭەلىشىم ئۈچۈن قېرىندىشىمنى قوشۇپ بەرگىن، دېمەستىن:
«بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز» («تاھا» سۈرىسى 33 - ئايەت)
دېگەنىدى. بۇ يەردىكى باغلىنىش: سەن ئاللاھنى ئەسلىسەڭ، ئاللاھمۇ سېنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھ سېنى ئەسلىسە، مەسىلە يوق، دېگەن گەپ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەزىپىسىنى باشلىغاندا ھېچقانداق قورالى يوق چاغدا، ئاللاھ ئۇ زاتقا ئاتا قىلغان قورال: «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ»، يەنى زىكىر ئىدى. ئارىدىكى مەزگىلدە قىيىچىلىقتا قالغىنىدا بۇيرۇلغىنى «ناماز ئوقۇ»، ۋەزىپىسىنى تاماملىغىنىدا، مەسجىدى ھەرەم فەتىھ قىلىنغىنىدا، دۈشمەنلىرى مەغلۇب قىلىنغىنىدا، كىشىلەر توپ - توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرىۋاتقىنىدا بۇيرۇلغىنى:
«رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن.» («نەسىر» سۈرىسى 3 - ئايەت)
يەنىلا زىكىر ئىدى. يەنى، ھاياتتىكى كۈرەشلىرىمىزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا ئىزچىل زىكىر بولۇشى كېرەك. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار مەيلى سىياسىي، مەيلى ئىقتىسادىي قانداق قىيىنچىلىقتا بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، مىليونلىغان ئىنسانلار ئارىسىدا يالغۇز قېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ناماز بىزگە ھەمراھ بولغىنىدا نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەردىن بولالايمىز.
كەلكۈن كەلگەن بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلايلى: ھەممە نەرسە ئېقىپ كېتىۋاتقان بىر يەردە مەھكەم بىر لەڭگەر يەنى قۇرئانغا ئېسىلدىڭىز. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ھەرىكەت قىلماقتا. قىيادىن تۆۋەنگە غۇلىماقتا. پەقەت سىز مۇقىم تۇرىۋاتىسىز. قۇرئان ئاشۇ مۇستەھكەم لەڭگەردەك قىممەت قاراشلار، سىياسىي، مەدەنىي تۇتۇملار توختاۋسىز ئۆزگىرىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم تۇتىدۇ. «قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن» دېگەن دۇئادىكىدەك.ناماز ئارقىلىق ئاللاھقا ھەقىقىي باغلانمىغىنىڭىزدا جىمى قورقۇنچ، غەم - قايغۇ، خۇشاللىق ، ئۈمىد ھەممىسى باشقىلاردىن كېلىدىغاندەك كويغا كىرىپ قالىسىز - دە، باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشنىڭ پېيىدىكى بىرىگە ئايلىنىسىز. نامازنى تەرك ئەتكەن، ھىجابنى تاشلىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى ئەتراپتىكىلەرگە «غەلىتە» كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن، باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن قىلىدۇ. سەۋر ۋە ناماز بىلەن ئاللاھقا باغلانغىنىڭىزدا ئەڭ يېڭى مودىنىڭ نېمىلىكى، باشقىلارنىڭ ھەققىڭىزدە نېمە دېيىشى، خوجايىنىڭىزنىڭ نېمە دەپ ئويلىشى، باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارىشى، سىياسەتچىلەرنىڭ سىزگە قانداق قارىشى… دېگەندەكلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز، بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز ئاللاھنىڭ سىزگە قانداق قارىشى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتنىڭ بېسىمى، تەڭتۇشلەرنىڭ بېسىمى، تۈرلۈك قورقۇنچلار غايىب بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلەردىن قورقۇشنىڭ ئورنىنى ئاللاھتىن قورقۇش، باشقىلارنى خۇرسەن قىلىش ئىستىكىڭىزنىڭ ئورنىنى ئاللاھنى خۇرسەن قىلىش ئالىدۇ. «ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېيىلگەندىكى سەۋر قىلغۇچىغا ئايلىنىسىز.
ئاللاھ بىزنى سەۋر قىلغۇچىلاردىن، نامازنى چىن مەنىدە ئادا قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 3 - كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار