چەتنەش ۋە قايتىش

ئۆزۈڭلاردىن دائىم «نېمە قىلماقچىدىم؟» دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرامسىلەر؟ تىرىڭڭىدە كەلگەن بىر قىسقا ئۇچۇر، كومپيۇتېر ياكى تېلېفون ئېكرانىدىن لىپپىدە كۆرۈنۈپ قالىدىغان بىلدۈرگۈ… دېگەنلەر دىققىتىڭلارنى چېچىپ تۇرامدۇ؟ تۇرمۇش غېمى ئاخىرەت تەييارلىقى دېگەن ئاساسلىق غەمدىن...

ئۆزىنى يوقاتمىغانلارغا سالام

بەزى كۈنلىرى ساناقسىز ئورۇنۇشلىرىمغا قارىماي بەزى مەسىلىلەر ھەل بولماي كېتىدۇ. «كىچىك ئىشلارغا خۇدايىمنى ئاۋارە قىلمايمەن» دەيدىغان، بەندىنىڭ چوڭ-كىچىك ئورۇنۇشلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بولغاندىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن...

تىزىملىك

1 تور كۆرگۈچتىن قاڭقىپ چىققان ئۇقتۇرۇش، تېلېفونغا كەلگەن ئۇچۇر، ئىشخانىغا كىرگەن مېھمان، قۇلىقىمدا غىڭشىغان بىر ئاھاڭ... دىققىتىمنى چاچىدىغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى. كۈنتەرتىپتىن قايماسلىق ئۈچۈن ئىشخانىدىكى ئاق دوسكىغا قىلىدىغان ئىشلىرىمنى يېزىپ، پۈتكەنلىرىگە بەلگە...

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپى

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپىنى كەبىنىڭ شەرىپىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارمىز. بىراۋلارنىڭ دىنىمىز ھەققىدە چۈشەنمەستىن بىلجىرلاشلىرى باشلارنى قايدۇرمىسۇن!ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەبىنى تاۋاپ...

ھەقىقىي مۇسىبەت

2020-يىل 30-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىزمىردا 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش پەيتىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا 5.5 باللىق يەر تەۋرىگەندە 12-قەۋەتتە لەپەڭشىپ ئولتۇرۇپ، شاھادەت كەلتۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز...

«دۈشەنبە كۈنى ناماز باشلايمەن»

ئۇنىۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر يەكشەنبىسى ئۈچەيلەن يېزائىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان دوستىمىزنى يوقلاپ قويايلى، دەپ كۆمۈركان دوختورخانا بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، دوختورخانا دەرۋازىسىغا كېلىشىمىزگە يېنىمىزدا بىر تاكسى توختاپ، چاچلىرىنى سېرىق...

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى

قەشقەر توققۇز تاش مەسجىدىدە ھېيىت خۇتبىسىدە «ھېيىت — مۇئ‍مىنلەرنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەنىدى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللام. قەلبىمدىكى ھېيىت سۆيۈنچىسى شۇ سۆز بىلەن بىر بالداق ئارتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئۆمەرجان ئالىمنىڭ بىر ناخشىسىدا «روزىنى خەق تۇتسا،...

ئاياسوفيا ھاياجىنى

«ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك ھوزۇرلىنىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىكەنمەن» — دوكتور ئىھسان شەنئوجاق جۈمە كۈنىدىكى ئاياسوفيا ئېچىلىش خاتىرىسى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئىھسان شەنئوجاق غوجانىڭ شۇ سۆزلىرى يۈرىكىمگە تەگدى: ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك...

ئۆلۈم، ۋاقىت ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

18 ياش چېغىمدا 19 ياشلىق ھەدەم قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. ھاياتنىڭ مەنىسى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەڭ كۆپ ئويلىنىشلىرىم شۇ ۋاقىتتا بولغانمىكىن دەيمەن. ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ يەر ئاستى باسمىلاردىن چىققان ئەلىي تەنتاۋىيىنىڭ، مەۋدۇدىنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتنىڭ مەنىسىنى...

تەۋسىيەلەر

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.

شېئىرلار

مەنزىل

كېتەلمەيمەن سوغۇق ھىجراندا، ئۆكۈنچ بىلەن مۇزدەك قەبرىگە. ئۆرلىيەلمەس گۇناھكار روھىم، بۈيۈكلۈككە، كۆكنىڭ قەرىگە. ئاللاھ، تىلسىماتقا ئوخشايسەن خۇددى، يەتمەيدىكەن ھېچبىر خوشاللىق، سېنىڭ ئىزىڭ ئۇچراتقاندىكى شۇ سۈپ-سۈزۈك ھاياجىنىمغا. 6- ئاي، ئۈرۈمچى تونۇر، تالاي سۈبھى...

ئىزدەش

ئازابقا مىلىنىپ ھىجران شەھرىدە، نە ھاسىل يۈرسەممۇ كۆكنىڭ قەرىدە. ئىمكانسىز ۋىسالىڭ قىينايدۇ مېنى، سۆيگۈنى يوشۇردۇڭ قەلبىڭ نەرىگە؟

ئاتەش

تىترىدىم، چىن تىترەش ئەمەستۇر ئاسان، يىغلىدىم ھىجرىڭدە بولۇپ پەرىشان. پىراقتا قىينىلىپ ئۆلۈشۈم مۇمكىن، قاراقتا بولمىسا چېھرىڭدىن نىشان. سەبىيلىك، ئاشىقلىق، ئىدىم چىن ئىنسان، بولاتتىم پەرىشتە سەن يولۇقمىساڭ. نە ئەمدى ئادەملىك ئارتۇقچە ماڭا، بوسۇغاڭ ياتىمەن ئۇرساڭ،...

تۇنجۇقۇش

قار ياغقان كېچە. بىر يالغان ھاياجان پەپىلەر مېنى. ياز كۈنى. ناتونۇش بىرىگە تۆككەنمۇ بولدۇم ھېچكىمگە ئېيتمىغان يالغان سىرىمنى. تالاي رەت ئىزلىدىم تىپ- تېيىز، مۇڭسىز كۆزلەردىن، ۋاقىتسىز يوقاتقان ھاياجىنىمنى. سەن بەلكىم ياش تۆكۈپ يۈرىسەن قىزچاق، تۇرقۇمغا ئوخشىتىپ باشقا...

يېلىنچ

سۈپسۈزۈك چۈشلىرىم، سۈپسۈزۈك چىراي، دىلبىرىم مەن سېنى قانداق ئۇنتۇلاي؟ گۈل بولۇپ باغرىمغا سانچىساڭ تىكەن، يۈرەك قان سايرىغان بۇلبۇلۇڭ بولاي. قولۇڭغا تاش ئالساڭ باشىمنى ئۇراي، مۇڭلانساڭ دەردىڭنى ئاڭلاپ ئولتۇراي. كەت دېمە، ئۆلۈمىم يېقىندۇر، يېقىن، بىر دەقىق بولسىمۇ...

رامىزان

سىر دەرياسى، ياپراق ۋادىسى، يۈرەكلەردە كۆكلەيدۇ يۇلغۇن. تىلسىماتتەك شاتلىق ئالىمى، بېرەلمەيدۇ ساڭا تەسەللى. ئارىيەتكە ئالغان ۋۇجۇدتىن، تارقالماقتا مۇڭلۇق ھارارەت. رامىزانغا تۇتاشتى ئالەم، ئۇچۇپ كەتتى مەغرىبكە ئاتەش. رەڭلىك سۈبھى، ئىللىق ئېتىكاپ، ھاياجاندا تىترەيدۇ...

ياپيېشىل

ياپيېشىل مەھەللەڭ، ياپيېشىل قەلبىم. ياپيېشىل رېئاللىق، ياپيېشىل دەردىم. ياپيېشىل گۇمراھلىق، ياپيېشىل بېسىم. ياپيېشىل توزۇدۇق، ياپيېشىل يېشىڭ.

سۈبھى

مەڭگۈلۈك دەقىقە، مەڭگۈلۈك ئازاب، يەنە كىردىڭ چۈشۈمگە قىزچاق. ئوغۇرلۇقچە تەلمۈرۈش بىلەن كۆمىۋەتتىم سېنى قەلبىمگە. بىلمەيسەن بەلكىم، سېغىنىشىمنىڭ سۆيگۈمدەكلا چوڭقۇرلۇقىنى. قەشقەردىمۇ ياغدىمىكىن قار، چاچلىرىڭنى سىلكىمە ئەسلا. ئۇنتۇمىغىن ئارمانلىرىم بار، ئاڭا قونغان...

كۈنلىرىم

تومۇز. ئۇرۇلماقتا يۈزۈمگە ئاتەش. تۆت كۈندىن كېيىن مەۋلۇت كۈنى ئوماق قىزىمنىڭ. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ھەش- پەش دېگۈچە. كومپيۇتېر ئالدىدا، تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشىدا، تۈگىمەس پروگراممىلار دۆۋىسىدە. موتسىكىلىت ئۈستىدە، غاپىللىق ئىچىدە. ئۇپرىغا كونۇپكا تاختىسى، پۈتمىگەن يۇمشاق...

شەھەرنىڭ سىرى

شەھەر دېگەن ئازابلىق ماكان، ئىس - تۈتۈن، چاڭ - توزان، رېستوران… كىچىك چوڭغا قىلمايدۇ سالام. رەنجىپ يۈرمە ئۇلار ئالدىراش. ئۆي چېيى، توي چېيى ئالدىراتماقتا، قىزىلچاچ، سېرىق چاچ، قارا كۆزلەرنى. ھەممىدە يېڭى ھېس، يېڭى كۆز قاراش، ۋاقىت يوق، بەك ئېغىر بالىغا قاراش. خىزمەت...

روھ غەليانلىرى

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.

دەرسلەر

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.

تەرجىمىلەر

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.