تەۋسىيەلەر
ھېكمەتنى چۈشەنمەستىن «مودا» چۈشەنچىلەر بىلەن ھەققىمۇ «ئىسيان» كۆتۈرىدىغان زېھىننىڭ بىر كۆرۈنۈشى
https://youtu.be/CAkOCFIfJ-4
بالىلارغا ھەرگىز دېيىشكە بولمايدىغان سۆزلەر
بالىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن يىراقلاشتۇرماي دېسىڭىز، بالىلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. https://youtu.be/av35qRExpsU
كىتاب تەۋسىيەسى — «يېگانە ياراتقۇچى»
كىتاب ئوقۇش مۇھىم، توغرا كىتابنى ئوقۇش تېخىمۇ مۇھىم. ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلانغان چاغلىرىمدا ئاللاھنىڭ ماڭا نېمەت قىلىپ بەرگەن ئىمان-ئېتىقادلىق دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيە قىلغان كىتابلىرى بىلەن ھايات، ئۆلۈم، ئىمان، ئېتىقاد، غايە، نىشان ھەققىدە قەلبىمگە ئورناشقان...
شېئىرلار
ساياھەت خاتىرىسى
ياپيېشىل دالىلار، سۈپسۈزۈك سۇلار، يېقىملىق ئىنسانلار، قەدىم كوچىلار. مۇساپىر ھېسلارنى قوغلايدۇ لەرزان، مەنىلىك سۆھبەتلەر، ئوخشاش تۇيغۇلار. 2014- يىل 15-...
تاموژنىدىن ئۆتۈش
پىژغىرىم گۇاڭجۇ، ئىللىق رامىزان. ئۇيغۇر پاسپورتى قادالدى مىقتەك، توختىدى بىردىن تاموژنىچى خان. ئايرىم ئىشخانا، مۇلايىم سۇئال، چۇۋۇلدى قايتا مەزلۇم يۈك- تاقام. ئۆتتى بىر يىلدەك، يېرىم سائىتىم، كەچۈرۈڭ، دېدى، ئوقۇلدى مۇقام. ماڭدىم «شۈكرى» دەپ، قانداق قىلاتتىم، باسمىسا...
ئىلتىماس
كومپيۇتېر، تېلېفون، زامانىۋىلىق، شاۋقۇن سۈرەن... يىراق تۇرۇڭلار بىردەم. بىر قەدەم، بىر قەدەم... يېقىنلاۋاتقان مەسجىد، ئەزان ئاۋازى، يامغۇر تامچىسى، قىرائەت، تەبىئىيلىك بىلەن نۇرلانسۇم كۈلبەم. 2014- يىل 20-...
ئابدۇۋەلىگە
بۇ قىشمۇ شۇ قەدەر كەلدى ئۇشتۇمتۇت،ھۇۋلايدۇ چىلبۆرە قۇلاق تۈۋىمدە.ئېھتىيات ئىچىدە ئالىمەن نەپەس،ئۆزۈملا سىغدالغان تار كۆكرىكىمدە. ياتاقلار سوغۇقمۇ، تاماقلار سۇيۇق؟ياشلىقمۇ ئېيتقىنا گۈلەن* كۆزلىرىڭ؟ئۆزۈڭچۈن دۇئالار قىلدىڭمۇ بۇ كەچ،گۈزەلمۇ قەلبىڭدەك، كۆرگەن چۈشلىرىڭ؟...
قەدىر كېچىسى
ئەي قەدىر كېچىسى، قۇرئان كېچىسى، زىكىردە ئېچىلسۇن قەلبىم غۇنچىسى. رەھمىتىڭ ئىشىكىن چېكىمەن رەببىم، ئىنئام قىل مەغپىرەت، رەھمەت ئۈنچىسى. 2013- يىل 8- ئاينىڭ 4-...
رامىزان (3)
رامىزان، شاياتۇن باغلانغان، مەسجىدلەر ئابىدقا تولغان، مەڭزلەر تەۋبە يېشىدا يۇيۇلغان، قەلبلەر قۇرئان ئىشتىياقىغا تويۇنغان، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇقمۇ بىر تۈرلۈك ھوزۇر تۇيۇلغان، غەيۋەت، ئازارچىلىق، يالغانچىلىق شەئىبان موزىيىغا قويۇلغان. قەدىر كېچىسى- گۈزەل بىر گۈلسەن، تۈننىڭ...
زۇلھەججە
بۇ ئايدا كېلىدۇ بىر ئاتا ئاللاھ ئەمرىنى ئېلىپ ئوغلىنى بوغۇزلاشقا، كېلىدۇ بىر ئوغۇل تەبەسسۇم بىلەن ئاللاھ يولىدا قۇربان بولۇشقا. بۇ ئايدا كېلىدۇ كۆك قوچقار، سۈپ- سۈزۈك ئاتا- بالىنى قۇتلۇقلاشقا. بۇ ئايدا «لەببەيكە» توۋلاپ ئۈزىشەر، ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر يۇلتۇزلار...
تراگىدىيىنىڭ يەنە بىر يۈزى
قىش ھۇۋلايدۇ... كىشىنىڭ ئايالىغا كۆز سالغان ئىپلاس، يەنە ئىككى ئىپلاس خاتىرجەم قەشقەرگە تراگېدىيە چىللايدۇ. سۇغۇرۇلغان كەمەر، سۇغۇرۇلغان پىچاق، شۇقىراپ ئېقىۋاتقان قان... دەھشەت مەنزىرە، ساقچى ماشىنىسى، «بالىلىرىمنى كۆرۈۋالسام بولاتتى» دەپ نالە قىلىۋاتقان دادا......
ئىشقا چۈشۈش خاتىرىسى
خىزمەت قىلىش، ئازابقا قېلىش، ئوخشاشلا بىر ئىش. ئېگىز- ئېگىز قەغەز دۆۋىسى، تۇيغۇلارنى قىلار بۇرۇختۇم. دېگۈم كېلىدۇ: مائاش ئېلىش، ئۈنۋان ئېلىش… مۇھىممىدۇ نەپەس ئېلىشتىن. نېمىدېگەن بىچارىلىك بۇ، خىزمەت ساڭا نەدىن...
توۋا قىلىش
ئازغۇنمەن، ئېزىپ يۈرگەن كۆزۈڭ دەشتىدە، يېنىپ يۈرگەن سۆيگۈڭ تەپتىدە. ھېچنىمە. تېگىشكۈم يوق ئۆزۈمنى ساڭا. مۇھەببەت… تەڭدىن تولا ساختىلىق بىلەن رەڭلەنمەكتە ئاشىقسىز دۇنيا. رەنجىمە. ئۆزگەرگۈم يوق باشقا بىرىگە. مەيلى مەيلى ئادەم پېتىمچە سىڭىپ كېتەي يوقلۇق...
روھ غەليانلىرى
نەپىس ۋە قانائەت
نەپىسكە بويسۇنۇش ئىنساننى ھايۋانغا ئايلاندۇرىدۇ. نەپىسنى ئۆلۈمدىن باشقا ھېچنىمە قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. چاكىنىلىقلارنىڭ ھەممىسى نەپىسنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئاپىرىدە بولىدۇ. بېخىللىق، قورقۇنچاقلىق، تەكەببۇرلۇق، ھورۇنلۇق، ھارامخورلۇق… دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ...
تىلەكلىرىم
بۈيۈك پەرۋەردىگار، ئازغۇنلۇقنىڭ رەستىلىرىدە قەلبىمنى بىھۇدىلىكنىڭ مۇھەببىتىگە لىق تولدۇرغىنىمنى كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ئالاق-جالاق كۆزلىرىمدە ئادەملەردىن ئەيمىنىپ، قەلبىمنىمۇ روشەن كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆزۈڭدىن ئەيمەنمەي بىھايالىققا ئەسىر بولغىنىمنى ھەم كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ماختىلىش...
ئايەم تۇيغۇلىرى
گۈلۈم، مانا بىزنىڭ بايرىمىمىز. زېمىن ئاللاھنىڭ رەھمەت چاچقۇسى بىلەن لىق تولىدىغان دەقىقىلەر، دىللار شاتلىققا پۈركىنىدىغان مىنۇتلار. مۇبارەك رامىزاندىن پاكلىق نۇرلىرىنى سۈمۈرگەن شەۋۋال ئېيى بىزگە مەخپىي تىلەك تىلەۋاتىدۇ؛ «كۈلگىن، ئەي پاك يۈرەك ساھىبلىرى» دەپ...
نېمە ئىستەيسەن، نېمە
ئالدىراپلا يۈرىسەن، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ قەلبىڭ تىپ- تىنچ ئىستىقامەتتە ئۆزلۈكۈڭ ئۈستىدە كېڭىشىپ باقمىدى. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ئاللاھ زىكرىنى ئۇنتۇدۇڭ. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ كۈنلەر ئاقماقتا. ئېرىشكىنىڭ پۇلدىن باشقا ھېچنېمە. ئېيت، نېمە...
قىزىم
مەن تۇنجۇقماقتىدىم. باھارنىڭكىدەك سۈپسۈزۈك ھاۋا دىمىقىمغا ئۇرۇلدى؛ قەلبىمگە رەزىللىكلەر ئورناشماقتىدى. ھەقنىڭ ساداسى ئۇلارنى ھۈركۈتتى. شۇندىلا مەن يىغلىۋەتتىم. بوغۇزۇمغا قاپلاشقان ئېغىرچىلىق بوشايدىغاندەك ئەمەس ئىدى؛ كۆزلىرىم ئولتۇرۇشقان، گۇناھلىرىمدەك سانجاق- سانجاق...
سېنىڭ سۈرىتىڭ
سەن ۋەسۋەسىلەرگە ئىشىكىڭنى ئېچىۋېرىسەن، ئۇلار كىرىۋېرىدۇ. يۇپۇرۇلۇپ بەشتىن، ئوندىن كېلىشىپ سېنى ئىسكەنجىگە ئالغىنىدا ئۆزۈڭنىڭ ھالسىزلىنىۋاتقىنىڭنى سېزىسەن. قەلبىڭ بىئاراملىققا تولىدۇ. ئىشىكنى ئاچماستا خېلى ياخشى ئىكەنلىكىڭنى ئەمدى ھېس قىلىسەن. ئاتاڭ سېنى ئەيىبلەيدۇ....
دەرسلەر
No Results Found
The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.
تەرجىمىلەر
No Results Found
The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.