by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 13, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
قۇرئاندىكى «ئايەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
ئەرەبچىدە «ئايەت» سۆزى مەنە، ئالامەت، ئىشارەت دېگەن مەنىلەرنى، شۇنداقلا يۆنىلىشى بولغان نەرسە، قىممەتلىك نەرسە دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ بىر نەرسىنى «ئايەت» دەپ ئاتىغان بولسا، ئۇنىڭ قىممىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاللاھ بىر نەرسىنى «ئايەت» دەپ ئاتىغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ساڭا مەلۇم يۆنىلىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ بىر نەرسىنى «ئايەت» دەپ ئاتىغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئىشارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىشارەت دېگەنلىك مەنزىل ئەمەس، ئىشارەت سېنى مەنزىلگە يېتەكلەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئويلىغاندا بۇ ئاجايىپ قالتىس بىر ئىش. بۇ ئەسلىدە ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشى. ئىنسانلارنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ ئۆزى بىر ئايەت. تارىخ بىر ئايەت، ئەتراپىمىزنى قورشاپ تۇرغان ماددىي دۇنيا بىر ئايەت. نازىل بولغان ۋەھىيمۇ ئايەت. يەنى، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھەممە نەرسنىڭ مەنىسى، مەقسىدى ۋە نىشانى بار. جىمى ئايەتلەر ئاخىرىدا ئاللاھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىسلامدىكى رېئاللىقنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇسى. سەن «ئايەت»نى چۈشەنسەڭ، ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىنى چۈشىنەلەيسەن. چۈنكى، بېشىڭدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى «ئايەت» دېگەن بىر ئىبارىگە يىغىنچاقلىنىدۇ.
يەنە بىر يېرى، قۇرئان تاغلارنى ئايەت دېمەيدۇ، «تاغلاردا ئايەت بار» دەيدۇ. يەنى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئايەت بارلىقىنى دەيدۇ. ئاللاھ ئاسمانلارنى ئايەت دېمەيدۇ، «ئاسمانلاردا ئايەت بار» دەيدۇ. يەنى، ئايەتلەر تاغلانىڭ ئىچىگە، ئاسمانلارغا يوشۇرۇنغان. مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان ئىسلامىي سەنئەت ئەسەرلىرىگە نەزەر سالغىنىڭلاردا بىر ئورتاق يۈزلىنىشنى بايقايسىلەر. بىزنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىمىز ھۆسنىخەتلىرىمىزدىن تارتىپ سىممىتېرىك ھالەتتە، مۇنتىزم گېئومېتىرىك شەكىللەر، مۇكەممەل ئەگرى سىزىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى سەنئەت ئىنسانلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىر مۇئمىن تاغلارغا، قۇشلارغا، دەرەخلەرگە باققىنىدا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان مۇنتىزىم بىر تەرتىپ، گۈزەللىك ۋە مۇكەممەل بىر سىستېمىنى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى يارىتىشىدا بىر مەقسەت بار، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى سىممىتېرىكلىك، مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق شەكىللەردىن تۈزۈلىدۇ. بۇنى ئەسىرلەر ئالدىدىكى ياۋروپا سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، ئۇلار تاغنى كۆرسە، تاغنى سىزىدۇ، قۇشنى كۆرسە، قۇشنى، بوۋاقلارنى، ئاتلارنى، خانىملارنى سىزىشىدۇ. يەنى، ئۇلار رېئاللىقتا نېمە بولسا ئۇنى كۆرىدۇ، بىز بىر ئەپنى كۆرۈپ ئەسلى كودىنى تەسەۋۋۇر قىلغان پروگراممېردەك ئەسلى كودىنى كۆرىمىز. مودا سەنئەتكە كەلسەك، ياۋوروپالىقلارنىڭ سۇررېئالىزم دېگەندەك ئېقىمنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىساڭلار، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە رېئاللىقنىڭ ئارقىسىدا ھېچنېمە يوق، «ئەسلى كود» مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا سەنئەت ئەسەرلىرى بارغانسېرى بەتبەشىرەلەشكىلى تۇردى. ئۇلار ئادەملەرنىڭ ئېغىزىنى پىشانىسىدە، لېۋىنى قۇلاقنىڭ ئورنىدا سىزىشىپ: «بۇ ماڭا كۆرۈنگەن رېئاللىق» دېيىشىدۇ. «ئابستراكت سەنئەت»، «ئىپادىچىلىق ئېقىمى»… دېگەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ھېچقانداق مەقسەت مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، مودا، پوست مودا رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە كىرىپ قالساڭ رەسىم رامكىلىرىدا ھېچنېمە يوقتەك، داڭقېتىپ تۇرۇپ قالىسەن. ئۇلار بولسا: «بۇ مېنىڭ تۇيغۇمدىكى دۇنيا» دېيىشىدۇ. راست دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ تۇيغۇلىرىدەك قۇپقۇرۇق…
گەپنىڭ خۇلاسىسى ئايەت دېگەندە بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنگىنىنىڭ ئارقىسىدىكى نەرسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى بار. شۇڭا، ھەر ۋاقىت بۇ نەرسىلەردىن بىرىنى، بۇ ئايەتلەردىن، ئىشارەتلەردىن بىرنى كۆرگىنىڭدە ئۇلار سېنى ئاللاھقا ئېلىپ بارىدۇ. قۇرئاندىكى ئايەتلەر سېنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئاللاھ تەرەپكە باشلايدۇ.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 12 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 12, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. («بەقەرە» 163 - ئايەت)
ئاللاھ ئايەتلىرىنى يوشۇرغۇچىلارنى قاتتىق ئازابى بىلەن ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۆز رەھمىتى ھەققىدىكى يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن كېيىن، دەيدۇكى:
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. («بەقەرە» سۈرىسى 164 - ئايەت)
بۇ ئايەت ئالدىنقى ئايەت بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋەتسىزدەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ ئايەت ئارقىلىق ئاللاھ ئۆز رەھمىتىنى قۇرئاندىكى ئايەتلەرگە قاراش بىلەنلا ئەمەس، تەبىئەتتىكى، ئەتراپىمىزدىكى ئايەت(ئالامەت)لەرگە قاراش بىلەنمۇ ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. دەپ بېقىڭلار، كېچە بىلەن كۈندۈز ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ يىلبويى كېچە ياكى يىلبويى كۈندۈز بولغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى (قۇتۇپقا يېقىن دۆلەتلەردە ياشايدىغانلار كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنىڭ نەقەدەر كاتتا نېمەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلالىشى مۇمكىن). ئۇنىڭدىن كېيىن يۈكلەرنى توشۇۋاتقان كېمىلەرنى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە باشقا ئېھتىياجىمىزنىڭ خېلى كۆپ قىسمى دېڭىز قاتنىشى ئارقىلىق تەمىن ئېتىلىدۇ. كۈنىمىزدە گەرچە پويىز ۋە ئايروپىلانلار ئارقىلىقمۇ يۈك توشۇلسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم يۈك توشۇش ئىشى يەنىلا دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان پاراخوتلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تىجارىتى دېڭىز تىجارىتىسىز يۈرۈشمەيدۇ. سۇبھاناللاھ! بەزى ئاراللار باركى، ئۆزىدىن گۆش، سۈت، كۆكتات… ۋەھاكازالارنىڭ ھېچقايسىسى چىقمايدىغان، بۇ ھاجەتلەرنىڭ ھەممىسى پاراخوت - كېمە ۋاسىتىسى بىلەن قامدىلىدىغان. ئاندىن ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ بەرگەن يامغۇرنى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ يامغۇر بىلەن تىرىلگەن تۇپراقلاردىن چىققان ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنى يەپ بودىلىدىغان چارۋىلار نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرغان، سۇ پارلىرىنى بۇلۇتلارغا كۆتۈرۈپ يامغۇر ھاسىل قىلىدىغان شاماللار نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لەيلەپ تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلار نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھەممە نەرسە ئەقلىنى ئىشلەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزگە نەقەدەر رەھىم - شەپقەتلىك، مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەردۇر.
ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلگەن ئايەتلەرنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈمگىنىمىزدە، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، ئەتراپىمىزغا ئەقىل كۆزى بىلەن نەزەر سېلىشقا بۇيرۇپ. ئۆزىنىڭ رازىق (رىزىق بەرگۈچى) ئىكەنلىكىنى يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەر بىلەن سەمىمىزگە سېلىۋاتىدۇ.
يەنە بىر نۇقتا، بۇ ئايەتلەردە بىز باشقۇرالايدىغان نەرسىلەرمۇ بايان قىلىنىۋاتىدۇ. كۈن ۋە تۈننى بىز باشقۇرالمايمىز. ئەمما، كېمىگە كەلگەندە، ئۇنى كىم ياسايدۇ؟ بىز. دېڭىزنى كىم تىنچلاندۇرۇپ بېرىدۇ؟ ئاللاھ. دېڭىزغا شۇڭغۇيدىغان ئۈسكۈنە، ئەسۋابلارنى كىم ياسايدۇ؟ بىز. دېڭىزدىكى ئۈنچە - مارجان، بېلىق قاتارلىق رىزقلارنى كىم تەمىنلەيدۇ؟ ئاللاھ. ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن بەزى نەرسىلەرنى سەن لازىملىق ئۈسكۈنە - ئەسۋابلارنى ياسىمىساڭ ئالالمايسەن. بۇيەردە ئاللاھ خۇددى رەھمىتىمنى ئۈمىد قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭ كېرەك، دەۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئايەتتىكى ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە دېگەندە كۆزدە تۇتۇلغىنى يۈككە ئوخشاش ماددى نەرسىلەر بولۇشىمۇ، دۇنيانى كېزىش بىلەن نەزەر دائىرەڭنىڭ كېڭىيىشى، كۆزۈڭنىڭ ئېچىلىشى، كۆز قاراشلىرىڭنىڭ ئۆزگىرىشى دېگەندەك مەنىۋى نەرسىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقلا ھەر ئىككى خىل مەنپەئەتنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ، ئەمما، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىپ تەييارلىقنى ئۆزۈڭ قىلمىساڭ، ھوسۇل ئالالمايسەن. ئاللاھ دېڭىزنى تىنچ قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ياسىغان كېمەڭ بولمىسا، يەنىلا دېڭىزدا يۈرەلمەيسەن. سەن يەرنى قانچە ياخشى تېرىغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ يامغۇر بىلەن سۇ بەرمىسە زىرائەت ئۈنمەيدۇ. ئاللاھ دېڭىزنى ئەمىن قىلىپ بەرمىسە، كېمەڭ ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چۆكۈپ كېتىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاللاھتىن كېلىدىغان تەرىپى ۋە بەندىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك تەرىپى بار. سەن تېگىشلىك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىڭ كېرەك، ئاندىن ئاللاھ قولاي قىلىپ بەرگەن نېمەتلەر ساڭا نېسىپ بولىدۇ. مانا بۇ بەندە بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ مۇشۇنداق. ئاللاھنىڭ كىتابى ئۆزلىكىدىن ساڭا ئېچىلمايدۇ. سېنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭگە توغرا كېلىدۇ. بەزى كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، «نېمىشقا قۇرئان ئاسان ئەمەس، نېمىشقا ھەممە تىلدا ئەمەس» دەپ سورايدۇ. ئەي ئىنسان، سەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشلەش دېگەندەك دۇنيادا ئۆزۈڭگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئىشلاردا بۇنداق سوئاللارنى سورىمايسەنۇ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگە كەلگەندە ئۆزۈڭنى ئالاھىدە كۆرەمسەن، ئاخىرەتتە ساڭا مەڭگۈلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان نېمەتلەرگە ھېچ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەستىن ئېرىشىشىڭ كېرەكتەك ھېس قىلامسەن؟
شەيئىلەرگە ئەقىل كۆزى بىلەن قاراش ۋە ئىبرەت ئېلىش ھەممىمىزگە نېسىپ بولغاي.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 11 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 11, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
كىچىك ۋاقتىدا قۇرئان كۇرسلىرىدا قۇرئان ئۆگەنگەن، ھەتتا تولۇق يادلاپ قارىي بولغان، نامازلارنى چىرايلىق ئوقۇيدىغان بالىلىرىنىڭ چوڭ بولغاندا دىندىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن زارلاپ كەلگەن ئاتا - ئانىلارغا ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
«بەقەرە» سۈرىسى 159 - ئايەتتە ئاللاھ روشەن دەلىللەرنى ۋە ھىدايەت(توغرا يول)نى كىتابىدا ئىنسانلارغا بايان قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا «نېمە» ۋە «قانداق» دېگەن سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار بىلەن (مەسىلەن: ئىمان دېگەن نېمە؟ ئىسلام دېگەن نېمە؟ تاھارەتنى قانداق ئالىمىز؟ نامازنى قانداق ئوقۇيمىز؟… دېگەندەك) كۇپايىلەنگەن بالىلار يېشى چوڭايغانسېرى «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالنى سوراشقا باشلايدۇ. يەنى دەلىل تەلەپ قىلىدۇ. بىز بولساق، ئۇلاردىن ھىدايەت تەلەپ قىلىمىز. «نۇئمان ئۇستاز، بالىلىرىم ھىدايەتتىن چەتنەپ كەتتى» دېگەن ئاتا - ئانىلارغا «ئۇلارغا دەلىللەرنى كۆرسەتتىڭمۇ؟» دېگۈم كېلىدۇ. بۇنداق دېسەم ئۇلار «ئۇ نېمە؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. كۆپىنچىمىز مۇسۇلمان ئائىلىلەردە چوڭ بولغاچقا، قايىل بولۇشىمىز ئۈچۈن دەلىل لازىم بولمايدىغاندەك چۈشەنچىدە. بۈگۈنكى كۈندە بالىلىرىمىز خىلمۇخىل كۆز قاراشلارنىڭ بومباردىمانىدا كاللىسىدا تۈرلۈك سوئاللار تۇغۇلىدۇ. ئۇلاردىن ھىدايەت كۈتۈشتىن ئاۋۋال ئۇلارغا ئوچۇق دەلىل - ئىسپاتلار لازىم. ئۇلار بۇنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇشى كېرەك. ئۇلار ئاللاھنىڭ بارلىقىغا قايىل بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىغا، كىتابىمىزنىڭ مۇكەممەل كىتاب ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا، بۇ خۇلاسىلەرگە ئۆزى كېلىشى كېرەك، ئىبادەتلەرنى ھەرگىزمۇ «ئاتا - ئانام قىلغان» دەپ ئەمەس، ئىچىدىن قايىل بولغانلىقى ئۈچۈن قىلىشى كېرەك. خۇددى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئېيتىلغىنىدەك:
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مانا بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر: مەن ئاللاھقا تولۇق ئىشەنچ ۋە روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىمەن. مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھنى پاك دەپ تونۇيمەن، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن». («يۇسۇف» سۈرىسى 108 - ئايەت)
باشقىلارنى تولۇق ئىشەنچ، روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.
بالىلارنىڭ دىندىن يىراقلىشىپ كېتىشىنى شەيتان سەۋەبىدىنلا كۆرىمىز، بىزنىڭ دىنىي تەربىيە ئۇسۇلىمىزدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. بىز ئىسلامىي تەلىم - تەربىيەمىزدە پەقەت «نېمە» ۋە «قانداق» دېگەن سوئاللارغىلا جاۋاب بېرىش بىلەن بولۇپ كېتىپ،، «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالنى ئۇنتۇلۇپ قالغان. دىننىڭ قايسى سوئال بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ «نېمە ئۈچۈن» بىلەن باشلىنىدۇ. لېكىن، بىز بۇنىڭدىن ئاتلاپ كەتكەن، ئۆگەتمەيمىز. بىز بالىلىرىمىز مۇسۇلمان ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن «نېمە ئۈچۈن»نىڭ جاۋابىنى ئېلىپ بولدى، دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا، بالىلىرىڭلار چوڭ بولغاندا «ئۇ قۇرئان مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغانىدى، قانداقسىگە بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتى؟» دەپ يىغلاپ قالىسىلەر. چۈنكى، كىچىك ۋاقتىدىكى قۇرئان يادلاش، ناماز ئوقۇش دېگەن ئىشلار «نېمە»، «قانداق» دېگەن سوئاللار بىلەن بولىدىغان ئىشلار ئىدى. ئادەم چوڭ بولغانسېرى سورايدىغىنى «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئال. ئۇلارغا تەربىيەنى باشلىغىنىمىزدا «نېمە ئۈچۈن»لەرنىڭ جاۋابى تەييار بولۇشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئۆگىنىشنىڭ نېمىشقا ئۈنچىلىك مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبى. قۇرئان پەقەت «نېمە»، «قانداق»نىلا ئۆگىتىپ قالماستىن، قۇرئاننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «نېمە ئۈچۈن»لەرگە جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما، مەسىلە شۇكى، بىزنىڭ ئۆگىنىدىغانلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى قۇرئان. ئىسلامنى ئۆگىنىش مەسىلىسىدە بىز قۇرئاننىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆگىنىپ قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ئۆگەنمەيمىز. بالىلىرىڭلارغا قۇرئاننى يادلىتىسىلەر، مۇكەممەل تەجۋىد ئۆگىتىسىلەر. دۇكاندىكى نېمىلەرنىڭ قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىسىلەر. لېكىن، بالىلار «ئال ئىمران» سۈرىسىدە نېمە دېيىلگەنلىكىنى، «نەبە»، «قىيامەت» سۈرىلىرىدە نېمىلەر بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ سۈرىلەرنى نازىل قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ «روشەن دەلىل» كەلىمىسىدىن كېيىن «ھىدايەت»نى تىلغا ئېلىشى روشەن دەلىلنى كۆرۈپ يەتكىنىڭدە ھىدايەتكە ئېرىشىدىغانلىقىڭدىن. سەن بىر نەرسىگە قايىل بولساڭ، بىر نەرسىدىن قەلبىڭ لەرزىگە كەلسە، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭ ئۇلغىيىدۇ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالالايسەن. ھىدايىتىڭ ئارتقانسېرى، دەلىللەر تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. قايىللىقىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. بۇنداق بولغان چاغدا «قەلبتىن چىققان، قەلبكە بارىدۇ» دېگەندەك قايىللىقى مۇستەھكەم بالىلىرىڭلارنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلارمۇ ئۇلارنىڭ قايىللىقى ۋەجىدىن ھىدايەتكە ئۇلىشىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىمانىغا ۋەسىلە بولۇشىدۇ.
ھەجەر ئانىمىز سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگىنىدەك، ھىدايەتمۇ ئاللاھنىڭ ئوچۇق ئايەت - دەلىللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قان - تەر تۆككۈچىلەرگە، ئەجىر قىلغۇچىلارغا نېسىب بولىدۇ.
ئاللاھ بىزنى قۇرئاننى ھەقىقىي مەنىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن، شۇ ۋەسىلە بىلەن نۇرلۇق ھىدايىتىگە ئۇلاشقۇچىلاردىن قىلغاي.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 10 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 9, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرىدىغان گۇناھنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئاللاھ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئاللاھ ھەرگىز مۇسۇلمانغا لەنەت قىلمايدۇ. دېمەك، بۇ گۇناھنى ئۆتكۈزگەنلەر ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدا بولىدۇ. بۇ مەزكۇر گۇناھنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ گۇناھ بەنى ئىسرائىلنىڭ گۇناھى ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن تەرك ئېتىلدى. سىلەرمۇ بۇ گۇناھنى ئۆتكۈزسەڭلار، تەرك ئېتىلىسىلەر.
كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 161 - ئايەت)
بۇ ئايەتتە كافىر بولغانلار دېگەندە كۆزدە تۇتۇلغىنى دەل ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى، ھەقىقەتنى يوشۇرغۇچىلاردۇر. ھەقىقەتنى يوشۇرۇشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى بار. بىرى، ئۇنىڭ گېپىنى قىلماي يوشۇرۇش، يەنە بىرى، ئۇنى ھاياتىغا تەدبىقلىماي يوشۇرۇش. ئەگەر كىشىلەر مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ، ئىسلامنى كۆرەلمىسە، بىز ھەقىقەتنى يوشۇرىۋاتىمىز، دېمەك. ئاللاھ بىزنى كەچۈرسۇن. بىزنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئۈلگىلەردىن بولالمىغىنىمىزنى كەچۈرسۇن. بۇ ئايەتتە «ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ» دەيدۇ. نېمىشقا؟ ۋەزىپەڭ كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىشەنچ بىلەن ئوچۇق بايان قىلىش تۇرۇغلۇق، يوشۇرساڭ، كىشىلەر ئاللاھنى قانداق تاپىدۇ؟ قىيامەت كۈنى ئۇلار بىز ئاللاھنى تاپالمىدۇق، دەيدۇ. دۇنيانىڭ بەشتىن بىرى مۇسۇلمان، ئەمما، ئۇلار ئاللاھنى تاپالمىغانلىقىنى شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنى لەنەتلەشكە باشلايدۇ. «سەن بىلمەمتىڭ؟ ئوقۇيالمامتىڭ؟ ماڭا ئازراق دەپ بېرەلمەمتىڭ؟ مەن سېنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلۇڭدىمۇ بۇ دىننى كۆرەلمىدىم، شۇڭا سەن لەنەتكە لايىق». كاپىرلار قىيامەت كۈنى بۇ تۈردىكى مۇسۇلمانلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئاللاھ بىزنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن.
ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 162 - ئايەت)
ئاللاھ نېمىشقا بۇنداق دەيدۇ؟ يەھۇدىيلار دوزاختا ساناقلىق كۈنلەر قالىدىغانلىقىغا ئاندىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، كۈنىمىزدە بەزى مۇسۇلمانلارمۇ «ھارام ئىشلارنى قىلغان بىلەن دوزاختا مەڭگۈ قالماسمەن» دەيدۇ. بۇنداق پوزىتسىيەدىكىلەرنى ئۇچرىتىپ باققانمۇسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارغا: سەن بۇ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ دوزاختا ئۇزۇن قالمايدىغانلىقىڭنى خىيال قىلىۋاتىسەن، بىلىۋال، مەڭگۈ قالىسەن، يېلىنساڭمۇ ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، مۆھلەت سورىساڭ، مۆھلەت بېرىلمەيدۇ، دەۋاتىدۇ. بۇ ئايەت ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق، شۇنداقمۇ؟
يىللاردىن بېرى قۇرئان ئۆگىنىپ ھېس قىلغان نەرسەم: ئاللاھ ھەر قېتىم سېنى قورقۇتسا، ئارقىدىنلا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. سېنى قورقۇنچ ئىچىدە تاشلاپ قويمايدۇ. كېيىنكى ئايەتتە ئاللاھ دەيدۇكى:
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. («بەقەرە» 163 - ئايەت)
بۇ ئايەتتە دېمەكچى بولغىنى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىلاھى بىلەن ئوخشاش بىر ئىلاھ. ئاشۇ ئوخشاش بىر ئىلاھ ئۇلارغا كىتاب نازىل قىلغان، مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن، ئەمما ئۇلار ئۇ ئىلاھىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان ياخشىلىق ۋە رەھمەتلەرنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنىدى، ئەمدىلىكتە سىلەرگىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىمۇ سىنايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار. ئاخىرىدا دەيدۇكى: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ چەكسىز مېھىر - شەپقەت ئىگىسى، ھەردەم مېھرىبان، رەھىم - شەپقەتلىكتۇر.
ئاللاھ بىزنى ئۆزىنىڭ چەكسىز رەھمىتىگە نائىل بولغۇچىلاردىن، ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 9 - كۈنى
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | مارت 8, 2025 | رامىزان ئۈنچىلىرى
بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 159 - ئايەت)
بۇ ئەسلىدە مەزكۇر سۈرىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان بىر ئايەتنىڭ تەكىتلىنىشى. ئالدىدا ئاللاھ يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، قۇرئاننىڭ ئاخىرقى كىتاب ئىكەنلىكىنى، كەبىنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق مەقسەتلىك يوشۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەر مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ھەققىدە نازىل بولغانىدى. ئەمما، بۇ ئايەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى يەھۇدىيلارغىلا ئەمەس، مۇسۇلمانلارغىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. بۇ سۈرىدە خىلمۇخىل سىناقلار (قورقۇنچ، ئاچلىق، مال - دۇنيا، جان، مەھسۇللارغا كېلىدىغان مۇسىبەتلەر) بايان قىلىنغانىدى. ئەمدى بۇ ئايەتتە بۇ ئۈممەت سىنىلىدىغان، نۆۋەتتە سىنىلىۋاتقان يېڭى بىر سىناق ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ.
كىشىلەر بىزگە (مۇسۇلمانلارغا)، سۆزلىرىمىزگە مىكروسكوپتا قارىشىدۇ. ئامال قىلىپ بىر يەرلىرىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، بىزنىڭ «ياۋايى ئادەملەر» ئىكەنلىكىمىزنى، بىزنىڭ زامانىۋى دۇنياغا تەۋە كىشىلەر ئەمەسلىكىمىزنى، بىزنىڭ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ سادىق پۇقراسى ئەمەسلىكىمىزنى، بىزنىڭ پەقەت قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىلا خالايدىغانلىقىمىزنى… ئىسپاتلىماقچى بولۇشىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئىزچىل بىر ھۇجۇم ۋە قوغدىنىش ھالىتى مەۋجۇت بولىدۇ. «ياق، ياق، بىز تەلۋە ئەمەس»، «ياق، ياق، بىز ئاياللارغا ئۆچ ئەمەس»، «ياق، ياق، بىز پارتلاتمىدۇق»، «ياق، ياق، بىز ئۇنچىۋالا ئەسكى ئەمەس»، «بىز سىلەر ئۈچۈن ئوتخور (ۋىجىتەرىيان) بولۇشقىمۇ رازى» دەپ قورقۇپ، ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا ئاران تۇرىمىز. بىز ئۆزىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرمايدىغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەشسەك، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سىياسىي جەھەتتىن توغرا بولمىغان نەرسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشمىساق دەيمىز. كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا خۇش ياقىدىغان جاۋابلارنى بەرسەك دەيمىز. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلىسا، ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلغىلى تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاۋارىچىلىققا قالمايدىغان جاۋابنى بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئوبدان چارىسى «شۇنداق ئايەت بار، ئەمما مەلۇم شارائىتقا باغلىق» دەپ ياكى «بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراش بار» دەپ ئۆزىنى قاچۇرۇش. ئاللاھ ھەمىشە مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىدۇ. ئەمما، بىز ئوچۇق بايان قىلساق ئاۋارىچىلىققا قالىمىز، شۇنداقمۇ؟ بىز ئاۋارىچىلىققا قالساق، قورقۇنچ، ئاچلىق، مال، جان، ھۇسۇللارغا زىيان كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇ زىيانلارنى تارتقۇمىز يوق. شۇڭا، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، «ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بەزى نەرسىلەرنى تىلغا ئالمايلى، باشقا خۇش قىلىدىغان، يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ گېپىنى قىلايلى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى، جەننەتنىڭ گېپىنى قىلايلى. قۇرئاندىكى قىزىقارلىق قىسسىلەرنىڭ گېپىنى قىلايلى، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ قالمايلى، بولمىسا ئاۋارىچىلىققا قالىمىز. جىھاد ئايەتلىرىنى تىلغا ئالمايلى. ئاۋارىچىلىققا قالىمىز. » دېگەن كويغا كىرىمىز. بۇ كوي نەگە ئاپىرىدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا! بىز ئاۋارىچىلىققا قالماسلىق ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرىمىز.
ئاللاھ بۇ ئايەتتە يوشۇرىدىغانلارغا ئۆزىنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە مەخسۇس لەنەتلەش ئۈچۈن ياراتقان پەرىشتىلەرنىڭمۇ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. سەن كىشىلەردىن كەلگەن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنالىشىڭ مۇمكىن، ئاللاھتىن كەلگەن ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنالمايسەن. سېلىشتۇرمىغا قاراڭلار، ئۆتكەنكى ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم تۇرغۇچىلارغا سالاۋات ۋە رەھمەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسا، ماۋۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تائىپىگە لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى تائىپە ئارىسىدىكى پەرق نېمىدېگەن چوڭ - ھە؟! بىزنىڭ ماۋۇ تائىپىدىن بولۇپ قالغۇمىز يوق، بىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابىنى يوشۇرمىغان ئالدىنقى تائىپىدىن بولساق، دەيمىز. ئايەتنىڭ بېشىدىكى «بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن» دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ قۇرئاندىكى بەزى نەرسىلەر يۈزەكى بېقىشتا توغرا ئەمەستەك، بەك زوراۋان، قوپالدەك بىلىنىدۇ. لېكىن، ئىنچىكىلەپ ئەستايىدىل ئۆگەنگىنىڭدە زوراۋانلىقتىن، قوپاللىقتىن ئەسەر يوقلىقىنى بىلەلەيسەن. ئاللاھ ئۆزى بۇنى ئوچۇق بايان قىلغان. ئايەتلەرنى بىر - بىرىگە زىتتەك ھېس قىلىشنىڭ سەۋەبى، قۇرئاننى يۈزەكى ئوقۇشتىن بولىدۇ. ئەگەر چوڭقۇرلاپ ئوقۇسا، قۇرئاندا ھېچقانداق زىتلىق يوقلۇقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. قۇرئاندا غەيرى مۇسۇلمانلارغا دېسە ئوڭايسىزلانغۇدەك ھېچنەرسە يوق. چۆرىلەر، كۆپ نىكاھلىق بولۇش، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىش… دېگەندەك «زىت» مەسىلىلەر ھەققىدە مەن غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن نورمال دېيىشەلەيمەن. بۇ مېنىڭ بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسىسى ئىكەنلىكىمدىن ئەمەس، ئاللاھ ئۆزى بۇ مەسىلىلەرنى روشەن بايان قىلغان. ئايەتتە «ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن» دېيىلىۋاتىدۇ، يەنى، ئاللاھ بۇ مەسىلىلەرنى پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانلار قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتتە بايان قىلغان. ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئىشىنىڭلار. ئۇ زات قانداق قىلىشنى، قانداق سۆزلەشنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ زاتنىڭ سۆزى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بىزنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزىدىن ئوڭايسىزلىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئاللاھنىڭ سۆزى تەرەپتە تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئاللاھ باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئايەتلىرىنى يوشۇرۇشتىن بىزنى ساقلىسۇن. قەلبىمىزگە شىجائەت، كۈچلۈك ئىمان ئاتا قىلسۇن.
1446 - يىل رامىزاننىڭ 8 - كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار