كاشكى

دائىما باشقىلىرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرما. بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، بىراز ھەم ئۆزۈڭ ئۈچۈن يىغلا.
— جالالىدىن رۇمى

بىراۋلارنىڭ بىچارىلىكىگە ئېچىندىڭ، كاشكى، ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي بىچارىلىكىڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ، جېنىم. قىممەتلىك نەرسىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلار ئۈچۈن ئۆرتەندىڭ، كاشكى، ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن ئۆمرۈڭنى خورىتىۋاتقانلىقىڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ، جېنىم. ياخشىلار كۆرۈۋاتقان ئېغىر كۈنلەرگە قاراپ خۇرسىنىپ كەتتىڭ، كاشكى، «ياخشى ئاقىۋەت — ياخشىلار ئۈچۈن» دېگەن ھەق ۋەدىسىنى چۈشەنسەڭ ئىدىڭ، جېنىم. ئۇلارنىڭ تېشىغا قاراپ ھەسرەتلەندىڭ، كاشكى، راھەت ئىچىدىكى قەلبىنى كۆرەلىسەڭ ئىدىڭ، جېنىم.

2016-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئىمكانسىزلىق

ئىمكانسىزلىق

كېچىلەر يوشۇرۇن ئېچىلغان چېچەك،
قەلبىمدە كۆرىمەن ئوتقاش بەرگىنى.
يۇلتۇزلار ئۇنتۇلماس كۆزدىكى چاقناش،
ياش تۆكەر ئۇنتۇماق بولسام گەر سېنى.

شەبنەملەر خىلۋەتتە تۆككەن كۆز يېشىڭ،
مىسرا ياپرىقىدا تۇرار لىغىرلاپ.
ئۇنتۇلغان سېنىڭسىز ئۆتكەن كەچمىشىم،
ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ لېكىن زىغىرلاپ.

ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كېچەمدە،
شېئىرلار تۆكىسەن قەلبىمگە تەكرار.
ۋەلېكىن قەلەمگە ئالماق ئىمكانسىز،
قىينىما، روھىم ئال، چۈشۈمگە كەت يار.

تىل قادىر بولسىدى دۇردانىلەرنى،
قەلبىمنىڭ تەكتىدىن سۈزۈشكە ھەرئان.
زۇلمەتلىك كېچىدە ياناتتىڭ نۇرلۇق،
شۇ دۇردىن ئاسسام گەر بوينۇڭغا مارجان.

2016-يىل 10-مارت

يۇلقۇنۇش

جىمجىتلىق ئىچىدە سىقىلماقتىمەن،
كېچىلەر قوينىغا تىقىلماقتىمەن.
ئەندىشەڭ يىغىشتۇر، يۇمۇۋال كۆزۈڭ،
دولقۇنلار ئەۋجىگە ئۇرۇلماقچىمەن.

سۆكۈلسە چاك- چېكىم كۆپ ۋايىم يېمە،
يېڭى بىر ھاياتچۈن چۇۋۇلماقچىمەن.
سۈكۈتلۈك دەريادا ئىدىم قۇرام تاش،
دۇردانە بولۇشچۈن ئۇۋۇلماقچىمەن.

ئادەتكە ئايلانغان بىرلا خىل ھايات،
يۇلقۇنۇپ سېنىڭدىن قۇتۇلماقچىمەن.
ئارمانسىز ياشاشقا باغلاپ ئىشتىياق،
دۇنياغا يېڭىدىن تۇغۇلماقچىمەن.

2016-يىل 21-فېۋرال

ئىلتىجا

كۆزىمىز تارتسا گەر ئوخشاش بىر سۈرەت،
قەلبىمىز يۇيىدۇ خىلمۇخىل رەڭدە.
قۇلاقلار ئاڭلىسا ئوخشاش بىر سۆزنى،
قەلبىمىز چۆرۈيدۇ ھەرخىل مەنىگە.

ياشىساقمۇ گەرچە ئوخشاش ھاياتنى،
قەلبىمىز ھېسلىرى تۈرلۈك تۈمەن خىل.
ئەي رەببىم، ھەممىنىڭ ئەسلىنى كۆرسەت،
ئالدىنىش ئىچىدە يايرىمىسۇن دىل.

2016-يىل 13-يانۋار

زارىقىش

ھۇۋلايدۇ ھەسرەتلەر، ھۇۋلايدۇ بۇ قىش،
ئۇنۇتتۇڭ سەن بەلكىم باھار رەڭگىنى.
ئۆچۈردى زىمىستان گۈلگۈن يۈزلەردىن،
شاتلىقنى، بەخىتنى، نۇرنى، ھەممىنى.

ئۆچۈشنى قەستلەيدۇ قەلبىمدىكى ئوت،
ھېچ نىسىب بولمىدى چىھرىڭگە بېقىش.
شىۋىرغان ئىچىدە تىترەيمەن دىر– دىر،
كۆزۈمدە لىق تۇمان، دىلدا ئەندىكىش.

زۇلمەتتە نىشانسىز يۈرىمەن گۈلۈم،
ئايىغىم ئاستىدا غاچىلدايدۇ قار.
سۈبھىدە ھىدىڭنى ئەپ كەلسە سابا،
يوقىلىپ زىمىستان كېلەرمۇ باھار؟

2016– يىل يانۋار